ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دۇنيانى «پۇرسەت تىزىملىكى»بىلەن تەمىنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-01-29 15:12

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىللىق يىغىنىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تېخىمۇ كۆپ ئەربابلار نەزىرىنى جۇڭگوغا قارىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ دۇنيانى تەمىنلىگەن «پۇرسەت تىزىملىكى»گە ئۈمىد بىلەن قارىدى.
داۋوس كوچىلىرىدا مۇنبەرگە قاتناشقان دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلار، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كۆرگەزمە زاللىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق نامايان قىلىنغان ئېلانلار ۋە ھەر خىل ماشىنا ئادەم ئويۇنلىرى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. مۇنبەر يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى-سىرتىدا جۇڭگو ئامىلى بىلەن جۇڭگو ئوبرازىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى، جۇڭگو ئۆتكۈزگەن «داليەن كېچىسى»قاتارلىق پائالىيەتلەر داۋوس مۇنبىرىنى جۇڭگوغا تېخىمۇ دىققەت قىلىش، جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن نۇرغۇن پۇرسەتلىرىگە ئۈمىد بىلەن قاراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
داۋوستا جۇڭگو پۇرسىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراش-جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن بولدى.
2025-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭىلىققا، ئەلالىققا قاراپ راۋاجلىنىپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۆلەملەشكەن ئىلغار تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %17.1 كە يېتىپ، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %50 تىن ئاشتى.
مۇنبەر ئېچىلغان كۈنى ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسىي نىشانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 2026 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش كۆزلىمىسىنى ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.
ئۆتكەن بەش يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىدا «ئۇدا تۆت قېتىم سەكرەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 140 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.4 ئەتراپىدا ئېشىش سۈرىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسىنى %30 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇردى.
يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: كۆپ خىل خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو ئىقتىسادتا بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق موتۇرلۇق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پايدا ئۈنۈمىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى. ئېنىقسىز دۇنيادا، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق.
داۋوستا جۇڭگو پۇرسىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراش-جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچ قوشقانلىقىدىن بولدى.
جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرى دۇنيادا بازار تاپتى، سۈنئىي ئەقىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم «گۇمپا ئەندىزىسى» نى نامايان قىلدى، پەن-تېخنىكا ساھە ھالقىپ ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى؛ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئاۋىياتسىيە ـ ئالەم قاتنىشى، تەنلىك ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرى ھازىرلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قۇۋۋەت ئاتا قىلدى. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ «2025-يىللىق دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو دۇنيا يېڭىلىق يارىتىش كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىدە تۇنجى قېتىم ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ھەمدە دۇنيادىكى 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىنىڭ 24 گە ئىگە بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىش توپىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان.
دېلوئېتنىڭ جۇڭگودىكى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ليۇ مىڭخۇا: جۇڭگو پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى قۇۋۋەتكە ئايلاندى،دېدى.
جۇڭگو تەتقىقاتچىلار ئومۇمىي سانى، خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماس مىقدارى قاتارلىقلار جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، قوللىنىش مەنزىرىسى مول، يېڭىلىق يارىتىش شارائىتى ياخشى بولۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرگە قۇۋۋەت ئاتا قىلىۋاتىدۇ ...... جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىۋاتىدۇ.
مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلىنىپ، دۇنيادىكى تەسىر كۈچى يۇقىرى يېڭى بىر تۈركۈم «AI قوللىنىش يۇلتۇزى»تىزىملىكى باھالاپ چېقىلدى، 2025-يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تىزىملىكنى قوشقاندا، يېرىمغا يېقىن تىزىملىك جۇڭگودىن كەلگەن.
داۋوستا جۇڭگو پۇرسىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراش- يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ئۇرغۇتقانلىقتىن بولدى.
كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتى داۋوس يىغىن مەيدانىدا نامايان بولدى. فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون سۆز قىلغاندا: جۇڭگو قارشى ئېلىنىدۇ، بىز جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا بىۋاسىتە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشىغا موھتاج، دېدى.
ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىش، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلىشىش، مۇلازىمەت كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازار ئىجازىتى ۋە ئېچىۋېتىش ساھەسىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ «ئېھتىياج تىزىملىكى»نى ھۆكۈمەتنىڭ «مۇلازىمەت تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇشقىچە، جۇڭگو بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلەندى.
ئاسترازېنېكانىڭ يەر شارى ئىجرائىيە مۇئاۋىن لىدىرى يىن سىرۈي مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىغا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، بىز جۇڭگودىكى سېلىنمىنى داۋاملىق زورايتىمىز، جۇڭگو بىزنىڭ دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك بازىرىمىز بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تۈگۈنىمىز.
داۋوستا جۇڭگو پۇرسىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراش-جۇڭگونىڭ «15-بەش يىللىق» پىلانىغا بولغان ئىشەنچتىن بولدى.
سىنگېنتا گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لو ۋېنجيې مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ھەر بىر «بەش يىللىق پىلانى» يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى بارلىققا كەلتۈردى، دۇنيا خىرىس ۋە ئېنىقسىزلىققا تولغان مۇھىتتا، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش تېزلەشتى،بۇ تاشقى دۇنيانىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتتى.
2026-يىلى جۇڭگونىڭ «15-بەش يىللىق»پىلانىنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
ئەنگلىيە براند پۇل مۇئامىلە شىركىتى داۋوستا ئېلان قىلغان «2026-يىللىق دۇنيا يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ كۆرسەتكۈچى»دە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ كۆپ تۈرلۈك يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ كۆرسەتكۈچى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى داۋىد خېگ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جۇڭگو مۇقىملىق ۋە سىجىل ماھارەت ئىقتىدارىغا تايىنىپ، رەت تەرتىپى ئۆرلىدى. جۇڭگو يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە پۇرسىتىنى دۇنياغا نامايان قىلىۋاتىدۇ.
جۇڭگو بىلەن سەپەرداش بولۇش پۇرسەت بىلەن سەپەرداش بولۇش دېمەكتۇر. داۋوستا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتىكى رېئال نەتىجىلىرى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى دۇنيانى ئۈمىدكە ئىگە قىلدى. ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىۋاتقان، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي كېڭەيتىۋاتقان، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىۋاتقان، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇۋاتقان جۇڭگو دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دۇنيانى «پۇرسەت تىزىملىكى»بىلەن تەمىنلەيدۇ

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىللىق يىغىنىدا كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تېخىمۇ كۆپ ئەربابلار نەزىرىنى جۇڭگوغا قارىتىپ،