ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھايات قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-14 15:24

بىرمىنىڭ ئىرراۋاددى دەرياسى بويىدىكى قەدىمىي شەھىرى ماندالاي ئاپەت داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئويغاندى.
بۈگۈن 52 ياشلىق گېشەنلۈننىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر ياخشى ئىدى. دوختۇر ئۇنىڭغا سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۈچ كۈن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇ ئاخىرى ئۆزى 125 سائەتكە يېقىن باشتىن كەچۈرگەن قاباھەتلىك چۈشنى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان بولدى.
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى ماندالاي شەھىرىدىكى ئالتۇن يېزا مېھمانسارىيىدىكى قۇتقۇزۇش نۇقتىسىدا قاپسىلىپ قالغىنىغا بەش كۈندىن ئاشقان گېشەنلۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇپ چىقتى.
گېشەنلۇن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: يەر تەۋرىگەندە ھەمراھلىرىم بىلەن ئۆيدە پاراڭلىشىۋاتاتتۇق، بىنا تۇيۇقسىز قاتتىق سىلكىنىپ، كارىۋات يېنىغا يىقىلدىم. تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ، تورۇس كارىۋاتقا چۈشۈپ، يەر يۈزىدە تار بوشلۇق ھاسىل بولدى، قولۇملا يېنىك يارىلاندى.
قاتتىق يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، گېشەنلۈن دەرھال ھەمراھىنى چاقىرىپ، ھەمراھىنىڭ بېلىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدى.ئۇلار ئۇچرىشالمىغاچقا، پات-پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، جىسمانىي كۈچىنى ساقلاپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇردى.
ئۆرۈلۈپ چۈشكەن مېھمانساراينىڭ ياتىقى قاراڭغۇ ئىدى، گېشەنلۈن ئۆزىنىڭ ئەتراپىنى ئېھتىيات بىلەن كۆزىتىۋىدى، بىر قۇتا قولىغا ئۇرۇلدى، ئۇ ئۇنى ئېچىپ ھەمراھى ئېلىپ كەلگەن شاكىلات تالقىنى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇ ئۇنىڭ ياشاش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
شاكىلات تالقىنى قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئىستاكان قىلىپ، سۈيدۈكىنى ئىچتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېپىۋالغان كالتەك بىلەن تۆت ئەتراپقا ئۇرۇپ ياردەم تەلەپ قىلدى. تار بوشلۇقتا كېچە-كۈندۈزنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى، پەقەت سىرتتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان موتوسىكلىتنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىغىلى بولاتتى.
بارا-بارا ھەمراھىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانمىدى، كالتەكتە ئاۋاز چىقىرىپمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىدى، ئۈمىدسىزلىك گېشەنلۈننى نەپەستىن قىسىپ قويغاندەك بولدى. ئۇ تاماق يېمىگىنىگە قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى بىلمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھاياتتىن ۋاز كەچمەكچى بولدى.
ـــ تاڭ، تاڭ، تاڭ ... ئادەم بارمۇ؟ بىز قۇتقۇزۇش ئەترىتى!
گېشەنلۈن كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان ئاۋازغا ئاخىرى ئېرىشتى، ئۇ كۈچەپ جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىگە مەدەت بېرىپ، يورۇقلۇقنى قايتا كۆرىدىغان ئاشۇ پەيتنى كۈتتى.
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 14 لەرە، ئالتۇن يېزا مېھمانسارىيىنىڭ سىرتىغا ئېھتىيات لېنتىسى تارتىلدى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، توك تارقىتىش ئاپتوموبىلى ئىشقا كىرىشتى، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىلەن جۇڭگو ئارمىيەسى ئەۋەتكەن جۇڭگو خەلقئارا قۇتقۇزۇش ئەترىتى بىرلىشىپ مەشغۇلات قىلىشقا باشلىدى. توك ھەرىسىنىڭ ئاۋازى تامدىن ئۆتۈپ گېشەنلۈننىڭ قۇلىقىغا كىردى، ئۇ ئۆزىنىڭ پات ئارىدا قۇتقۇزىلىدىغانلىقىنى بىلدى.
ئاۋاز بارغانسېرى روشەنلەشتى، ئاخىرى تورۇس يېرىلدى، مېنى قۇتقۇزغان ئادەمنى كۆردۈم. كۆزۈم كۈچلۈك نۇرنى دەماللىققا قوبۇل قىلالمىدى، كۆزۈمنى يۇمۇپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە دوختۇرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردۇم، تەرجىمان بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۈپ، جۇڭگو قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ مېنى قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدىم.
گېشەنلۈن بىلەن ئايالى دۇ مياۋمياۋشەن ماندىلايدا بىر كېچە تۇرۇپ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئوغۇللىرى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولماقچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتىدىكىلەرگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن! ئۇلار بولمىسا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا كۆرەلمەيتىم. ئاخىرى ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولىدىغان بولدۇم، مەن ھەقىقەتەن بەك خۇشال!
دۇ مياۋمياۋشەن مۇخبىرغا: بىز ئىرراۋاددى ئۆلكىسىنىڭ بىر يېزىسىدىن، قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىز يۇرتداشلارنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارغا بۇ بىر نەچچە كۈندىكى كەچۈرمىشلىرىمىزنى سۆزلەپ بەرمەكچى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھايات قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش

بىرمىنىڭ ئىرراۋاددى دەرياسى بويىدىكى قەدىمىي شەھىرى ماندالاي ئاپەت داۋامىدا ئاستا-ئاستا ئويغاندى.