ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شەھەرلەر دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-08 11:52

«شاڭخەي دۇنيا شەھەر باشلىقلىرى سۆزلىشىشى ۋە 2025-يىللىق شاڭخەي خەلقئارا دوست شەھەرلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى» پائالىيىتى يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىغا جەم بولۇپ، «يېشىل، تۆۋەن كاربون، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش»نى ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى.
 شەھەر ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ نۇرلۇق مەرۋايىتى، شۇنداقلا خەلقئارا ئالاقىنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنى. كىلىمات ئۆزگىرىشى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئاممىۋى ساغلاملىق قاتارلىق قارالمىلاردا، شەھەرلەر ئارا رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكە بولۇش دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم موتۇرىغا ئايلانماقتا، ئۇ ئورتاق تونۇشنى جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، شەھەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەمەلىي لايىھە ئېلىپ كىلىدۇ. كۆپ مەنبەلىك ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، قائىدىدە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، شەھەر دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ قوشتى.
  يېشىل رەڭ شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ روشەن ئاساسى رېڭى. كىلىمات ئۆزگىرىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق خىرىس، كاربون قويۇپ بېرىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە بولغان شەھەرلەر كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر خىل رىشتىگە ئايلىنىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەرنى زىچ باغلىدى. نۇرغۇن شەھەرلەر دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىققا پائال ئاتلىنىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ، ئېنىرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى. شېنجېن بىلەن سىنگاپور يېشىل شەھەر ھەمكارلىق مېخانىزىمىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئاقىل شەھەر بىلەن تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى يۇغۇرۇش يولى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى. بېيجىڭ بىلەن فرانسىيە پارىژ شەھىرىنىڭ ئاقىل شەھەر ھەمكارلىقى دۇنيادىكى شەھەرلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا مەدەنىيەت ھالقىغان ھەمكارلىق ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ ھەمكارلىق ھەم شەھەرلەرنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشتى، ھەم پۈتۈن دۇنياغا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا بولغان ئىرادە ۋە ئىشەنچنى يەتكۈزدى.
 تۆۋەن كاربون تېخنىكىسى دۇنيانىڭ كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىشدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. نۆۋەتتە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەمكارلىشىپ، تۆۋەن كاربون تېخنىكىسى ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرمەكتە. شاڭخەي بىلەن دانىيەنىڭ كوپىنھاگېن دېڭىز ئۈستى شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، تېخنىكىلىق قىيىن ئۆتكەللەرنى بىرلىكتە يېڭىپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى؛ شاڭخەي بىلەن گوللاندىيەنىڭ روتتېردام قول تۇتۇشۇپ شەھەر قاتنىشىنى تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن «شەھەرنى ئىدارە قىلىش بويىچە بىرلىك ھەمتۈرتكىلىك» تىن ئىبارەت يېڭى ئەندىزىنى ياراتتى؛ شېنجېننىڭ مانگرو ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىپ، «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش» ئەمەلىي مەنزىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى؛ سىنگاپورنىڭ «باغچە شەھەر» ئىدىيەسىگە تايىنىلىپ، دۇبەي قۇملۇقىدا بوستانلىق بەرپا قىلىندى، دېمەك بەرپا قىلىنغان ھەر بىر يېشىللىقنىڭ ئارقىسىدا، ئىدارە قىلىش مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى نامايان بولدى.
 شەھەر دىپلوماتىيەسى بىلەن شەھەر تەرەققىياتى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ ئاساسى، شەھەر دىپلوماتىيەسى شەھەر تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بەردى. خاڭجۇ خەلقئارا باشلىقلار يىغىنى ئېچىشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ خەلقئارا كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى تېزلەتتى؛ چىڭداۋ بىلەن كورېيەنىڭ پۇسان  ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ باغچە رايونىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق كەمكوسلىرىنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قاراپ بىرلىكتە ماڭدى. ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەر ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنى پائال كىرگۈزۈپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا شەھەر كۈچىنى قوشماقتا.
 يېڭىلىق يارىتىش شەھەر تەرەققىياتىنىڭ جېنى، شۇنداقلا شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم موتورى. شەھەر دىپلوماتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كاتېگورىيەدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەر تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. بېيجىڭنىڭ جۇڭگۇەنسۈن بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسى ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، «چېگرا سىرتىدا ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن جۇڭگۇەنسۈندە تېزلىتىش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى دۆلەت ھالقىپ ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى؛ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن سىنگاپور ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، بىيو تېببىي دورا، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ ئىدارە قىلىشىدىن پايدىلىنىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى«ئۇلۇغۋار جەريان» بىلەن «مىكرو ئەمەلىيەت» كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى؛ خاڭجۇ ئەنگلىيە لوندون تۆمۈر يولى، ئاممىۋى قاتناش باشقۇرۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا يەرلىكلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر قاتناش تورىنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. گېرمانىيە ميۇنخېن سانائەت 4.0 ھىس قىلىش سارىيى بىلەن گۇاڭجۇ «ماياك زاۋۇتى» ئەقلىي ياساش جەھەتتىكى ئىدىيەنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئەقلىي  گەۋدىگە ئايلاندۇردى. بۇ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىدا، ئەنئەنىۋى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنىڭ ئاسارىتى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان كەيپىيات بىلەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلىنىپ، شەھەرلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى  يېڭىلىق يارىتىشى ۋە مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىندى.
  ياشلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا شەھەر دىپلوماتىيەسىنىڭ كەلگۈسى. دۇنيادىكى تۈرلۈك خەلقئارا ياشلار مۇنبەرلىرىدە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار كىلىمات ئۆزگىرىشى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئىدىيە ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچراشتۇردى. خەلقئارا ياش پىدائىيلار پائالىيىتىدە، ئوخشاش بولمىغان ئىرقتىكى ياشلار شەھەر ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى. ياشلار ئارىسىدىكى ئالاقە ھەم ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم بۇ خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ قىممەتلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شەھەر دىپلوماتىيەسىدە ئېرىشكەن تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىدۇ. ياشلار بىر نىيەتتە ھەمكارلاشسا، شەھەر دىپلوماتىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى كۈچلەر بارلىققا كېلىدۇ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ كەلگۈسىمۇ چەكسىز ئۈمىدكە تولىدۇ. شەھەر دىپلوماتىيەسى ھەم دەۋر شەھەرگە يۈكلىگەن يېڭى بۇرچ، ھەم شەھەرنىڭ دۇنياغا جاۋاب قايتۇرۇشىدىكى يېڭىلىق يارىتىش يولى. ئۇ ئىدىيەنى يۇغۇرۇش ئارقىلىق كەڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق چەكسىز ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ياشلارنىڭ قول تۇتۇشۇشى ئارقىلىق گۈزەل ئۈمىدكە ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شەھەرلەر دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشتى

«شاڭخەي دۇنيا شەھەر باشلىقلىرى سۆزلىشىشى ۋە 2025-يىللىق شاڭخەي خەلقئارا دوست شەھەرلەر ھەمكارلىق مۇنبىرى» پائالىيىتى يېقىندا شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىغا جەم بولۇپ، «يېشىل، تۆۋەن كاربون، تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش» نى ئاچقۇچلۇق سۆز قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلدى.