ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەر تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غايەت زور زىيىنىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-15 10:08

ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ۋەكىل زاتلار يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە كەلتۈرگەن غايەت زور زىيىنىنى «ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش سانى ھەسسىلەپ ئاشتى»، «ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىي ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلاشتى»، «ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكى كەڭ كۆلەمدە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى» دەپ تەسۋىرلىگەن.
بۇ خەت 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى 27 نوپۇزلۇق رەھبەر، يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى، مۇتەخەسسىس ھەمدە ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىرلىشىپ ئىمزا قويغان، بۇ ئامېرىكا دادۇر جەمئىيىتى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك كۆممىقوناق تېرىغۇچىلار جەمئىيىتى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك ئارپا تېرىغۇچىلار جەمئىيىتى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك گۆش ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى كېڭىشى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك سۈتچىلىك بىرلەشمىسى، ئامېرىكا دانلىق زىرائەت جەمئىيىتى ۋە تېرىلمە يېقىلغۇ جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇلار خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تاموژنا بېجى سىياسىتى «يېزا ئىگىلىك سېلىنما تەننەرخىنى سۈنئىي ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى بىۋاسىتە ئېلىۋېلىش بولۇپ، قىلچە ئاساسى يوق». ئۇلار مۇنداق دەپ قارىدى: تىرامپ ھۆكۈمىتى خىمىيەۋى ئوغۇت، يېزا ئىگىلىك خىمىيەۋى بۇيۇملىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى زاپچاسلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى بىۋاسىتە ئۆرلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرىلىتىۋەتتى. بۇ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە قاراتمىلىقى كەمچىل بولۇپ، «ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى».
بۇ خەتتە باج قوشۇش ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازار ئىجازىتىنى يوقىتىپ قويۇشىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىنغان. خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى رېكورت ياراتقان يېزا ئىگىلىك سودا ئاكتىپ بالانىسى ۋە دېھقانچىلىق مەيدانى كىرىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ھازىر تارىخىي خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سودا پاسسىپ بالانىسىغا دۇچ كەلگەن. خەتتە دادۇرنى مىسال قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىنىڭ يامان تەسىرى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن. 2018-يىلى ئامېرىكىدا دانلىق دادۇر دۇنيا ئېكسپورت بازىرىنىڭ %47 ئىنى ئىگىلىگەن؛ بۈگۈنكى كۈندە، بۇ نىسبەت ئاران  %24.4 ئېشىپ، بازار ئۈلۈشى ئاساسەن يېرىمىغا يەتكەن.
ئامېرىكىنىڭ باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش زىيانغا ئۇچرىدى. برازىلىيە بۈگۈنكى كۈندە دادۇر، پاختا، كالا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى ئېكسپورت قىلىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتكە ئايلاندى. ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بازاردىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. خەتتە: «ئامېرىكا ئەمدى ئىشەنچلىك تەمىنلىگۈچى دۆلەت دەپ قارالمايدۇ»، دەپ كۆرسىتىلدى.
بۇنىڭدىن باشقا، خەتتە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئاران يېرىمى پايدا ئالالايدىكەن. «ئامېرىكا دېھقانلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندا، پۈتكۈل يېزا ئىقتىسادى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مەكتەپ، چېركاۋلاردىن تارتىپ ھەر خىل يېزا-بازار كارخانىلىرىمۇ بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ».
خەتتە ئامېرىكا پارلامېنتى «بارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنما بۇيۇملىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق، يېزا ئىگىلىك ئېكسپورت بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىش»، تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىپ ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىنغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى  ئامېرىكىدىكى 56 يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 1- ئاينىڭ 15-كۈنى پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيىنىڭ رەھبىرىگە يازغان ئوچۇق خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئامېرىكا يېزا رايونلىرى «ئىقتىسادىي كرىزىس»نى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، «ئامېرىكا دېھقانلىرى، چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ئىگىلىرى ۋە يەر تېرىغۇچىلار ئىنتايىن ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ بېسىم ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ»، دېھقانلارمۇ كىرىم ئىستىقبالى ۋە بازار ئىجازىتىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
بۇ خەتتە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سانى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئامېرىكا دېھقانلىرى مۈلكى قەرزىگە چىقىش قىلمايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش سانى داۋاملىق ئاشتى، نۇرغۇن دېھقانلار كېيىنكى پەسىللىك زىرائەت ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مەبلەغ توپلىغاندا غايەت زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن تۆت يىلغىچە، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سېلىنما تەننەرخى ئىزچىل تارىختىكى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ئەمما دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە ئالاھىدە زىرائەتلەرنىڭ باھاسى تېز سۈرەتتە تارىختىكى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى، بۇ نۇرغۇن ئامېرىكا دېھقانلىرىدا زىيان پەيدا قىلدى، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا زىيان 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك سودىسىدىكى پاسسىپ بالانس ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى بازار ئۈلۈشى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكىنىڭ يەر شارى بازىرىدا كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان رىقابەت بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
بۇ ئىككى پارچە خەتتە ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «نۆۋەتتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەپ»، ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا مەھەللىلىرىنى قوغدىشى مۇراجىئەت قىلىنغان.
بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا مەملىكەتلىك كۆممىقوناق تېرىغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون دوگېت تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا دېھقانلىرى ۋە چارۋىچىلىق ئىگىلىرىنىڭ دۇنياۋى رىقابەت كۈچى بار، لېكىن بىر يۈرۈش قالايمىقان سىياسەت مۇھىتىدا، ئۇلار تاشقى دۇنيا بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى يېزا ئىگىلىك، ئوزۇقلۇق ۋە ئورمانچىلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون بوزمان يېقىندا بىر قېتىملىق تېلېفون يىغىنىدا ئامېرىكا دېھقانلىرىنىڭ «زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى، يەنە كېلىپ ناھايىتى كۆپ زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى» ئېتىراپ قىلغان.
ئامېرىكا «مىللەت» ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا دېھقانلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىدىن غەزەپلىنىپ دېموكراتلار پارتىيەسىگە سىياسىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بۇ تاراتقۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىرامپ بۇلتۇر 12-ئايدا قوشما ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دېھقانلىرىنى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ياردەم دېھقانلارنىڭ 2025-يىلى بىر يىلدا تارتقان زىيىنىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلىرىغا جايلاشقان بىر مۇستەقىل تەتقىقات ئاپپاراتى تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى، زىرائەت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئامېرىكىدىكى زىرائەت تېرىغۇچىلار 2025-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە زىيان ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 44 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكىلەر تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غايەت زور زىيىنىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئامېرىكىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ۋەكىل زاتلار يېقىندا ئامېرىكا پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئامېرىكا يېزا ئىگىلىكىگە كەلتۈرگەن غايەت زور زىيىنىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.