ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يەر شارىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۆھپىسى قوشۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-01 14:40

قەدىرلىك دوستلار، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، يېشىل تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى كونكرېت نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۆھپىسى»نى قوشماقتا.
ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئارال دېڭىزى قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىلگىرى دۇنيادىكى 4-چوڭ كۆل ئىدى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيان، ئارال دېڭىزىنىڭ كۆلىمى %90 تىن كۆپرەك تارىيىپ، قۇرۇپ كەتكەن كۆل قىنىدا كۆلىمى 50 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چۆللۈك شەكىللەنگەن، بۇنىڭ بىلەن ئارال دېڭىزى كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆز يېشى»غا ئايلىنىپ قالغان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ۋە ئۆزبېكىستان ئالىملىرى ئارال دېڭىزى ئېكولوگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدەندى، ئىككى تەرەپ ئارال دېڭىزى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش كېلىشىمى ئىمزالاپ، سۇ تېجەشچان كېۋەزلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ جۇڭگو تەرەپ تېخنىكا مەسئۇلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تېرىقچىلىق ۋە سۇ تېجەپ سۇغىرىش تېخنىكىسى شۇ جاينىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارىنى ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشۇردى، بۇ تېخنىكىنىڭ كېڭەيتىلىشى زىرائەت مەھسۇلاتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى پاختىكارلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئارال دېڭىزى ئېكولوگىيە كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
موڭغۇلىيەدە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ھەمكارلىق مەركىزى ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشقا ياردەم بېرىش، جۇڭگونىڭ پىشىپ يېتىلگەن كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش تېخنىكىسى ۋە ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش، قۇم-بوراننى كۆزىتىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، موڭغۇلىيەنىڭ «بىر مىليارد تۈپ دەرەخ پىلانى» ھەرىكىتىگە چوڭقۇر قاتناشتى؛ قازاقىستاندا، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ھەمكارلىشىپ پايتەخت چەمبىرىكى ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى، ئىككى تەرەپ بىرلىكتە تېخنىكا قائىدىسى تۈزۈپ، 23 گېكتارلىق ئېكولوگىيە توسۇقى سىنىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى، كېڭەيتىپ قوللىنىش كۆلىمى 10 مىڭ گېكتارغا يەتتى. جۇڭگو قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۈزەشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن تېخنىكا ۋە تەجرىبىلەردىن پائال ھەمبەھرىمەن بولۇپ، چۆللىشىشنى تۈزەشنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى.
قازاقىستان ئېكولوگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئورمانچىلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماقسات يېلىمىسوۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قۇمنى تۈزەش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئوت-چۆپ كاتەكچە تېخنىكىسى، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ئۆسۈملۈكلەرنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە قۇملۇق رايون ئۆزگىچە كەسپى جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
2025-يىلى-«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى». جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولغاندىن بۇيان، يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدە كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تاماملاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يېشىل تەرەققىياتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.
ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئالدىنقى يۆنىلىشلەرنىڭ بىرى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تىرىلمە ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇلغىمىنى ئازايتىش نىشانى ھەم تىرىلمە ئېنېرگىيەنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر، سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى، يادرو ئېلېكتىرى، ئەقلىي ئېلېكتىر تورى، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەدىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادا يورۇقلۇق ۋولت، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىشقا مەبلەغ سېلىپ، ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكا چىقىرىپ، شۇ جاي ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىمۇ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى.
ئەزەربەيجان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئېلنۇر سۇلتانوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېشىل ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ئەزەربەيجان قاتناش سىستېمىسىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشتى.
جۇڭگو دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەڭ مول دۆلەتلەرنىڭ بىرى شۇنداقلا «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نى ئەڭ بالدۇر ئىمزالىغان ۋە تەستىقلىغان تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئارقىلىق يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
يىلپىزنىڭ «قارلىق تاغ شاھى» دېگەن نامى بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكى ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىگىچە بولغان ئېگىز تاغ بەلبېغىغا تارقالغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەتلەر يىلپىزنىڭ ياشاش ماكانى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يىلپىز تۈرى ۋە ئۇنىڭ ياشاش، كۆپىيىشتىكى تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بىرلىكتە تىرىشىپ قوغداشقا كېلىشتى. جۇڭگو قىرغىزىستان، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «يەر شارى يىلپىز ۋە ئۇنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو يىلپىزىنىڭ دالىدىكى تۈر توپى داۋاملىق كۆپەيدى. پاكىستان خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سەيىد غۇلام مۇستافا شاھ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستاندىكى يىلپىزنىڭ سانى ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ، بۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلىكتە قوغدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشتىن پاكىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا تەڭ پايدا ئېلىشقىچە، يەنە ئەتىۋارلىق تۈرلەرنى ھەمكارلىشىپ قوغداشقىچە-جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يېشىل ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش ۋە دۇنياۋى مۇھىت ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا تەڭ مېڭىپ، يېشىل يەر شارى ماكانىنى ياخشى قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ پاكىز، گۈزەل كەلگۈسىنى بەرپا قىلماقتا.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يەر شارىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئۈچۈن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۆھپىسى قوشۇلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.