ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىقنىڭ ھەممىسى مەسىلە - ئېپستەيىن دېلوسى ۋاشىنگتوننى داۋاملىق قالايمىقانلاشتۇردى
قەدىرلىك دوستلار، ئۆلۈپ كەتكەن ئامېرىكىلىق باي سودىگەر جېففېرىي ئېپستەيىن دېلوسىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىق يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە داۋاملىق داۋالغۇش پەيدا قىلدى. 7-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنى تىزگىنلەپ تۇرغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلاشنى ئاۋازغا قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن يازلىق يىغىننى توختىتىش مەزگىلىنى باشلىدى. بۇ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېپستەيىن دېلوسى ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىق توغرىسىدىكى قاراپ چىقىش تەرتىپىنىڭ ئەڭ بالدۇر بولغاندا 9-ئايدا ئاندىن باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ دېلو ھەققىدىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن نارازى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلىغۇچىلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر تەرەپتىن ئېپستەيىن دېلوسىنى سوتتا قاراپ چىقىش ھۆججىتىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جازا ئۆتەۋاتقان ئېپستەيىن دېلوسىدىكى ھالقىلىق شەخس گىسلاند ماكسىۋېلدىن مەقسەتلىك ھالدا يۈز-تۇرانە سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تاراتقۇلار ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن ئېپستەيىن دېلوسىنىڭ باغلىنىشىنى يەنىلا توختىماي سۈرۈشتۈردى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى» 7-ئاينىڭ 23-كۈنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ، ئەدلىيە مىنىستىرى پام بوندى تىرامپقا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ھەقىقەتەن ھۆججەتتە بارلىقىنى ئېيتقان دېدى.
ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان كىشىلەر بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان قىسمەن كىشىلەر ئەسلىدە 7-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاۋام پالاتاسى قائىدە كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدىن پايدىلىنىپ بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى مەجبۇرىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلاشقان. بۇ قارار لايىھەسىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن ئېپستەيىن دېلوسىنىڭ بارلىق ھۆججىتىنى ئاشكارىلاش تەلەپ قىلىنغان، ئەگەر قائىدە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتسە، شۇ ھەپتە ئىچىدە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئومۇمىي قاراپ چىقىشى ۋە ئاۋازغا قويۇشىغا تاپشۇرسا بولىدىكەن. بۇ قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىنى توسۇش ئۈچۈن، ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى قائىدە كومىتېتى يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىن باش تارتمىدى.
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ قارىشى بويىچە، ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر «كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان ئاۋاز بېرىش»تىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن، ئۇدا ئىككىنچى ھەپتە قائىدە كومىتېتى يىغىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋام پالاتاسى ئەسلىدە 7-ئاينىڭ 24-كۈنى شۇ ھەپتىلىك كېڭىشىش مەزگىلىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان، ئارقىدىن يازلىق يىغىننى توختىتىش مەزگىلىگە كىرگەن. ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت باشلىقى مايك جونسون 7-ئاينىڭ 22-كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىنى بىر كۈن بۇرۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، بۇنىڭغا «دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك سىياسىي ئويۇنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىپ»، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ئېپستەيىن دېلوسى ھۆججىتىنى «سىياسىي ھۇجۇم ۋاسىتىسى» قىلىپ ئىشلىتىشىگە يول قويماسلىق دېگەننى سەۋەب قىلدى.
بىراق، ئاۋام پالاتاسى نازارەتچىلىك ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش كومىتېتى قارىمىقىدىكى بىر ئورگان 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا چاقىرىقنامە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن ئېپستەيىن دېلوسىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئۈچ كىشى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان بەش كىشى قوللاش ئاۋازى بەردى. رېيتېر ئاگېنتلىقى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدە يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر ئېپستەيىن دېلوسىدىن ۋاز كېچىشنى خالىمايدۇ دېدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشى بويىچە، جونسون 7-ئاينىڭ 23-كۈنى «مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىننى توختىتىش»قا مۇۋاپىق چۈشەنچە بېرىپ، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يەنىلا ئۆزى تۇرۇشلۇق كومىتېتتىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقىرىقى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشنى كەينىگە سۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەرگە قارىتىپ، ئۇلار ئۆتكەن تۆت يىل، يەنى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ بايدىن ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە نېمە ئۈچۈن ئېپستەيىن دېلوسىغا قاراپ چىقىشنى ئاشكارىلاش-ئاشكارىلىماسلىققا كۆڭۈل بۆلمىگەن دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېپستەيىننىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك جىنايىتى بىلەن گۇمان قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى 8-ئايدا تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، «ئۆلۈۋالغان» دەپ ھۆكۈم قىلىنغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم قوللىغۇچىلىرى ئېپستەيىننىڭ جىنسىي سودىغا چېتىلىدىغان بىر پارچە «خېرىدارلار تىزىملىكى»گە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە دېموكراتلار پارتىيەسى لاگېرىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەربابلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىپ، دائىرىلەردىن ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
تىرامپ 2024-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان مەزگىلدە، تەختكە چىققاندىن كېيىن ئېپستەيىن دېلوسىغا ئالاقىدار ھۆججەت-ئارخىپلارنى ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئەدلىيە مىنىستىرى بوندى تاراتقۇلارغا، «خېرىدارلار تىزىملىكى»نىڭ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى بىرلەشمە ئەسلەتمە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى «خېرىدارلار تىزىملىكى» مەۋجۇت ئەمەس دەپ بېكىتكەن ھەم ئېپستەيىن دېلوسىغا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلماسلىقنى قارار قىلغان.
تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى ئامېرىكىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى، ئېپستەيىن دېلوسىغا ئالاقىدار مۇنازىرە داۋاملىق كۈچەيدى. ھەتتا بەزى تور ئەھلى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئاتالمىش ئېپستەيىن تۇرغان كامىردىكى نازارەت ۋىدىيوسىنىڭ ۋاقتى بىر مىنۇت ئاز بولۇپ، ئىككى بۆلەكتىن قۇراشتۇرۇلغانلىقى، ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن يەنە كۆپ قېتىم كېسىۋېتىلگەنلىكىنى بايقىدى.
بۇ مەزگىلدە، ئىلگىرى ئېپستەيىن دېلوسىنى قاراپ چىقىشقا يېتەكچىلىك قىلغان نيۇيورك جەنۇبىي رايونىنىڭ قوشما ئىشتات تەپتىش ئەمەلدارى مولىن كومى تۇيۇقسىز ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىشتىن بوشىتىلدى، ئۇنىڭ دادىسى، قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى جامېس كومىمۇ تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، بۇلار ئېپستەيىن دېلوسىدا تېخىمۇ كۆپ گۇمان پەيدا قىلدى.
ئالاقىدار تالاش-تارتىشلار تىرامپنى قوللايدىغان «ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم قالتىس قىلىش» لاگېرىغا دەز كېتىشكە سەۋەبچى بولدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى بىلەن ئىپسوس گۇرۇھى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %69 زىيارەت قىلىنغۇچى تىرامپ ھۆكۈمىتى بۇ دېلونى يوشۇردى دەپ قارىغان.
كۈنسېرى نارازى بولۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى سايلىغۇچىلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى تود برانچ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى قوشما ئىشتات تۈرمىسىدە جازا ئۆتەۋاتقان ئېپستەيىن دېلوسىدىكى ھالقىلىق شەخس ماكسۋېل بىلەن ئۇچرىشىپ، باشقىلارنىڭ «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا قارىتا جىنايەت سادىر قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى»نى مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ماكسۋېل ئىلگىرى ئېپستەيىننىڭ قىز دوستى بولۇپ، قىزلارنى ئالداپ ئېپستەيىننى شەھۋانىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت بىلەن 2021-يىلى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2037-يىلى قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئۇ ھازىر قوشما ئىشتات ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپ، ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
برانچ باياناتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن قوشما ئىشتات تەكشۈرۈش ئىدارىسى 7-ئاينىڭ بېشىدا چىقارغان يەكۈن «يەنىلا توغرا»، يەنى تېخى جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەنمىگەن «3-تەرەپ»نى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات يوق. برانچ يەنە ئۆزىنىڭ نەچچە كۈن ئىچىدە ماكسۋېل بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نيۇيورك ئىشتاتىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان قوشما ئىشتات ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانىئېل گودمان مۇنداق دەپ قارىدى: ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «كەچۈرۈم قىلىش»نى شەرت قىلىپ، ماكسۋېلنى تىرامپقا پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە قىزىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەرنىڭ ئېپستەيىن دېلوسى ھۆججىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلغان «ئەڭ يېڭى كەينىگە سۆرەش تاكتىكىسى.»
ئاممىۋى پىكىرنىڭ بېسىمى ئاستىدا، ئىلگىرى تاراتقۇلاردىن «ئەمدى ئېپستەيىن توغرىسىدا پاراڭلاشماسلىق»نى تەلەپ قىلغان تىرامپ يېقىندا ئەدلىيە مىنىستىرى بوندىغا تېخىمۇ كۆپ دېلو دەلىل-ئىسپاتىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دەرھال ئىككى سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ سوت يازما خاتىرىسىنى ئاشكارىلاشنى ئىلتىماس قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، فىلورىدا ئىشىتاتىدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاساسىي سودىيەسى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپىنى قوللاشنى رەت قىلدى، بۇنىڭغا، چوڭ زاسېداتېللار ئۆمىكى ھۆججەتنى ئاشكارىلاشقا بولىدىغان ئالاھىدە شەرتنى ھازىرلىمىغان دېگەننى سەۋەب قىلدى. نيۇيورك ئىشتاتىدىكى يەنە بىر ئاساسىي سودىيە ۋاقتىنچە ھۆكۈم چىقارمىدى.
تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ قايتا-قايتا «قوغلاپ ھۇجۇم قىلىشى»غا سەۋەبچى بولدى. ئامېرىكا «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەدلىيە مىنىستىرى بوندى بىلەن مۇئاۋىن مىنىستىر برانچ 5-ئايدا ئاق سارايدا تىرامپقا ئۇنىڭ ئۆزى ۋە «نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار»نىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئېپستەيىن دېلوسى ھۆججىتىدە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتقان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراي شۇ كۈنى يۇقىرىقى ئاشكارىلانغان خەۋەرلەرگە قارىتا «ئارىلاشما سىگنال» چىقىرىپ، دەسلەپتە ئۇنى «يالغان خەۋەر» دەپ ئەيىبلىگەن، كېيىن بىر ئەمەلدار ئوتتۇرىغا چىقىپ چۈشەندۈرۈپ، تىرامپ ھۆكۈمىتى زۇڭتۇڭنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنىڭ قىسمەن ھۆججەتلەردە پەيدا بولغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، چۈنكى ئالاقىدار ھۆججەتلەر بۇرۇنلا ئاشكارىلانغان دېگەن.
«ۋول كوچىسى گېزىتى» 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاشكارىلاپ، تىرامپ 2003-يىلى ئېپستەيىننىڭ 50 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە «ئوچۇق-ئاشكارا» تەبرىك سۆزى يازغان دېدى. بۇ خەۋەر تىرامپنىڭ غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى. «ۋول كوچىسى گېزىتى»نىڭ ئانا شىركىتى بولۇش سۈپىتىدە، دوۋ-جونېس شىكايەتكە قەتئىي جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىرامپ بىلەن ئېپستەيىننىڭ مۇناسىۋىتى ئىلگىرى قويۇق ئىكەن، لېكىن ئىككىيلەن بۇرۇنلا ئادا-جۇدا بولغانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن. ئېپستەيىن 2019-يىلى قولغا ئېلىنغاندا، تىرامپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىغىلى 15 يىلچە بولدى دېگەن.
ئاممىۋى پىكىرنىڭ داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىتا، تىرامپ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ ئوبامانى «سايلامنى كونترول قىلىش»، «دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى» ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان دەپ ئەيىبلىدى. ئوبامانىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا دەرھال رەددىيە بېرىپ، بۇ ئەيىبلەش ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك، «دىققەتنى بۇراشتىكى رەزىل نەيرەڭ» دېدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









