ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەر شارىنىڭ يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-14 15:17

«پارىژ كېلىشىمى» 2015-يىلى 12-ئايدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2016-يىلى 11-ئايدا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. بۇ يىل دەل «پارىژ كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش ئون يىللىق ئەگرى-توقاي مۇساپىنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنە بىر قېتىم ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا.
ئون يىل ئىلگىرى «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ماقۇللىنىشى يەر شارى كىلىمات ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ «نۇرلۇق پەيتى»دەپ تەرىپلەنگەنىدى. 10 يىلدىن بۇيان، «پارىژ كېلىشىمى» يەر شارى كىلىمات ھەمكارلىقىنىڭ ئەگرى-تۇقايلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
2020-يىلى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە خەلقئارا كىلىمات سۆھبىتى بىر مەھەل ئۈزۈلۈپ قالدى، 2021-يىلى ئەنگلىيە گىلاسگوۋ كىلىمات يىغىنى يەر شارى كىلىمات ھەمكارلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى قايتا تۇرغۇزدى، بولۇپمۇ يىغىن ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ 21-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا كىلىمات ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى گىلاسگوۋ بىرلەشمە خىتابنامىسى» تۈزگۈچى تەرەپلەرگە «كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق» بەردى.
«پارىژ كېلىشىمى» دۇچ كەلگەن تېخىمۇ چوڭ زەربە ئامېرىكىنىڭ تۇراقسىز كىلىمات سىياسىتىدىن بولغان. 2017-يىلى ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى «پارىژ كېلىشىمى»دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، 2021-يىلى بايدىن ھۆكۈمىتى قايتىدىن قوشۇلغان، 2025-يىلى ترامپ قايتىدىن تەختكە چىققاندىن كېيىن يەنە چېكىنىپ چىققان. ئامېرىكىنىڭ ئىككى قېتىم چېكىنىپ چىقىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىلمىي پاكىتىغا ئېتىبارسىز قاراپلا قالماستىن، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئورتاق تونۇشى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىگە تېخىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەش سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ماغدۇرسىزلىقىنى ئاشكارىلىدى.
دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە يەر شارىدا 125 مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولغان. 2025-يىلى 1-ئايدا دۇنيا ھاۋا رايى تەشكىلاتى 2024-يىلى يەر شارى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنىڭ 2023- يىلىدىن ئېشىپ يەنە يېڭى رېكورت ياراتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. گەرچە بىر يىلدا 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمىسىمۇ، 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە تېمپېراتۇرا ئۆرلىشىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كېتىشى ئېل نىنو ھادىسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسىنىڭ 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىش-كەتمەسلىكىدە قىسقا مۇددەتلىك ئامىلنى تۈگىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك يۈزلىنىشكە قاراش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىي ئۆلچەنگەن تېمپېراتۇرا ۋە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن كۆزلىمىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەر شارىنىڭ 2030-يىلى ئەتراپىدا (2028-يىلىدىن 2036-يىلىغىچە) 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، 2048-يىلى ئەتراپىدا (2040-يىلىدىن 2062-يىلىغىچە) 2 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ۋاقتىنچە 1.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتكەن، ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ كېيىنكى مەزگىلدە يەنە كۆپ مىقداردا مەنپىي قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
ئېنىقكى، يۈز يىللىق ئۆلچەشتە، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ پارنىك گازىنى كۆپلەپ قويۇپ بېرىشى يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى ھەرگىزمۇ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىلا ئەمەس، ناچار ھاۋارايى كىلىمات ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، خىرىس كۈنسېرى كەسكىنلىشىدۇ. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ، يەر شارى كىلىمات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش مۇقەررەر يول.
جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ھاسىل قىلىنىشى، ئىمزالىنىشى، كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشتى. 2025-يىلى جۇڭگو «قوش كاربون» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە ئېنىقلىق ئاتا قىلىپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپىكارى ۋە باشلامچىسىغا ئايلاندى. فىرانسىيە «پارىژ كېلىشىمى» ماقۇللانغان ۋە ئىمزالانغان چاغدىكى ساھىبخانا دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ تەستە قولغا كەلگەن نەتىجىلىرىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىدى. 2025-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە «پارىژ كېلىشىمى» ھاسىل قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، كىلىمات ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ «ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشتىكى تۈپ قانۇن مىزانى ۋە ئاساسىي يوللۇق ئورنىنى قوغداشتىكى ئاساسىي مەيدانى ۋە سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى نامايان قىلدى.
2025-يىلى خەلقئارا كىلىمات مۇساپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق «چوڭ يىل» بولىدۇ. ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يۈكسەك ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، 2035-يىلىغا يۈزلەنگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يىل ئاخىرىدا بىرازىلىيەنىڭ بېلوندا ئېچىلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 30-قېتىملىق يىغىنىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان رەقەملەشتۈرۈش ۋە يېشىللاشتۇرۇش پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر تېخىمۇ تىرىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پارىژ كېلىشىمى»دىكى كېيىنكى ھالقىلىق 10 يىلغا قەدەم قويۇشى كېرەك.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەر شارىنىڭ يېشىل تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرەيلى

«پارىژ كېلىشىمى» 2015-يىلى 12-ئايدا «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى»نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 21-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2016-يىلى 11-ئايدا