يەر شارىنىڭ يېرىمىدىن ھالقىغان ھەمكارلىق يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە گۇۋاھچى بولدى
قەدىرلىك دوستلار، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي سودا-سېلىنما ھەمكارلىق مۇنبىرى نەق مەيدانىدا، ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئورسىغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن راناۋىئوس جەنۇبىي ئامېرىكا ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتى پورت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ئاۋگۇستىن روۋايىنا ئون نەچچە مىنۇتتىلا تەخمىنەن 20 كىشى بىلەن دوستلاشتىم، بۇ، ئۆزئارا نام كارتىسى قالدۇرۇشتىن كۆپ قولايلىق بولدى دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نەق مەيداندىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەربابلار ئۆزئارا ئۈندىدار قوشۇش، ھەمكارلىق ئۈستىدە كېڭىشىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، مۇنبەر ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئۇزاققىچە ئايرىلىشنى خالىمىدى.
بۇنداق يۇقىرى ھەمكارلىق قىزغىنلىقى-ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئورسىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق نامايەندىسى. 20 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىن، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق، گەرچە يىراق ئوكيان بىلەن ئايرىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇرۇگۋاينىڭ قىزىل ھارىقى، كالا گۆشى، پۇتبولىنىڭ جۇڭگودا بەكلا داڭقى بار. ئىدىيەسى يېقىن، دوستلۇقى چوڭقۇر بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلى بارغانسېرى چىڭىدى.
ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ئورسى يېقىندا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەم ئورسىنىڭ يېڭى يىلدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتىنىڭ رەھبىرى بولغانلىقىدىن ھەم ئۇرۇگۋاينىڭ بۇ يىل «77 دۆلەت گۇرۇھى ۋە جۇڭگو» ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى ھەم جەنۇب ئورتاق بازىرىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىدىن بولدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زۇڭتۇڭ ئورسىنىڭ جۇڭگو سەپىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى تەرەپلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە لاتىن ئامېرىكىسى رايونى ۋە يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
زۇڭتۇڭ ئورسى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت چىقىشىپ ئۆتۈش يولىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ؛ يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق دەرىخىنى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىتىشى كېرەك. زۇڭتۇڭ ئورسى مۇنداق دېدى: ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇرۇگۋاينىڭ دۆلەت سىياسىتىگە ئايلاندى، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇرۇگۋاي «دۆلەت گېزىتى» ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى «ئۇرۇگۋاي-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر نامايەندە» دەپ سۈپەتلىدى.
ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتتا، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى سەمىمىي دوستلۇق ۋە مۇستەھكەم بولغان سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. بۇ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. بېيجىڭدا، ئورسى يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمىخانىسى، سەددىچىن سېپىلى ۋە گۇگۇڭ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى؛ شاڭخەيدە، ئورسى خۇڭكۇ پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرۈپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئادىمىيەت تۈسى قوشتى.
بۇ يىل-جۇڭگونىڭ «15-بەش يىللىق پىلان»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىستېمال سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە غايەت زور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. زۇڭتۇڭ ئورسى بۇ قېتىم ئۇرۇگۋاي تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە سودا ساھەسىدىكى زور بىر تۈركۈم ئەربابلار بار، بۇنىڭدىن جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇھىمنىڭ مۇھىمى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، جۇڭگو ئۇرۇگۋاينىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى، بىرىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى. ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچىنى قانداق قېزىش كېرەك؟ جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. جۇڭگو يەنە ئۇرۇگۋاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۇرۇگۋايغا بېرىپ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ سودا، سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە 19 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئەۋرىشىملىكىگە گۇۋاھ بولدى. ئۇرۇگۋايدىكى ئالىي دەرىجىلىك گۆش پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى نىرېيا شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئېدۋاردو ئۇلگار مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى كالا گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 تىن ئېشىپ، سەرخىللاشتۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىدىن ئۈمىد بار.
ئۇرۇگۋاي جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان، جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ دوستلۇق ئالاقىسى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى شۇنداقلا يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئىزاھاتى. نۆۋەتتە، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، بىر تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئالدى. يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى كېرەك. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونى يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تاشقى ھەمكارلىق جەھەتتىكى مۇھىم ھەمراھى. بۇلتۇر 12-ئايدا، جۇڭگو 3-«جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىزى رايونىغا قاراتقان سىياسەت ھۆججىتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىگنالىنى چىقاردى.
جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئىككى تەرەپ «يەر شارىنىڭ جەنۇبى» دېگەن ئاچقۇچلۇق سۆزنى بىردەك تىلغا ئالدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ئۇرۇگۋاي بىلەن بىرلىكتە يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىيلىشىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. زۇڭتۇڭ ئورسى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداشنى خالايمىز دېدى. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ زىچ ھەمكارلىشىش، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق سىگنالىنى چىقاردى.
سىرداش بولۇشنىڭ يىراق-يېقىنلىقى يوق، ياخشى قوشىنىغا ئارىلىق يىراق بىلىنمەيدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ھەمكارلىقىدا يېڭى يىلدا يېڭى ۋەزىيەت بەرپا قىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يەر شارىنىڭ يېرىمىدىن ھالقىغان ھەمكارلىقمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىشىپ، بوران-چاپقۇندىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









