ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى «ئورۇنلاشتى»، ئىران «قىيىن ۋەزىيەت»كە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟
ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «ئابراھام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپىنىڭ مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق رايونغا كىرگەنلىكى، قاراشلىق رايوننىڭ ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغانلىقىنى دەلىللىدى.
شۇ كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بىزنىڭ ئىراننىڭ ئەتراپىدا غايەت زور بىر فىلوتىمىز بار دېدى. ئىران «دۈشمەننىڭ ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىك ھەرىكىتى»گە ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران ۋەزىيىتى قىل ئۈستىدە تۇرماقتا. ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە قانچىلىك ھەربىي كۈچ توپلىدى؟ ئىران «قىيىن ۋەزىيەت»كە قانداق تاقابىل تۇرىدۇ؟ ۋەزىيەت قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟
ئامېرىكا كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكىدى
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپى ئىرانغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغان رايونغا تېخى كىرمىگەن، بىراق كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئومان قولتۇقى ياكى ئەرەب دېڭىزىنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر ئاقساراي ئىرانغا زەربە بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرسە، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئاۋىياماتكا زەربە بېرىش توپى «بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە» ھەربىي ھەرىكەت قوزغىيالايدۇ دېدى.
ئاشكارا ماتېرىياللارغا قارىغاندا، «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكىغا تەخمىنەن 90 ئايروپىلان سىغىدىكەن، بۇ، F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان، F/A-18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ زەربە بېرىش توپىدىكى ئۈچ قوغلىغۇچى پاراخوتقا ئىچكىرىلەپ زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن.
بۇندىن باشقا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە يەنە ئىككى قوغلىغۇچى پاراخوتى پارس قولتۇقى دېڭىز ساھىلىغا ئورۇنلاشقان، يەنە ئۈچ دېڭىز ساھىلى ئۇرۇش پاراخوتى بەھرەيىن ھەربىي پورتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھاۋا كۈچى جەھەتتە، ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى يېقىندا «ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىش» ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا F-15E تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئورۇنلاشتۇردى دېدى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا نەچچە كۈنلۈك ئۇرۇش تەييارلىقى مانېۋىرىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەربىي تەھلىلچىلەر ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدىغان قورال تۈرلىرى سۇ ئۈستى پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان «جەڭ پالتىسى» ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا شۇنداقلا كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن قويۇپ بېرىلىدىغان، ھاۋادىن يەرگە بولغان تۈرلۈك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى ھۇجۇم كۈچىنى توپلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇداپىئە ۋە ياردەم جابدۇقلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتتى. ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتىنى تەتقىق قىلىدىغان تەھلىلچىلەر ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نەچچە ئون تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ يېقىندا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراپ ئۇچقانلىقىغا دىققەت قىلدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇ تىرانسىپورت ئايروپىلانلىرى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى توشۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى 24 سائەتلىك ئۇچۇش رادارى تور بېكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئۈچ ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانى گېرمانىيەدىكى بازىدىن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە يۆتكەلگەن بولۇپ، KC-135R تىپلىق بىر ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ۋە C-17 تىپلىق ئىككى تىرانسپورت ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىران ئۈچ قوللۇق تاقابىل تۇرىمىز دېدى
ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بېسىمى ئالدىدا، ئىران قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياماتكىسى «ئىراننىڭ دۆلەتنى قوغداش ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمەيدۇ» دېدى. رايون مۇتەخەسىسلىرى ئىران ھەربىي ئىشلار، دىپلوماتىيە قاتارلىق قاتلاملاردىن ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك دەپ قارىدى.
ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، ئىران «ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇش تەييارلىقى» ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىران ئامېرىكىنى ئەگەر ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسىنى قايتۇرما زەربە بېرىش نىشانى قىلىمىز دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇردى. ئامېرىكا گېئورگىتون داشۆسى قاتار شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى مەھران كامراۋا ئامېرىكا ھۇجۇم قوزغىغان ھامان، ئىران جەزمەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق ئامېرىكا نىشانلىرىغا بىۋاسىتە زەربە بېرىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
2025-يىلى 6-ئايدا، ئىسرائىلىيە ئىرانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ «12 كۈنلۈك ئۇرۇشى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلغان؛ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئىران ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق قاتارنىڭ ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا نۇرغۇن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن.
ھەربىي مۇتەخەسىسلەر ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارى ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى رايون ئىچىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بارلىق بازىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلايدۇ دەپ قارىدى. ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە، بۇلتۇر ئىران-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەزگىلىدە، ئىران تۇنجى قېتىم ئەمەلىي جەڭدە «بويسۇندۇرغۇچى-1»، «لاتقا»، «قەلئە بۇزغۇچى»دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىلغار باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ توسۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بۆسۈپ ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «بويسۇندۇرغۇچى-1» ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېيىلدى.
ئامېرىكا تەھلىلچىلىرى ئىراننىڭ نۇرغۇن جابدۇق سەپلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىمۇ «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلالايدۇ دەپ قارىدى.
دىپلوماتىيە جەھەتتە، ئىران خەلقئارانىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرمەكتە. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېقىندا كۆپ دۆلەتنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، ئىراننىڭ ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ جىددىي ۋەزىيىتىگە قارىتا، سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ئومان قاتارلىق دۆلەتلەر دىپلوماتىيە جەھەتتىن ياراشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىقنى قوغداپ، سىرتقا بىردەك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئىران ھۆكۈمىتى يېقىندا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بېرىپ، مال سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، زوراۋانلىق، مالىمانچىلىقنى توستى. مۇخبىر نەچچە كۈندىن بۇيان پايتەخت تېھراندا جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆردى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى ۋاھىدى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاشكارا سۆز قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىغا ئامېرىكىنىڭ ئىراننى «پارچىلاش»، ئىراننىڭ ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىنى پاش قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان.
ۋەزىيەت قانداق تەرەققىي قىلىدۇ؟
تىرامپ ئىرانغا ھەربىي بېسىم ئىشلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىپلوماتىيە يەنىلا سىياسەت جەھەتتىكى تاللاشنىڭ بىرى دېدى. ئامېرىكىنىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرىمۇ ئاقساراينىڭ ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىدە «ئوچۇق پوزىتسىيەدە» ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىدە ئىستىراتىگىيەلىك ئەندىشىسى بار دەپ قارىدى.
بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىلىرى تەسىس قىلىنغان پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەر شارىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق دۆلەتلەر، ئەگەر ئىران بۇ دۆلەتلەردىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىلىرىغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالسا، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى مۇقەررەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى قاتارلىق ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قوراللىق كۈچلەرمۇ مۇناسىپ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى قوللىنىشى ياكى مۇھىم سۇ يوللىرىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە رايون دىپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى روئى جىبرىك ئامېرىكا ئەگەر ئىرانغا قورال كۈچى ئىشلەتسە، توقۇنۇش پەيدا قىلىشى ۋە يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىدا داۋالغۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېدى.
جىبرىك گەرچە قورال كۈچى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئامېرىكا ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قوزغىماستىن، بەلكى سىجىللىقى يۇقىرى ئەمما چەكلىك زەربە بېرىشكە مايىل بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بولغان ئېيال خۇراتا ئامېرىكا ئىرانغا چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قوزغاشقا قىزىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى ھەربىي بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلاش بولۇشى مۇمكىن دېدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلىتىشىدىكى يەنە بىر خىل ئېھتىماللىق-ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلىشىش. مۇتەخەسىسلەر ئىسرائىلىيە ئىرانغا يەنە بىر قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە كۆپ تەرەپ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلەۋېتىپتۇ. بىراق يەنە بەزى تەھلىلچىلەر تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ۋېنېسۇئېلا ۋە بۇلتۇر ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ۋەزىيەت قارىماققا پەسەيگەندەك كۆرۈنگەن ياكى سۆھبەت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
ئىران ۋەزىيىتىنىڭ قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا، رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ھەم ئىختىلاپلارنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان تاشقى كۈچلەرنى ئىراندا «ھاكىمىيەت ئالمىشىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنى «ئىراننى يەنە بىر ۋېنېسۇئېلاغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىققا» دەۋەت قىلدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









