ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نى يېڭى مۇساپىگە يېتەكلەيلى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-30 08:57
2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى 5-قېتىم ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى. رەئىس شى جىنپىڭ 20 نەچچە چەتئەللىك رەھبەر ۋە 10 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى بىلەن خەيخې دەرياسى بويىغا جەم بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، 2013-يىلىدىن بۇيان ھەر قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوشتى. تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم يۇقىرىقى ئىككى يىغىندا ئايرىم-ئايرىم باش مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇشتىكى يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى تەشەببۇسىنى بايان قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەدبىرى، يېڭى ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئىجابىي قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى يولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «تيەنجىن خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ ۋە ئېلان قىلىپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى تەستىقلاپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى باياناتىنى ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار نەتىجە ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، شۇنداقلا مۇھىم خەلقئارا تەسىرگە ئىگە ئىجابىي كۈچ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان «ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىپ ۋە زورىيىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. دەسلەپكى ئالتە ئەزا دۆلەتتىن 26 دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە كېڭەيدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، يۇغۇرما تەرەققىياتى ھەرقايسى تەرەپلەرگە نەپ يەتكۈزدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۆنىلىشكە توغرىلىنىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىرى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھەرىكەت تەرەپدارلىرى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتى.
جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى قىلىپ كەلدى. جۇڭگو بۇلتۇر 7-ئايدا نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، «شاڭخەي روھىنى جارى قىلدۇرۇش: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكەتتە»نى باش تېما قىلىپ، «جۇڭگو ھەرىكىتى» ئارقىلىق «شاڭخەي روھى»نى نۇرلاندۇرۇپ، «جۇڭگو موتورى» ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق رەئىس دۆلەت پائالىيىتىنى تاماملاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات، كېڭىشىش قائىدىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈردى. پارتىيە، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى ئالماشتۇرۇشى-سۆزلىشىشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ گۈزەل ماكانىنى تەڭ قۇرۇشقا پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكلىدى. زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن پاكىستان گۋادار يېڭى خەلقئارا ئايرودرۇمى تۇنجى سودا نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى كۈتۈۋالدى؛ جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىنىڭ غول لىنىيە قۇرۇلۇشى ماھىيەتلىك قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى، رايون ئىستېرېئولۇق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تورى تېز شەكىللەندى؛ سەنجىن كاۋلا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى نېپالدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلىپ، شۇ جايدىكى تاغلىق كەنتلەرنى يورۇتۇش بىلەن بىللە، رايون ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى ... شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشقا چوڭقۇر سىڭىشىش، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئارقىلىق، «ئەزا دۆلەتلەر ئورتاق گۈللىنىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك تايانچ» نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.
ھازىر دۇنيادا زوراۋانلىق، زومىگەرلىكنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى تارقىلىپ كەتمىدى، خەلقئارا رايون توقۇنۇشى كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرۇشى دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ تارىخىي باشلانمىدا، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئورتاق ساداسىنى ياڭرىتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «يەر شارىنىڭ جەنۇبى»نى يەنىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلايدۇ.
كۆپنىڭ كۈچى ۋە ئەقىل- پاراسىتى جۇغلانسا ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى بىر نۆۋەتلىك دوستانە، ئىتتىپاق، مول نەتىجىلىك باشلىقلار يىغىنى قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى مۇقىملىقى ۋە ئەۋرىشىملىكى خەلقئارا مۇھىتتىكى ئېنىقسىز، قىيىن ئامىللارغا تاقابىل تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، قۇرۇلغان چاغدىكى ئەسلى مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى چۈشەندۈرۈپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ ئىتتىپاق، تېخىمۇ مۇھىم ھەمكارلىشىش، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ «شاڭخەي ھەمكارلىقى كۈچى»نى قوشىدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت


 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نى يېڭى مۇساپىگە يېتەكلەيلى

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نى يېڭى مۇساپىگە يېتەكلەيلى