ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-30 08:42
يېقىندا دۇنيا بويىچە تۇنجى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم مۇسابىقىسى باش تېمىسىدىكى ئۇنىۋېرسال مۇسابىقە-2025-يىللىق دۇنيا ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بېيجىڭ شەھىرىدىكى دۆلەتلىك تېز تېيىلىش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 280 كوماندا بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ماھارەت مۇسابىقىسى، ئويۇن كۆرسىتىش مۇسابىقىسى، مەيدان مۇسابىقىسى، مەيدان سىرتى مۇسابىقىسى قاتارلىق 26 مۇسابىقە تۈرىنى چۆرىدەپ 487 مەيدان مۇسابىقىلىشىپ، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ ئەقلىي تەدبىر بەلگىلەش، تەنھەرىكەتتە ھەمكارلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلدى. ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشى بىلەن، چەتئەل تاراتقۇلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە نامايان بولغان جۇڭگو كارخانىلىرىغا كۆز تىكتى.
2025-يىللىق دۇنيا ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنتەربىيە ماھارىتى ۋە تۈرلۈك ئويۇنلىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات مۇمكىنچىلىكىنى نامايەن قىلدى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا بويىچە تۇنجى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم كوچا ئۇسسۇلى ئويناپ، چامباشچىلىق ماھارىتى كۆرسەتتى، يەنە ساز چالدى. ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 280 كوماندا، 500 دىن ئارتۇق ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم مۇسابىقىگە قاتناشتى، مۇسابىقە تۈرلىرى پۇتبول، يۈگۈرۈش ۋە بوكس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى دەل جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنى تەتقىق قىلىپ ياساش سالمىقىنى زورايتىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلدى.
رۇسىيە گېزىتى تورىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2025-يىللىق دۇنيا ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم يېنىك ئاتلېتىكا ۋە پۇتبول قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ماھارەت تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ھەم رېئال تۇرمۇش ۋە كەسپىي ۋەزىپىلەرنى تەقلىدىي بىر تەرەپ قىلىدىغان مەيدان مۇسابىقىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى، مەسىلەن، دوختۇرخانا كۆرۈنۈشى (دورا ئايرىش ماھارەت مۇسابىقىسى)، مېھمانساراي كۆرۈنۈشى (تازىلىق مۇلازىمىتى ماھارەت مۇسابىقىسى) ۋە زاۋۇت كۆرۈنۈشى (ماتېرىيال توشۇش ماھارەت مۇسابىقىسى)، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەركىن ئېلىشىش قاتارلىق سىرتقى مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىندى. ماشىنا ئادەمنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشى ئالاھىدە دىققەتنى قوزغىدى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ماشىنا ئادەمنىڭ كۈندىلىك مۇھىتتىكى ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ۋە ماھارىتى سىنىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندا پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئەندىزىسى ياكى قول بىلەن يىراقتىن كونترول قىلىش ئەندىزىسىنى تاللىسا بولىدۇ.
ياپونىيە«يومىئۇرى خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2013-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت ماشىنا ئادەم بازىرى بولۇپ كەلدى، 2023-يىلى جۇڭگونىڭ يېڭىدىن قۇراشتۇرۇلغان سانائەت ماشىنا ئادىمى 276 مىڭغا يېتىپ، 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ياپونىيەدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو ئېلېكتىرون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بازىرىنىڭ كۆلىمى 870 مىليارد يۈەنگە يېتىدىكەن. جۇڭگو ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بىلەن كومپيۇتېر، ئەقلىي يان تېلېفون ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم كەسپىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئادەمسىمان ماشىنا ئادەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاش يۈزلىنىشى، بولۇپمۇ يەرلىك ھۆكۈمەت قاتلىمىدا كۈنسېرى روشەنلەشمەكتە. بېيجىڭ شەھىرى 2027-يىلىغا بارغاندا 100 مىليارد يۈەن دەرىجىلىك ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە تەرەققىياتى ئەڭ تېز ماشىنا ئادەم تېخنىكا بازىرىنىڭ بىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇدا 12 يىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سانائەت ماشىنا ئادەم بازىرىلىق ئورنىنى ساقلاپ كەلگەن، 2024-يىلى جۇڭگو سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 300 مىڭ يۈرۈشتىن ئېشىپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى، جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 520 مىڭ يۈرۈشكە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشقان.
سىنگاپور «دېڭىز بوغۇزى ۋاقىت گېزىتى»تور بېكىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا تەمىنات زەنجىرىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە باشقا جايلاردا نۇرغۇن يېڭى زاۋۇتلارنى بارلىققا كەلتۈردى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئادەم كۈچى ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «جۇڭگودا ئىشلەنگەن» ماشىنا ئادەممۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلدى. يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى، جۈملىدىن چەت ئەل ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا ئىشلەپچىقارغان ماشىنا ئادىمى ھەر يىلى كۆپەيدى، 2024-يىلى ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 130 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگونىڭ سانائەت ماشىنا ئادەم ئېكسپورت سوممىسى 746 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60 كە يېقىن ئاشقان. ماشىنا ئادەم ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ياسايدىغان جۇڭگو شىركەتلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك مەيدانغا كەلگەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر جۇڭگودا ماشىنا ئادەمگە ئالاقىدار كارخانا 930 مىڭدىن ئاشقان. جۇڭگو ئەسلىدىنلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سانائەت ماشىنا ئادىمى بازىرى، كەسكىن دۆلەت ئىچى رىقابىتىمۇ جۇڭگو ماشىنا ئادەم ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ چەتئەل بازارلىرىنى پائال كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى.
جەنۇبىي ئافرىقا مۇستەقىل لىنىيەسى ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە: سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ يەرلىك تېخنىكا ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە تەسىر كۈچىنى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيتتى. جۇڭگو سۈنئىي ئەقىلنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش مۇساپىسىدە ھالقىلىق رول ئويناشقا ياخشى تەييارلىق قىلدى. جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرەققىيات يولى ماشىنىنى تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ راۋان، تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان جەمئىيەت بەرپا قىلىش، دېيىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









