چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىقتىسادىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى
قەدىرلىك دوستلار، چاغانلىق تىرانسىپورتتا يولۇچىلار داۋاملىق كۆپەيدى، مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرى ئادەملەرگە لىق تولدى ، يېڭىچە ئىستېمالدا يارقىن نۇقتىلار كەينى-كەينىدىن بارلىققا كەلدى، «تاشقى ئۈنۈم» ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى ...«تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن چاغانلىق دەم ئېلىش» جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېزدىن ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولدى. نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ چاغانلىق ئىقتىسادىنىڭ قىزغىن ئىپادىسى جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.
«بايرام مەزگىلىدىكى پايدىنىڭ ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشىدىن ئىبارەت ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكى تولۇق نامايان بولدى «
بۇ يىل چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىدا تەمىنات بىلەن ئېھتىياج تەڭلا جانلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، مەدەنىيەت-ساياھەت، پارچە سېتىش، كىنو قاتارلىق ئىستېمال ساھەلىرى كۆپ نۇقتىدىن جانلاندى. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سىچۈەن ئۆلكىسى كۆزەتكەن 411 پارچە سېتىش كارخانىسىنىڭ سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 780 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشتى، 120 ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى جەلپ قىلغان ساياھەتچى 56 مىليون ئادەم قېتىمدىن، سېتىش سوممىسى 4 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئاشتى؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى 86 مىليون 589 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، 84 مىليارد 890 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ياراتتى، بۇ، بۇلتۇرقى سەككىز كۈنلۈك چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %8.1 ۋە %13.9 ئاشتى ... مال سېتىۋېلىش مەركەزلىرى ئادەمگە لىق تولدى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مول، رەڭدار تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. «ھىندونېزىيە «كومپاس گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئات يىلى باش تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك خاتىرە بۇيۇملار ۋە پائالىيەتلەر ئالقىشقا ئېرىشتى، بالىلار ئات شەكىللىك ئويۇنچۇقلارنى بەس-بەستە سېتىۋالدى دېيىلدى.
چىلى كوپىراتىپ رادىيو ئىستانسىسى مۇنداق دېدى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇن قويۇش، بازار، كۆرگەزمە، ساياھەت تۈرى قاتارلىقلارغا قاتناشقانلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ يىل چاغانلىق تىرانسىپورتتا، جۇڭگودا پۈتۈن جەمئىيەتتە رايون ھالقىپ يۆتكەلگەنلەر 9 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمغا، تۆمۈريول ۋە خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 540 مىليون ۋە 95 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۇمكىن، بۇ، «بايرام مەزگىلىدىكى پايدىنىڭ ئىستېمال ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىشىدىن ئىبارەت ئىقتىسادنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى تولۇق نامايان قىلدى «
» چاغانلىق ئىقتىسادنىڭ تاشقى ئۈنۈمى ھەقىقىي، ئەمەلىي تەرەققىيات پايدىسىغا ئايلاندى»
قىزغىن ئىستېمال ئېلىپ كەلگەن «تاشقى ئۈنۈم» بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىش پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شاكىلاتى، فىرانسىيەنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى، رۇسىيەنىڭ يوغان قىسقۇچپاقىسى، چىلىنىڭ چوڭ گىلاسى قاتارلىق «چەتئەل چاغانلىق ماللىرى»نىڭ جۇڭگودا بازىرى ئىتتىك بولۇپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. پېرۇ دۆلەتلىك سان ماركوس داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ماركو كاراسكو مۇنداق دېدى: خەلقئارا تەمىنات كارخانىلىرى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، پېرۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى، جۇڭگو بازىرىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ئېھتىياجى، پېرۇ-جۇڭگو سودا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىنىڭ پايدىسىدىن، 2025-يىلى پېرۇنىڭ جۇڭگوغا لەنمېي ئېكسپورت قىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى، چاغان قاتارلىق ئىستېمالنىڭ جانلىنىش مەزگىلى بۇ يۈزلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
مىسىر سۇۋەيىش قانىلى داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ مىسىر تەرەپ مۇدىرى ھەسەن راجىب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە، ئوتتۇرا شەرق خورمىسى، سۇرىيەنىڭ قەدىمكى سوپۇنى قاتارلىق ئۆزگىچە مەھسۇلاتلار چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق جۇڭگوغا كىردى، چاغاننىڭ غايەت زور ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى شۇ جاينىڭ كەسىپ زەنجىرىنى جانلاندۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشتى.
«پېرۇ 21-ئەسىر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2026-يىلىدىكى جۇڭگو چاغىنىنىڭ بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى-چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى بولدى. سەپەرنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرىنىڭ يەنىمۇ يولغا قويۇلۇشى جۇڭگو ساياھەتچىلىكىگە «ئۈمىدۋار سانلىق مەلۇمات» ئېلىپ كەلدى. پاكىستان «مۇنبەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگوغا بارىدىغان خەلقئارا ساياھەتچىلەر بۇ يىل چاغاندا زور دەرىجىدە ئېشىپ، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىدىغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
تايلاند «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد ۋە مائارىپ تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى تاڭلوڭكورن ۋۇسېنتىرانگۇ مۇنداق دېدى: چاغانلىق ئىقتىسادنىڭ «تاشقى ئۈنۈمى» ھەقىقىي، ئەمەلىي تەرەققىيات پايدىسىغا ئايلاندى. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر چاغاندا تايلاندقا ساياھەتكە بېرىپ، باڭكوك، فۇكېت، چياڭماي قاتارلىق جايلاردىكى مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، پارچە سېتىش كەسپى تىجارەت سوممىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. تايلاندتىكى نۇرغۇن سودا سارايلىرى جۇڭگو چاغىنى باش تېمىسىدىكى بېزەكلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو چاغىنىنى يىللىق تىجارەت كالىندارىغا كىرگۈزدى.
«چاغانلىق ئىقتىسادتا ئىش ياخشى باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىندى»
فىرانسىيە يىپەك يولى سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئېلۋى ئازۇلاي مۇنداق دېدى: چاغان ھەم مەدەنىيەت ۋاستىسى، ھەم ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك. بايراملىق ئىستېمال بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.
كېنىيە ئافرىقا سىياسەت تەتقىقاتخانىسى جۇڭگو-ئافرىقا مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى دەننىس مۇنىنى مۇنداق دېدى: چاغانلىق ئىقتىسادتا ئىش ياخشى باشلىنىپ، جۇڭگونىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ياخشى ئاساس سېلىندى، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىغا داۋاملىق ئۈمىد بىلەن قارىدى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەب-جۇڭگو ئۇزۇن مۇددەت جۇغلاش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگەن ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدە: يەنى مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى، كۈچلۈك تەمىنات ئىقتىدارى ۋە كەڭ ئىچكى ئېھتىياج بوشلۇقى ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم يۈرۈشۈشىنى پۇختا تىرەككە ئىگە قىلدى؛ پىشىپ يېتىلگەن تەڭشەپ تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋە يېتەرلىك سىياسەت قورالى دەۋرىيلىك داۋالغۇشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ. مۇنىنى مۇنداق دېدى: ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ ئۇرغۇتۇلۇشى، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ داۋاملىق ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا قاراپ ئىلگىرىلىشىدىن ئۈمىد بار.
ھىندونېزىيە داشۆسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رايخان رونودىپۇلو مۇنداق دېدى: چاغانلىق ئىستېمال قىزغىن دولقۇنى جۇڭگو بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى. گەرچە يەر شارى ئىقتىسادى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولسىمۇ، لېكىن تاشقى دۇنيانىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئاساسىغا بولغان ئىشەنچىسى يەنىلا كامىل.
پاكىستان ئاسكالى بانكىسىنىڭ باشلىقى زىيا يىجاز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل-جۇڭگونىڭ «15-بەش يىللىق پىلان»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. قىزىپ كەتكەن چاغانلىق ئىقتىساد جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى گەۋدىلەندۈردى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىقلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشتى، مۇقىم-ساغلام، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادى ئۈمىد بىلەن قاراشقا ئەرزىيدۇ.
رۇئاندانىڭ تاراتقۇ خادىمى گېرارد مۇباندا «ئافرىقا-جۇڭگو ئوبزورى» تور بېكىتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاتنىڭ ئوبرازى بىلەن ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى باغلاپ چۈشەندۈردى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى بىر خىل «يېڭى ئات كۈچى شەكلى»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى مۇسكۇلغا تايىنىش ۋە چېپىش بولماستىن، بەلكى يېڭىلىق يارىتىش، قۇرۇلۇش ۋە يىراقنى كۆرەرلىكنى ئاساس قىلغان. ئات يىلى پەقەت بىر يىل بەلگىسىلا ئەمەس، ئۇ بىر دۆلەتنىڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، نىشانى ئېنىق ھالدا كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









