ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى توسۇش-ئامېرىكىنىڭ ئۆز تومۇرىنى ئۆزى كېسىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-07 08:57
خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئونىڭ يېقىندا ئامېرىكا جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشقا باشلىدى دەپ جاكارلىغانلىقىغا قارىتا، «بۇ، ئىدېئولوگىيە ئاساسىدىكى بىر تەرەپلىمە قاراش»، «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى مائارىپ مۇناسىۋىتىنى زەھەرلىگەنلىك»، «ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ» دەپ كەڭ كۆلەمدە تەنقىد قىلدى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ بۇ سىياسىي خاراكتېرلىك، كەمسىتىش خاراكتېرلىك نەيرەڭۋازلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى ھەم كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان، خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان چەكلىمە قويۇش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇ، قىسمەن ئىشتاتلارنىڭ كومپيۇتېر ئىلىمى، پۇل مۇئامىلە قۇرۇلۇشى قاتارلىق كەسىپلىرىدە خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشقا چەكلىمە قويۇش،  ھۆكۈمەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئازايتىش، خارۋارد داشۆسىنىڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش، ئالىي مەكتەپلەرنى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەشكە مەجبۇرلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم «جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بار ياكى ھالقىلىق ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى يولسىزلارچە ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ئىدېئولوگىيە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى باھانە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش»نى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشقان تەدبىردۇر. بۇنىڭ كەينىدىكى مەقسەت نېمە؟
دىپلوماتىيە شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى خەيدۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئەندىشىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىنى ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئۇرۇشى» كەيپىياتى قاپلاپ كەتتى. شۇڭا، رۇبىئوغا ئوخشاش ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلەش ئۈچۈن، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا قارىتىلغان رايون سىياسىي ئېلىشىش قورالى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكا، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش»ىغا تۈرتكە بولۇشقا ئۇرۇندى. 
ئامېرىكا خەلقئارا مائارىپ تەتقىقاتخانىسى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلغان «ئامېرىكىنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دوكلاتى»غا قارىغاندا، 2023-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە، 210 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق خەلقئارا ئوقۇغۇچى ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە رويخەتكە ئالدۇرغان بولۇپ، پۈتۈن ئامېرىكا ئالىي مائارىپ نوپۇسىنىڭ %6 نى ئىگىلىگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋىزا مەسىلىسىدە چەك قويغاچقا، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 2019-يىلىدىكى 370 مىڭدىن ھازىر 277 مىڭغا ئازايغان بولسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكىدىكى 2-چوڭ خەلقئارا ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى يولسىزلىق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى مۇقەررەر ھالدا يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ،  سېسىق نامى پۇر كەتكەن «ماك كارتىئىزم» ۋە «جۇڭگو ھەرىكەت پىلانى»نى ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئېسىگە سالىدۇ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە تومۇزغا ئېففېكتى پەيدا قىلىدۇ، بۇ، باشقىلارغا ھەم ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ بۇ مەيدان «مائارىپنى توسۇش» ھەرىكىتى يالغۇز جۇڭگوغىلا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى يەر شارىغا قارىتىلغان. بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 88 ئالىي مەكتەپنىڭ ئاز دېگەندە 529 ئوقۇغۇچىسى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىسى ۋە تەتقىقات خادىمىنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىپ ئۆگەنگۈچىلەر ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن ئالدىن كېلىشىشىنى ۋاقتىنچە توختاتقان. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى دېدى. چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا، ھەر قايسى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىگە بەس-بەستە ئېتىراز بىلدۈردى. خارۋارد داشۆسى، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى، كالىفورنىيە داشۆسى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئەرز قىلدى؛ ئالما، گۇگۇل، مىكروسوفت قاتارلىق پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىمۇ ۋىزىغا چەك قويۇش ئامېرىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى. خۇددى ۋېسلىي داشۆسىنىڭ مۇدىرى مايكول رۇس كۆرسەتكەندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا سىياسىتى ئىنتايىن خاتا بولۇپ، ئەكسىچە ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئەمەلىيەت بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىدى ھەم ئىسپاتلاۋاتىدۇ. مائارىپ قاتلىمىدىن قارىغاندا، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتىدە، ئەگەر ۋىزا بىكار قىلىنسا، خەلقئارا مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا زەربە بېرىپ، پەن تەتقىقات تۈرى ۋە بىلىمدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىختىساسلىقلار زاپىسىنى ئازايتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. سۈنئىي ئەقىل ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، گۇگۇل شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىمىت ئىلگىرى جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ھالقىلىق ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاپتورلىرى ئىكەنلىكى، «ئەگەر ئامېرىكا ئۇلاردىن يىراقلىشىدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ئورنىغا زىيان يېتىدىغانلىقى»نى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان.
مەكتەپ قاتلىمىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىلىدىغان قوشما ئىشتات مەبلىغى ۋە تولۇقلىمىنى توختىتىمىز دەپ تەھدىت سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز دېدى، بۇ مۇقەررەر ھالدا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەبلەغ جىددىيلىكىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ مائارىپ كەسپىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، مائارىپ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مۇلازىمەت سودىسىى ئاكتىپ بالانىسىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى. «ئامېرىكىنىڭ ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دوكلاتى»دىن ئايان بولۇشىچە، 2023-يىلى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ئىقتىسادىغا 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆھپە قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت سودىسى ئاكتىپ بالانىسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ، چەتئەلدە ئوقۇش ئامېرىكىغا بېرىش مۇلازىمەت سودىسىدىكى ئاساسلىق ئىستېمال تۈرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش-ئامېرىكىنىڭ  «ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزىنى ناكار قىلىۋېلىش» بىلەن ھەپىلىشىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئەقىللىك، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلماسلىقى شۇنداقلا ئامېرىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىشەنچىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، قوغلاپ چىقىرىش خەتىرى يوق جايلارغا ئارقا-ئارقىدىن قېچىپ بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۇچرايدىغان زىيان كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا ئۆزىنى «دېموكراتىيە ماياكى» دەپ ئاتاپ، «ئەركىن، ئېچىۋېتىلگەن» ئىلىم مۇھىتىغا ئىگە دەپ كۆككە كۆتۈرۈپ كەلدى. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىنى قاراتمىلىق ھالدا بىكار قىلىش ئۇسۇلى ئامېرىكا پۈۋلەپ پەيدا قىلغان سوپۇن ماغزىپىنى يېرىپ تاشلاپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى مائارىپ يېتەكلىگۈچىسى بولۇش سۈپىتىدىكى خەلقئارا ئىناۋىتى ۋە دۆلەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ئىختىساسلىقلار، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن ئامېرىكا خەلقئارا مائارىپ خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىغا تەھدىت پەيدا قىلماستىن، بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان بايلىقى دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.
تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەقىقىي كۈچلۈك دۆلەت ئەزەلدىن بېكىنمىچىلىك ۋە چەتكە قېقىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئەمەس. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مائارىپ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى شۇنداقلا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنى توسۇش-ئامېرىكىنىڭ ئۆز تومۇرىنى ئۆزى كېسىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس؛ «ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئاجىزلاشتۇرۇش» بىلەن ھەپىلىشىش رېئاللىقتىن ئايرىلغان بولۇپ، جەزمەن كارغا كەلمەيدۇ. يەر شارىدىكى ئىختىساسلىقلار يەنە نەزىرىنى ئامېرىكىغا قاراتمىغاندا، ئاتالمىش «ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ قىلىش» پەقەتلا «ئامېرىكىنى يېتىم قالدۇرۇش»قا ئايلىنىپ قالىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى توسۇش-ئامېرىكىنىڭ ئۆز تومۇرىنى ئۆزى كېسىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى توسۇش-ئامېرىكىنىڭ ئۆز تومۇرىنى ئۆزى كېسىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس