ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ياپونىيەنىڭ كۆپلىگەن كەسىپلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى
مەنبەسى: |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-30 08:46
ياپونىيە مالىيە ۋازارىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سودىغا ئائىت ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ياپونىيە ئىقتىسادىغا كۆرۈنەرلىك پاسسىپ تەسىر كۆرسەتكەن، ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، پولات-تۆمۈر، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ پايدىسى ئېغىر دەرىجىدە ئازايغان، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشىنىڭ مەھسۇلات كېمىيىپ كېتىش قاتارلىق زەنجىرسىمان تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئومۇميۈزلۈك ئەندىشە قىلغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى ئېكسپورتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ 7-ئايدا ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1، يەنى 1 تىرىليون 730 مىليارد ياپونىيە يىنى تۆۋەنلەپ، ئۇدا تۆت ئاي ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىگەن. ياپونىيە-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدىكى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %15 كېچە چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى مەزمۇن تېخى يولغا قويۇلمىغاچقا، نۆۋەتتە ياپونىيە ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن يەنىلا %27.5 لىك تاموژنا بېجى ئېلىنغان. بۇنىڭ تەسىرىدە، 7-ئايدا ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئاپتوموبىل ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.4، يەنى 422 مىليارد ياپونىيە يىنى تۆۋەنلىگەن، ئېكسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2، يەنى 123 مىڭ 500 ئاپتوموبىل ئازايغان.
ياپونىيە ئىقتىساد ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىندا توكيو ئاكسىيە بېرژىسى ئاساسىي بازىرىدىكى 1069 كارخانىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشى ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە كەڭ دائىرىدە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە يۇقىرىقى كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي ساپ پايدىسى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەنلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12، يەنى 12 تىرىليون 300 مىليارد ياپونىيە يىنى ئازايغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى كەسپى ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان، 2-پەسىلدىكى پايدىسى تەخمىنەن 980 مىليارد ياپونىيە يىنى تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %45 بولغان. تاموژنا بېجى تەننەرخى زور دەرىجىدە ئاشقانلىقتىن، خوندا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ساپ پايدىسى %50 ئازايغان.
ياپونىيەنىڭ پولات-تۆمۈر كەسپى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ۋە بازارنىڭ كاساتلىشىشىدىن ئىبارەت قوش زەربىگە ئۇچراپ، 2-پەسىلدە زىيان تارتتى، توكيو پولات-تۆمۈر شىركىتى (2025-يىلى 4-ئايدىن 2026-يىلى 3-ئايغىچە) مالىيە يىلىدىكى نەتىجە كۆزلىمىسىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇر بولدى. خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ 2-پەسىلدىكى پايدىسى %25 تۆۋەنلىدى. مىتسۇبىشى خىمىيە گۇرۇھىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بېسىمغا ئۇچرىدى، بۇ گۇرۇھنىڭ باش مالىيە ئەمەلدارى كىخارا مىنورۇ: تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، ئۇنىڭ پاسسىپ تەسىرى كۆزلىمىدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى
چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ زەربىسىنى روشەن ھېس قىلىپلا قالماي، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئوساكادىكى بىر پولات-تۆمۈر كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تاموژنا بېجى ئېلىپ كەلگەن تەننەرخنىڭ ئېشىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتوموبىل ۋە پولات-تۆمۈر ماگناتلىرى مۇھىم نۇقتىنى چەت ئەلدىكى تەمىنات كارخانىلىرىغا قارىتىشى مۇمكىن، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار زاكىزى ئازىيىش ۋە ئىش ئورنى قىسقىراش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. كەسپى زاتلار: ئەگەر چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۈسكۈنىلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كېچىكتۈرسە، ئوتتۇرا، كىچىك تەمىنات كارخانىلىرىنىڭ زاكىزى زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، دېدى.
ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئاساس قىلغان يېمەكلىك كەسپىمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى. ياپونىيەنىڭ كيوتو شەھىرىگە جايلاشقان بىر ھاراق ئىشلەپچىقىرىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چەت ئەلدىكى سېتىش سوممىسى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %10 ئىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئىككىنچى پەسىلدە ئامېرىكىغا سېتىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئازايغان، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئامېرىكا ئىمپورت سودىگەرلىرى تاموژنا بېجىنىڭ ئۆسۈشى ۋە بازارنىڭ ئېنىقسىزلىقىدىن ئەنسىرەپ زاكازنى ئازايتقان. بۇ شىركەتنىڭ باشلىقى ئامېرىكا بازىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، شىركەتنىڭ سەپلىمە بازار دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوساكا سودا سانائەت كېڭەشخانىسىنىڭ 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارغا بولغان تەسىرى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، «تەسىرگە ئۇچرىغان»ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار %11 نى ئىگىلىگەن، «زاكازنىڭ ئازىيىشى»دىن ئەندىشە قىلغان ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار %50 نى ئىگىلىگەن بولۇپ، 4-ئايدىكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا 12 پوئىنت ئاشقان.
تەھلىلچىلەر:ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ئەركىن سودا سىستېمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، ياپونىيەدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، دەپ قارىدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









