جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى جەنۇبىي ئافرىقىغا «يېشىل ئۈمىد» ئۇرۇقى چاچتى
سەھەر سائەت ئالتىدە، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كىۋازۇلۇ-ناتال ئۆلكىسىدىكى فانتىشىر قورۇقىنى ئالتۇن رەڭلىك سۇس تۇمان قاپلىدى. تۇتاش كەتكەن شېكەر قومۇشى شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، بۆكەنلەر چاتقاللىقتىن يەڭگىل سەكرەپ ئۆتەتتى، تاغىل ئاتلار بەخىرامان ئوتلاپ يۈرەتتى. مەيىن شامال تۇپراقنىڭ خۇش ھىدىنى ئېلىپ كېلەتتى، قورۇق جىمجىتلىق ئىچىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىدى.
قورۇقنىڭ مەركىزىدىكى شېكەر قومۇشى ئېتىزىدا، جۇڭگو جىفېي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدىن كەلتۈرۈلگەن بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا تەڭشەلگەن 60 لىتىر مىكروب يوقىتىش دورىسى قاچىلانغان بولۇپ، ئۇچۇرغۇچىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئۇچۇپ، ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە شېكەر قومۇشلۇقىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان جايغا سىلىق ئۇچۇپ بېرىپ دورا چېچىشقا باشلىدى. قويۇق دورا تۇمانلىرى خۇددى نېپىز شايىدەك پەسلەپ، ھەر بىر قىردىكى شېكەر قومۇشىنى قاپلىدى.
فانتىشىر-يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەلىك ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان چوڭ سودا دېھقانچىلىق مەيدانى بولۇپ، كىۋازۇلۇ-ناتال ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پېتېرمارىتزبۇرگقا 30 كىلومېتىر كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 2250 گېكتار بولۇپ، شېكەر قومۇشى، نيۇيۇ مېۋىسى، تاغ ياڭىقى ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ.
دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائىتى بولغان شېكەر قومۇشى يىلبويى شېكەر قومۇشى كېپىنىكىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. قورۇقنىڭ يېزا ئىگىلىك دىرېكتورى دېۋىن بۇگېل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىشىش مەزگىلىدىكى شېكەر قومۇشىنىڭ ئېگىزلىكى 3 مېتىردىن 4 مېتىرغىچە بولۇپ، زىچ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى ئۆتكۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىقچىلىق رايونىنىڭ يەر شەكلى بەك ئېگىز-پەس بولغاچقا، ئەنئەنىۋى ئادەم كۈچى بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش زىرائەتلەرنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۈنۈمىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.
2024-يىلى، بۇگېل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى قورۇققا دېھقانچىلىق دورىسى ۋە ئوغۇت چېچىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت ھۆددىگىرى جون پىرىنسلۇنى ئىزدىدى. پىرىنسلو جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ، ئەتراپتىكى 26 دېھقانچىلىق مەيدانىغا مۇلازىمەت قىلدى.
پىرىنسلۇ يېزا ئىگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۇنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمىدە دېدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق ھېساب قىلىپ بەردى: 40 گېكتار يەردىكى شېكەر قومۇشىغا ئادەم كۈچى بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى چېچىش ئۈچۈن 30 دىن 40 قىچە ئادەم بىر كۈن ئىشلەيدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن مەشغۇلات قىلىشنى پەقەت ئۈچ ئادەملا تاماملايدۇ. يەر شەكلى تىك بولغان تېرىقچىلىق رايونىدا، بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كۈندىلىك مەشغۇلات مىقدارى 90 گېكتارغا، تۈزلەڭ جايلاردا ھەتتا كۈنىگە 170 گېكتارغا يېتىدۇ.
تۇنجى شېكەر قومۇشلۇقىغا دېھقانچىلىق دورىسى چېچىلىپ بولغاندىن كېيىن، 21 ياشلىق ئۇچۇرغۇچى لۇتىئۇس دىپلېش قولىدىكى تىزگىنەكنى يېنىك تەۋرەتتى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان دەرھال قايتىپ كېلىپ، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا قوندى. يەر يۈزىدىكى ئىككى مۇلازىمەتچى دەرھال ئۇنىڭ باتارېيەسىنى ئالماشتۇرۇپ، دورىنى قايتىدىن توشقۇزدى.
دىپلېش مەشغۇلات قىلغاچ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەشغۇلاتى قارىماققا مۇرەككەپتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئاددىي. پەقەت ئالدىن تەڭشەپ قويسىلا، ئۇچقاندىن كېيىن ئاساسەن پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىدۇ. ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن 3D بىلەن يەر شەكلىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بىخەتەر ئۇچۇش ئېگىزلىكى ۋە سۈرئەتنى بېكىتەلەيدۇ، ئۇچۇرغۇچى يەنە دورا چېچىش دائىرىسى، چېچىش مىقدارى ۋە دورا سۇيۇقلۇقىنى تۇمانلاشتۇرۇش دانىچىلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، دەل جايىدا پۈركۈشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرى تىك ئۇچار بىلەن دېھقانچىلىق دورىسى چاچقاندا ئۇچۇش سۈرئىتى تېز، ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغاچقا، مەشغۇلات قىلغاندا دېھقانچىلىق دورىسى شامالدا ئاسانلا تارقىلىپ كېتىپ، مۇھىتنى بۇلغاپلا قالماي، ئەتراپتىكى زىرائەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىدى.
پىرىنسلۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى بىزنىڭ زىرائەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ پەرۋىش قىلىشىمىزغا ياردەم بەردى، تىك ئۇچارنىڭ كەڭ دائىرىدە بىر تۇتاش دورا چېچىش مەشغۇلاتىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئوخشىمىغان زىرائەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دورا چېچىش مىقدارىنى رايونلارغا بۆلۈپ تەڭشىيەلەيدۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر گېكتار يەردىكى شېكەر قومۇشىغا دورا چېچىلىپ بولدى. دىپلېش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، دورا تەڭشەش ماشىنىسىنى ئېلىپ، قورۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى شېكەر قومۇشلۇقىغا قاراپ داۋاملىق يۈرۈپ كەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى جەنۇبىي ئافرىقا بازىرىغا كىرگەندىن بۇيان، جىفېي شىركىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت كۆلىمى 66 مىڭ گېكتاردىن ئاشقان.
بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈپ، شۇ جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ياردەم بەردى. موزامبىكتىكى شاللىق، ئېفىيوپىيەدىكى بۇغدايلىق ۋە گانادىكى كۆكتاتلىق ئاسمىنىدا، داجياڭ، جىفېي قاتارلىق جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى ئافرىقىدىكى تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارغا مول ھوسۇل ئۈمىدى ئاتا قىلماقتا.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار