ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-30 08:49
ئامېرىكا 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ قىممىتى 800 ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ئىمپورت قىلىنىدىغان پوسۇلكىلاردىن باج كەچۈرۈم قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، شۇ چاغدا ئاز سوممىلىق بارلىق پوسۇلكىلاردىن باج ھەققى ئېلىنىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ پوچتا شىركەتلىرى يېقىندا ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان پوسۇلكا مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەھلىلچىلەر: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۆۋەن قىممەتلىك ماللاردىن باج ئالماسلىق تەمىناتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇسۇلى چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا زەنجىرسىمان ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، يەر شارى پوچتا ھەمكارلىق سىستېمىسىغا ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلمەكتە، دەپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ياۋروپا-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان پوسۇلكىلار ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا توشۇلىدىغان كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلارغا ئوخشاش %15 تاموژنا بېجى ئېلىناتتى. بۇ ئامېرىكىنىڭ سىرتقا قارىتا ئۇزاق مۇددەت يولغا قويغان «تۆۋەن قىممەتتە باج كەچۈرۈم قىلىش» سىياسىتىنىڭ پات ئارىدا كۈچتىن قالىدىغانلىقىدىن، دۇنيا بويىچە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە پوچتا سىستېمىسىنىڭ تەڭشىلىشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
فىرانسىيە پوچتا گۇرۇھى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى: ئامېرىكا تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، گۇرۇھىمىز 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ، قىممىتى 100 ياۋرودىن تۆۋەن بولغان شەخسىي سوۋغات پوسۇلكىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا، دەپ جاكارلىدى.
گېرمانىيە پوچتىسى تولۇق مەبلەغلىك DHL شىركىتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى: پوچتا يولى ئارقىلىق ئامېرىكىغا سودا ماللىرى ۋە بىر قىسىم شەخسىي پوسۇلكىلارنى ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى، پەقەت قىممىتى 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان سوۋغات تېز يوللانمىلىرىنى داۋاملىق ئەۋەتىشكە بولىدىغانلىقىنى، لېكىن قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ شىركەت: تاموژنا بېجى ئېلىش ئۇسۇلى ۋە ئالاقىدار مەشغۇلات تەپسىلاتى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، پوچتا پوسۇلكىلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ۋاقتىنچە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ۋاقىتلىق توختىتىش تەدبىرى قوللىنىلدى، دېدى.
ئەنگلىيە خان جەمەتى: پوچتا شىركىتى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىش مۇلازىمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى، بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىن يېڭى سىستېمىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ۋاقتى كەلگەندە پوچتا ھەققى ۋە تاموژنا بېجى ئاساسىدا رەسمىيەت ھەققىنى قوشۇپ ئېلىپ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا رەسمىيىتىنى تۈگىتىش مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ھەقلەرنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتالىيە پوچتا شىركىتى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان تاۋار تۈرىدىكى پوسۇلكىلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى، ئادەتتىكى خەت چەك ۋە «خەلقئارا ئالاھىدە تېز يوللانما» مۇلازىمىتىنى يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تەننەرخىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.
شىمالىي ياۋروپا رايونىدا، فىنلاندىيە پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا تاموژنىسى تېخى ئېنىق باج تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى بېكىتمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى دۆلەت پوچتا كارخانىلىرى تېخى مۇناسىپ سىستېما قۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش بىردىنبىر يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھە. شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دانىيە ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغان شىمالىي ياۋروپا پوچتا شىركىتىمۇ 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا ۋە پوئېرتورىكو شەھىرىگە پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدا، چېخ پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان بىر قىسىم پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى: شۇ كۈندىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان ھەرقانداق پوچتا بۇيۇمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لاتۋىيە پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان كىچىك پوسۇلكا ۋە پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىشنى مۇددەتسىز توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سىلوۋېنىيە پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ مەيلى قىممىتى قانچىلىك بولسۇن، ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان خەت-چەك ۋە پوسۇلكىلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كىرودىيە پوچتا تارماقلىرى 8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ سودا ماللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ماللارنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇلغارىيە پوچتا تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان پوسۇلكىلار ئېغىر دەرىجىدە كېچىكىدۇ ياكى قايتۇرۇلىدۇ، بىر قىسىم بۇيۇملارنى قايتىدىن ئەۋەتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى.
ياۋروپا پوچتا ئىتتىپاقى بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى كۈچكە ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن «يادرولۇق مەسىلە ۋە تەرتىپكە تېخى ئېنىقلىما بېرىلمىدى»، تاموژنا بېجى ئېلىش مېخانىزمى، زۆرۈر مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى، ئامېرىكا تاموژنىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا يەنىلا غايەت زور ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. باياناتتا ئاگاھلاندۇرۇپ: ئەگەر يېڭى سىياسەت كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ھەل قىلىش لايىھەسىنى تاپقىلى بولمىسا، ئۇنىڭغا ئەزا كارخانىلار «پوچتا تورى ئارقىلىق ئامېرىكىغا مالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە چەكلىشى ياكى ۋاقتىنچە توختىتىشى مۇمكىن»، دېيىلدى.
ۋيېنا ئىقتىساد ۋە سودا داشۆسى تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى باشقۇرۇش تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سېباستىئان كۇممېر مۇنداق دېدى: «ۋاقىتلىق توختىتىشنى يولغا قويۇشتىكى سەۋەب بەك كۆپ ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولغاچقا، كارخانا كېيىنكى تەننەرخنىڭ بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.» بۇ تەننەرخلەر ئامباردا ساقلاش مۇمكىن بولغان خىراجەتنى، ئامېرىكا تاموژنىسى پوسۇلكىنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن مالنى قايتۇرۇش مۇمكىنچىلىكىدىن كېلىپ چىققان تەننەرخنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كەسپى ئەربابلار: ئامېرىكىنىڭ تۆۋەن قىممەتتە باج كەچۈرۈم قىلىش تەمىناتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى ياۋروپا-ئامېرىكا ئارىسىدىكى پوسۇلكا ئوبوروتىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە دۇنيا پوچتا تورىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا پوچتا تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۇنيا پوچتا ئىتتىپاقى رامكىسىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى سىياسىتىگە ماس كېلىدىغان تېخنىكا ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى كەمچىل، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى مەلۇم قىلىش ۋە ھەق ئېلىشنى تاماملاش تەس. يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغاچقا، ھەمكارلاشقان ئاۋىياتسىيە توشۇغۇچىلىرىمۇ ئامېرىكىغا ئەۋەتىلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى توشۇشنى ۋاقتىنچە توختاتتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرايدىغىنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تايىنىدىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئىكەن. ئىتالىيەدىكى بىر ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لۇيىجى دانىئېلې مۇنداق دېدى: بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالغانلىقىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى تاموژنا بېجىنىڭ ئاخىرىدا ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارغا يۈكلىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى

ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامېرىكىغا پوسۇلكا ئەۋەتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى