دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىيات ئىشلىرىغا جۇڭگو-تاجىكىستان كۈچى قوشۇلدى
بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخى مۇساپىسى ھالقىلىق باسقۇچقا كەلدى. نۆۋەتتە، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، رايون سىياسىي توقۇنۇشى توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ، تۈرلۈك خىرىسلار ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان دەۋر تېمىسىغا ئايلاندى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا تەسىرى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مۇھىم مېخانىزم بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان. 2024-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ،«شاڭخەي روھى»بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا نەتىجە يارىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بىرلىكتە پۇختا ئىگىلەپ، مەزكۇر تەشكىلاتنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك تايانچ قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانە باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ-خاتىرجەم بولغان، گۈللەنگەن-تەرەققىي قىلغان، قوشنىلار ئىناق دوست ئۆتۈدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان «بەش ئورتاق ماكان» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىدىيە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇميىتىگە ماس كېلىدىغان، مەزكۇر رايون ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى رەسئىي ئۆتكۈزىۋالدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈچۈن مول، ئەمەلىي كېڭىشىش كۈنتەرتىپىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو بولۇپمۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە نامراتلارنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش ئۇچۇرلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەربىيىلەش پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە قارىتىپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق رايوندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشنى يەنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكەتتە دېگەن شوئارنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، تەڭ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مېخانىزمنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەزكۇر رايون ۋە دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىدۇ.
جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، يېقىن ھەم تەقدىرداش. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 2024-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ تاجىكىستاندا مۇۋۋەپەقىيەتلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئىككى تەرەپ تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا قول تۇتۇشۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوست ئۆتىدىغان، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىشنى بىردەك قارار قىلدى. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپلا قالماي، يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق. داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، تاجىكىستان رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللاپ ھەم پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدىدى.
جۇڭگو مەڭگۈ تاجىكىستاننىڭ ئىشەنچلىك دوستى، ئىشەنچلىك ھەمراھى، يېقىن قېرىندىشى. جۇڭگو تاجىكىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جۇڭگو-تاجىكىستان كۈچىنى قوشۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا