ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشنىڭ قانداق تەسىرى بار؟
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتىنىڭ توشقانلىقى توغرىسىدا ئاقالە ئېلان قىلىپ، بۇ شەرتنامىنى ئۇزارتقاندىن كۆرە، «ياخشىلانغان ھەم زامانىۋىلاشقان» يېڭى شەرتنامە تۈزگەن ياخشى، دېدى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى توغرىسىدا سۆزلىشەمدۇ؟ يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى زادى قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؟ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشنىڭ قانداق تەسىرى بار؟
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى توغرىسىدا سۆزلىشەمدۇ؟
«ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى» 2019-يىلى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ «ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى» كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ كېلىشىمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىق ياكى باشقا يېڭى كېلىشىمنى ئورنىغا دەسسىتىشنى چۆرىدىگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى روشەن بىردەك بولمىدى، تېخىمۇ مۇھىمى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان «كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلىشىش» ۋە ئاق ساراي «ئەھۋالدىن خەۋەرسىز» دېگەندەك سادالارمۇ پەيدا بولدى.
رۇسىيە ئالدى بىلەن شەرتنامىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئىنكاس قايتۇردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پېسكوف 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان شەرتنامىنى بىر يىل ئۇزارتىش تەكلىپىگە ئىنكاس قايتۇرمىدى، رۇسىيە شەرتنامىنىڭ مۇددىتى توشقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ. پىسكوف يەنە: ئەگەر ئامېرىكا پۇتىننىڭ تەكلىپىگە ھەر قانداق ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرسا، رۇسىيە «ئەلۋەتتە سۆزلىشىدۇ»، دېدى.
ئامېرىكا ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى. ئامېرىكا ئاكىسىئوس ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى خەۋەردار ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى»غا داۋاملىق رىئايە قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، «كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا يېقىنلاشقان». خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىككى تەرەپ ئۆتكەن 24 سائەتتە ئىزچىل ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، كېلىشىم لايىھەسىنى يەنە ئىككى دۆلەت زۇڭتۇڭلىرى تەستىقلىشى كېرەك. خەۋەردە يەنە ئىككى دۆلەت كەلگۈسى ئالتە ئاي ئىچىدە ئەسلىدىكى شەرتنامىگە داۋاملىق رىئايە قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش كېلىشىمى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، دېيىلدى.
ئەمما بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، يېقىندا بۇ ئىشقا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كېلىۋاتقان تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ھازىرقى شەرتنامىنى ئۇزارتىشقا ئېنىق قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئامېرىكا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان «ناچار» كېلىشىم دېدى ھەمدە بۇ كېلىشىم «ئېغىر خىلاپلىق قىلىش»قا ئۇچرىدى، «ياخشىلانغان ھەمدە زامانىۋىلاشقان» شۇنداقلا ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈملۈك بولغان يېڭى شەرتنامە تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئارقىدىن، ئاق ساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى لېۋىت مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى، بىراق ئامېرىكا بىلەن روسىيە يېڭى شەرتنامە سۆھبىتى مەزگىلىدە ئەسلىدىكى شەرتنامىگە ۋاقىتلىق رىئايە قىلىشقا قوشۇلامدۇ-يوق دەپ سورىغاندا، ئۇ ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇنىڭدىن ھازىرقى چەكلىمىنى ساقلاپ قېلىش-قالماسلىق، كېيىنكى سۆھبەتنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مەيدانىدا يەنىلا ئىختىلاپ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش شەرتنامىسى زادى قانچىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە؟
«ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى» 2010- يىلى ئىمزالانغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئورۇنلاشتۇرغان يادرو ئوق بېشى ۋە توشۇغۇچى قوراللارنىڭ سانىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان، كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى 2026- يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە ئۇزارتىلغان.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ شەرتنامىدە نۇرغۇن نۇقسانلار بار بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو رىقابىتىنى ھەل قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك لايىھەسى ئەمەس. مەسىلەن، ئۇ پەقەت شەرتنامىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك يادرو قورالىغا چېتىلىدۇ، ئەمما ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللار ئامبىرىنىڭ ئەمەلىي كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، قىسقا مۇساپىلىك تاكتىكىلىق يادرو قورالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەرقايسىسىدا 5000 دىن ئارتۇق يادرو ئوق بېشى بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ئون نەچچە يىللىق شەرتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە، ئىككى تەرەپ شەرتنامىنىڭ چەكلىمىسىدىن سىرت يېڭى تىپتىكى يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ھازىر بار بولغان يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى كەڭ كۆلەمدە زامانىۋىلاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرتنامىنىڭ يادرولۇق ماددىلىرى مەسىلەن نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ۋە سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مېخانىزىملارمۇ ئىجرا قىلىنمىدى.
رۇسىيەدە چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئارباتوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: بۇ شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قېلىشى خەلقئارا خەۋپسىزلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىققا ئېغىر پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىكەن، لېكىن بۇنى زىيادە كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئارباتوف: ئىستراتېگىيەلىك قوراللار سۆھبىتى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، كۈچتىن قالغان شەرتنامە كەلگۈسىدە سۆھبەتكە ئالاقىدار كېلىشىملەرنىڭ ئاساسى بولىدۇ، دەپ قارىدى.
بىراق، نۇقسان بار رېشاتكىمۇ رېشاتكا. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ شەرتنامىنىڭ ئاز دېگەندە مۇنداق ئۈچ مۇھىم قىممىتى بار: بىرىنچى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغان يىراق مۇساپىلىك ئىستراتېگىيەلىك يادرو ئوق بېشى ۋە قويۇپ بېرىش ۋە توشۇش قۇرۇلمىسى سانىنىڭ يۇقىرى چېكى بەلگىلەنگەن؛ ئىككىنچى، سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرتنامىنى ئادا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلغان بولۇپ، بەلگىلىك ئاشكارىلىققا ئىگە؛ ئۈچىنچى، شەرتنامىگە رىئايە قىلىش مۆلچەرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەلگۈسى مۆلچەرنى كۈچەيتىدۇ.
ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى كەرىم خاگاگ مۇنداق دېدى: ئاشكارىلىق ۋە ئالدىن مۆلچەرلەشچانلىق ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشقا ئېلىپ كەلگەن شەكىلسىز ئەمما ئىنتايىن مۇھىم پايدا، ئۇلار تەھدىت كۈچى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىشنىڭ قانداق تەسىرى بار؟
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سۆزى بويىچە، «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى»نىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا بۇ شەرتنامىنىڭ ھەر قانداق مەجبۇرىيىتى ياكى باراۋەر باياناتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، پىرىنسىپ جەھەتتە «كېيىنكى ھەرىكەتنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ».
بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىشقا بولغان ئەندىشىسى بارغانسېرى كۈچەيدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قېلىشى ئەڭ ناچار پەيتتە يۈز بەردى، يادرو قورالىنى ئىشلىتىش خەتىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، دېدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يەر شارىدىكى بىر قىسىم سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ئەمەلدارلىرى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ شەرتنامىنىڭ ئاياغلىشىشى يادرونىڭ مۇقىملىقى ۋە كۆزلىمىلىكلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، يەر شارىنىڭ «چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان يادرو ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى» دەۋرىگە كىرىش خەتىرىنى زورايتىۋېتىدۇ، دېگەن. نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: شەرتنامىنىڭ چەكلىمىسى بولمىسا، ئىككى دۆلەت ئورۇنلاشتۇرغان ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللىرى ئامبىرىنى ئەمەلىيەتتە قىسقا مۇددەت ئىچىدە بىر قاتلىغىلى بولىدۇ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە يەنە يادرو سىنىقىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە قويۇشى مۇمكىن.
ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناسلار» ژۇرنىلى ئاگاھلاندۇرۇپ: دۇنيا سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن»، دېدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى رايون سىياسىيسى جەھەتتىكى ئىشەنمەسلىك كۈچىيىۋاتقان، دىپلوماتىيەنىڭ رولى تۆۋەنلەۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش «بىر تۈرلۈك جىددىي ئالدىن ئويلىشىدىغان ئىش».
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









