ئامېرىكىنىڭ «توپتىن چىكىنىپ چىقىش» تىكى سەۋەبى نېمە ئۈچۈن پەلەستىننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغايدۇ؟
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» نى باھانە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى پەلەستىننى ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلسا، «بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى سۆزلەرنى كۆپەيتىۋىتىدۇ» دېگەننى «توپتىن چىكىنىپ چىقىشى »دىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى قىلغان.
شۇ كۈنى كەچتە، پەلەستىن كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چىكىنىپ چىقىشى «خاتا قارار» دەپ تەنقىدلىدى. پەلەستىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش باھانىسى بۇ خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە سىياسىيلاشتۇرۇش»، «ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىق جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇش»، ئامېرىكا خەلقئارا سورۇنلاردا «ئىسرائىلىيەگە قانۇن سىرتىدا ئەركىن يايراپ يۈرۈش ھوقۇقى بېرىش» نى توختىتىشى كېرەك. ئىسرائىلىيە شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە رەھمەت ئېيتتى.
ئامېرىكا «توپتىن چېكىنىپ چىقىشنى» جاكارلىغان كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىملار ئىش بېجىرىش باشقارمىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7ـ ئاينىڭ 21ـ كۈنىگىچە، قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىش يولىدا 1054 پەلەستىنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 766 كىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قوللىغان خۇسۇسىي تەشكىلات «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئەشيا تارقىتىش نۇقتىسى ئەتراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
ئوتتۇرا شەرق تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بىر بىرىگە ماسلاشتى، يەنە بىر تەرەپتىن غەززەدىكى كۆپلىگەن پەلەستىن پۇقرالىرى ئامېرىكا يول قويغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى، ئەشيالارنى قامال قىلىش ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش» قىلمىشى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.
بۇ يىل 3-ئايدا، ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن غەززە رايونىنى قايتىدىن قامال قىلدى ھەمدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ھازىرغىچە 8200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ھەمدە ئېغىر ئاچارچىلىق پەيدا بولدى. 5ـ ئاينىڭ 27ـ كۈنىدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە قوللىغان «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك فوندى جەمئىيىتى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، غەززە رايونىغا ياردەم بېرىش ئەشيالىرىنى تارقىتىشنى ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋالدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ياردەم بېرىش نۇقتىسى ئەتراپىدا پەلەستىن خەلق ئاممىسىغا توختىماي ئوق چىقاردى. بۇ تارقىتىش مېخانىزمى پۇقرالارنى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە «ئۆلۈم تۇزىقى» نى پەيدا قىلدى.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: غەززە رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى ئالدىدا، ئىسرائىلىيەگە يان باسقان ئامېرىكا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئىسرائىلىيەگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامېرىكا ئاغزىدا «ئۇرۇش توختىتىشقا دەۋەت قىلغان» بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ھەرىكەتنى ئاز قوللاندى. ئامېرىكا كۇنسى دۆلەت ئىدارە قىلىش تەدبىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاننى شېلەيئېن: تىرامپ ھۆكۈمىتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ھازىرغىچە ئىسرائىلىيەگە بولغان «كەڭ دەرىجىدىكى تەسىر كۈچى» نى ئىشقا سالمىدى، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ مۇدىر مەخسۇس خادىمى فىلىپ رازالىنى 7-ئاينىڭ 22 - كۈنى: غەززە «ئاپەت مەيدانى» غا ئايلىنىپ قالدى. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە يېتەكچىلىكىدىكى ياردەم تۈرى ئۈمىدسىزلەنگەن غەززە ئاممىسىنى ھاقارەتلىدى، بۇ بىر «ئۆلۈم قىلتىقى»، بۇ «كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان قۇتقۇزغان ھاياتلىقتىنمۇ كۆپ» دېدى.
ئەمەلىيەتتە، «توپتىن چىكىنىپ چىقىش» جەھەتتە، تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل تەختكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چىكىنىپ چىقىشنى جاكارلاش مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقتا يەنە بىر تۈرلۈك قارار قوشۇمچە قىلىنغان، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكە دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىن شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە قۇرۇلۇش باشقارمىسىنى قوللاشنى داۋاملىق توختىتىش.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرباپلار مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چىكىنىپ چىقىشنى جاكارلىشى ئاتالمىش «ئامېرىكا ئەلاچىلىقى» نىڭ ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە پەرۋا قىلماسلىق، تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت زومىگەر بولۇپ ئۆز مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىكەنلىكىنى، دۇنياغا قالايمىقانچىلىق ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. مىسىرنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئەمىن:ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىتى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ، زىيان يەتكۈزىدىغىنى پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









