كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىنى قوغداش ئاسىيانىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى
قەدىرلىك دوستلار، ئىككى كۈن داۋاملاشقان 30-نۆۋەتلىك «ئاسىيانىڭ كەلگۈسى» مۇنبىرى يېقىندا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلدى، «سىناققا تولغان دۇنيا، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئاسىيا»-بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى بولدى. يىغىنغا قاتناشقان ئالىي ئەمەلدارلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر يەر شارى سودىسىنىڭ ئەركىن، ئادىل ۋە كەمسىتمەسلىك ئاساسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قائىدە ئاساس قىلىنغان يەر شارى كۆپ تەرەپلىك سودا سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارىدى.
جۇڭگو مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ گۇاڭياۋ مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ۋە ئاسىيانىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىدىن قارىغاندا، ئاسىيا دۇنيادىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايون، «ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئاسىيا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم». ئۇ ئاسىيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، ھەر قايسى تەرەپلەر تىنچ، ھەمكارلىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى.
جۇ گۇاڭياۋ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىقنى سودا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قورالى قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يولغا قويغان تاموژنا بېجى سىياسىتى پۈتكۈل دۇنياغا غايەت زور ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى، جۇڭگو تەدبىر قوللىنىشى كېرەك، بۇ، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە يەر شارى سودا سىستېمىسىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا كۆپ تەرەپچىلىككە مۇھتاج، يەر شارى سودىسى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ئورمان قائىدىسىگە قايتماسلىقى كېرەك، بىز يەر شارىدىكى ھەمراھلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، دۇنيا سودا سىستېمىسىنىڭ ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، قائىدە ئاساسىدىكى سىستېمىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى لو جاۋخۇي نۆۋەتتە «بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ»، «رايونچىلىق ئىنتايىن مۇھىم» دەپ قارىدى. ئۇ سۈنئىي ئەقىل، رەقەم، مۇھىت ئاسراش ۋە ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى چىڭىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەم رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى قاتارلىقلار ئاساسىدا شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ياپونىيە رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو-ياپونىيە تۆت سىياسىي ھۆججىتىگە رىئايە قىلىش ھەم يۇقىرى قاتلام ۋە ئەلئارا ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ۋە باشقا يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇ 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇنبەردە نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارى مىقياسىدا قورۇقچىلىق ۋە ئىچ مىجەز تەپەككۇر كۈچىيىۋاتىدۇ، ياپونىيە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاموژنا بېجى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىگە پايدىسىز دەپ قارىدى ھەم «ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قائىدا ئاساس قىلىنغان، ئەركىن ھەم ئادىل بولغان ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلىشى»نى مۇراجىئەت قىلدى.
سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يەن جىنيۇڭ مۇنبەردە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى كارخانىلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان تۈزۈش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلىرىگە توسالغۇ پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قىسقا مۇددەت ئىچىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنىمۇ چەكلەپ قويدى، بۇ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بىز ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت پىرىنسىپى كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى نىسبەتەن ئادىل رىقابەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى، لېكىن بەزى دۆلەتلەرنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى خالىغانچە يولغا قويۇش تەدبىرى باھادا كېلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغان كىچىك دۆلەتلەرنى بىر چەتتە قېلىش خەتىرىگە دۇچار قىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت