ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىق ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە كەسپىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى
ئامېرىكا غەربىي جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى : ئۇزۇن مۇددەت يولغا قويۇلغان «يۈك-تاق توشۇش ھەققى ئالماسلىق» سىياسىتى رەسمىي توختىتىلىدۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، شىركىتىمىز توشۇشقا ھاۋالە قىلىنغان تۇنجى يۈك-تاقتىن 35 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالىدۇ، يولۇچىلار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزا ياكى يۇقىرى باھالىق ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالمىسىلا، ئىككىنچى يۈك-تاقتىن 45 ئامېرىكا دوللىرى ھەق ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئامېرىكىدىكى يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقىدىن ئىككىنى ھەقسىز توشۇيدىغان چوڭ تىپتىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىرى بولۇپ، «يۈك تاق توشۇش ھەققى ئالماسلىق» تىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مۇلازىمەت ئۇنى رىقابەت كەسكىن بولغان ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە بازىرىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى توشۇش ھەققى ئالماسلىق سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش شىركەتنىڭ سىياسەتتىكى مۇھىم ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەھلىلچىلەر: بۇ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ بىر پۈتۈن سودا ئىستراتېگىيەسىنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ، ھەقسىز مۇلازىمەتنى ئازايتىش ئارقىلىق پايدا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى. غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى تام دوكسى: يېڭى يۈك تاق توشۇش ھەققى كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ،«يۈك تاق توشۇش مىقدارى ئازايسا، شىركەتمۇ تەننەرخنى تېجىيەلەيدۇ،دېدى.
نۆۋەتتە خەلقئارادا بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرمەكتە، ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى قالايمىقان يولغا قويۇش تەدبىرى دۇنيا سودىسىنىڭ پارچىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساقلانغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يۈك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، تاشقى ساھەنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى ئادام بوسېن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى ، 2025-يىلى چېكىنىش نىسبىتى %65 كە يېتىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، غەربىي جەنۇب ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى 2025-يىلىدىكى نەتىجە كۆزلىمىسىنى بىكار قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىدا بىر قەدەر چوڭ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالدۇق، دەپ قارىدى.
ھازىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ساياھەت ئېھتىياجى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكىغا ساياھەتكە بارىدىغان چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازلاپ كەتكەن، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ سودا جەھەتتىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكىغا بېرىش سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىنى چىڭىتىشى، ۋىزا ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ ساياھەتچىلىككە پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدا، ئامېرىكىغا بارىدىغان خەلقئارادىكى ساياھەتچىلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 تۆۋەنلىگەن، 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، ئامېرىكىغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان زاكاز مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 تۆۋەنلىگەن، پۈتۈن بىر يىلدا ئامېرىكىغا بارىدىغان خەلقئارادىكى ساياھەتچىلەر %8.7 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھىتىمۇ ئوخشاشلا سۇسلاشتى، چۈنكى نۇرغۇن ئامېرىكا ئاممىسى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ پات ئارىدا چېكىنىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، تاموژنا بېجىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتىپ ئېلىش ئىستېمال باھاسىنى تېز سۈرئەتتە ئۆرلىتىۋەتتى، شۇڭا ساياھەتچىلەر ساياھەت پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. دۇنيا ساياھەت ۋە سەپەر كېڭىشى ئوكسفورد ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى بىلەن بىرلىشىپ تەھلىل قىلىپ چىقارغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى ئامېرىكا ساياھەت كىرىمىدە 12 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتىشى مۇمكىن ئىكەن، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن يىللىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئىستېمال چىقىمى 2024-يىلىدىكىدىن تەخمىنەن %7 ئازىيىپ، 2019-يىلىدىكى ئامېرىكا ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسى مەزگىلىدىكىدىن %22 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىقتىسادنىڭ ئېنىقسىز ئىستىقبالى ھەمدە ئاۋىئاتسىيە ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنى نۆۋەتچى ئايروپىلان قېتىمىنى ئازايتىش، ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەننەرخنى كونترول قىلىپ، پايدا نىسبىتى ۋە نەق پۇل ئوبوروتىنى ساقلاشقا مەجبۇر قىلدى. دېلتا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېد باستىئان : ھازىر دۇنيا سودىسى بىر قەدەر چوڭ ئېنىقسىزلىققا دۇچ كەلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى توختاپ قېلىشقا يۈزلەندى. ئىقتىسادنىڭ بۇنداق تۆۋەن ئېشىش مۇھىتىدا، بىز ئۆزىمىز كونترول قىلالايدىغان بارلىق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا