تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنى قايتا باشلىدى، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى سىناققا دۇچ كەلدى
يېقىندا تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 300 ئاساسىي نۇقتىدىن %43 كىچە تۆۋەنلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، بازار كۆزلىمىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ تۈركىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا سىياسىي ۋەزىيەت ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇش سەۋەبىدىن ئۆسۈم قوشۇشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش دەۋرىنى يەنە بىر قېتىم باشلىشى. بازار ئومۇميۈزلۈك: پۇل پاخاللىقى بېسىمىنىڭ پەسىيىشى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ كەڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى، دەپ قارىدى.
تۈركىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى مۇھەممەد شىمشېك يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ھالقىلىق پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچلىرى، مەسىلەن، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ۋە پاي چېكى بازىرى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى سەۋىيەگە قايتىپ، بازار ئىشەنچىسىنىڭ تەدرىجىي مۇقىملاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىمۇ پۇل پاخاللىقىنىڭ سىجىل تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىگە قارىتا «ئىشەنچنى كۈچەيتىش»نى تەكىتلىدى، لىرا پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ مۇقىملىقى كەڭ پۇل سىياسىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.
سانلىق مەلۇماتتا ئايان بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ 6-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %35 كە چۈشۈپ، بۇلتۇر 5-ئايدىكى تەخمىنەن %75 لىك چوققا قىممەتتىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، گەرچە يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى ئىلگىرىكى قىس پۇل سىياسىتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە مەركىزى بانكىسى 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %24 كە تۆۋەنلەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە ئىزچىل تىرىشىپ يۇقىرى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇردى. 2023-يىلى 6-ئايدىن 2024-يىلى 3- ئايغىچە، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتىنى چىڭىتىپ، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %8.5 تىن ئۇدا %50 كە ئۆستۈردى. پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىنىڭ باسقۇچلۇق ياخشىلىنىشىنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيە مەركىزى بانكىسى بۇلتۇر 12-ئايدىن باشلاپ كەڭ پۇل سىياسىتىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى. بۇ يىل 3-ئايدا تۈركىيە مەركىزى بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 250 ئاساسىي نۇقتىدىن %42.5 كە چۈشۈردى. 4-ئايدا، دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى داۋالغۇشنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى 350 ئاساسىي نۇقتىدىن %46 كېچە ئۆستۈرۈپ، قىسقا مۇددەتلىك بوش دەۋرىيلىكنى ئاخىرلاشتۇردى.
تۈركىيە مەركىزىي بانكىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەلگۈسىدە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشتە «پۇل پاخاللىقى يۈزلىنىشىنى يادرو قىلىپ، بىر- بىرلەپ ئېھتىياتچانلىق بىلەن باھالاش» ھەمدە ئىچكى ئېھتىياجنى تىزگىنلەش، لىرانىڭ ئەمەلىي قىممىتىنىڭ ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى ياخشىلاش ئارقىلىق پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشىنى قوللاش كېرەك.
خەلقئارا ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش ئورگىنى مۇدى يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ئىناۋەت دەرىجىسىنى «B1» دىن «Ba3» كە ئۆستۈردى، دەرىجە باھالاشتا «ئاكتىپ» بولۇشتىن «مۇقىم» بولۇشقا تەڭشەلدى. مۇدى: سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكنىڭ ئېشىشى ۋە تاشقى ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنىڭ پەسىيىشى بىزنىڭ دەرىجە باھالاشنى ئۆستۈرۈشىمىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.
شىمشېك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ خىل خىرىس ئىچىدە پۇختا ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىق، بۇ تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىزلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ، «توغرا يۆنىلىشلىك ئايلىنىش»قا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۈركىيەلىك ئىقتىسادشۇناس، مالىيە-ئىقتىساد ئوبزورچىسى ئاتاباي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە تۈركىيەنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، نورمال ھېسابات نومۇرى قىزىل رەقىمى ئېكسپورت رىقابەت كۈچىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاپىتالنىڭ ئېقىپ كىرىشى ئاسانلا خەلقئارا مۇھىت داۋالغۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، كەلگۈسىدە ئاسانلا پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۈركىيە ئىستانبۇل كوچى داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى دېمىرالپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە تۈركىيە ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچ تېخى ئەسلىگە كەلمىدى، بۇنىڭ يادرولۇق سەۋەبى سىياسىي جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولغانلىقىدا، بۇ مەركىزىي بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مۇدى ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا: تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالى يەنىلا سىياسىي ۋە قۇرۇلمىلىق خېيىم-خەتەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









