خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى قوغداشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىشقا ئائىت ئاخىرقى بىر شەرتنامە بولغان «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى» 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاقتى توشۇپ كۈچتىن قېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىگە سالدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قېلىشى «ئەڭ ناچار پەيت»تە بولدى، يادرو قورالىنى ئىشلىتىش خەۋپ-خەتىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، «شەرتنامە»نىڭ مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يادرو ھەربىي ھازىرلىقلىرى مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە تەھدىت سېلىشى مۇمكىن. يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مۇساپىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ.
ئۇزاقتىن بۇيان، «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى» ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يادرو ئوق بېشى ۋە توشۇغۇچى قوراللىرىنىڭ سانىغا چەك قويۇش، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىنى قوغداش، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ شەرتنامىنىڭ كۈچتىن قېلىشى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدىن ئىبارەت دەرىجىدىن تاشقىرى ئىككى يادرو چوڭ دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ھېچقانداق شەرتنامىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، يادرو تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئىستراتېگىيەلىك ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن، خاتا ھۆكۈم قىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى رايون سىياسىي توقۇنۇشى كۆپ يۈز بېرىۋاتقان، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ «خەۋپسىزلىك كىلاپانى» نى چېقىۋېتىش يېڭى بىر نۆۋەتلىك چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قارا كۆلەڭگە پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تارىختىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مۇتلەق ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى كۆزلەش ئۈچۈن، دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يامان ئىش تىرىغۇچى بولۇپ كەلگەن. 21 – ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە قارىتا چەكلەش كۈچىگە ئىگە «باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى چەكلەش شەرتنامىسى»، «ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرتنامىسى»، «بوشلۇقنى ئېچىۋېتىش شەرتنامىسى» قاتارلىق ھەربىي كونترول قىلىش ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش مېخانىزمى ئارقا - ئارقىدىن كۈچتىن قالدى، ئامېرىكا بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى ئالدى بىلەن جاكارلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا بىر تەرەپتىن يېڭى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى چەكلەشكە ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئالتۇن گۈمبەز» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ يادرولۇق لوگىكىسى يەنىلا ئۆزىنىڭ «مۇتلەق خەۋپسىزلىكى» نى قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي زومىگەرلىكىنى ساقلاشتىن ئىبارەت.
ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك شەرتنامە رامكىسىنى قوغداش مەسىلىسىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يەنە جۇڭگونى ئاتالمىش «يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش سۆھبىتى» گە مەجبۇرىي سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇندى، بۇ خىل نەيرەڭ ئاساسىي پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق، ھەم ئادىل ئەمەس ھەم مۇۋاپىق ئەمەس. رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: ئامېرىكا جۇڭگونى كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان، كۈچتىن قالغان «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى» نىڭ ئورنىنى ئالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يېڭى شەرتنامە سۆھبىتىگە سۆرەپ كىرمەكچى ياكى قىزىق نۇقتىنى يۆتكەپ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى، دېدى.
ھەممىگە مەلۇمكى، جۇڭگونىڭ يادرو كۈچى ئامېرىكا، رۇسىيە بىلەن پۈتۈنلەي بىر مىقدار دەرىجىسىدە ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگو يادرو كۈچىنى باشتىن - ئاخىر دۆلەت خەۋىپسىزلىكى ئېھتىياجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەسىدە ساقلاپ كەلدى، ھەرقانداق دۆلەت بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق. جۇڭگو يادرو قورالى مەسىلىسىدە ئەزەلدىن ئىنتايىن ئېھتىياتچان، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. جۇڭگو ئۆزىنى قوغداش، مۇداپىئە كۆرۈشتىن ئىبارەت يادرو ئىستراتېگىيەسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك سىياسىتىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يادرو قورالى يوق دۆلەتلەر ۋە يادرو قورالى يوق رايونلارغا يادرو قورالى ئىشلەتمەسلىك ياكى يادرو قورالى تەھدىتى سالماسلىق توغرىسىدا شەرتسىز ۋەدە بەردى. يادرو قورال ئامبىرىنىڭ كۆلىمى ئۆزىدىن كىچىك بولغان بىر دۆلەتتىن ئوخشاش دەرىجىدىكى يادرو قوراللىرىنى ئازايتىشقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىش «ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىق» تىن ئىبارەت خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققىمۇ خىلاپ.
ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مېخانىزمى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان «مۇداپىئە توسىقى». «ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش يېڭى شەرتنامىسى»كۈچتىن قالغاندىن كېيىنكى ۋاكۇئۇم مەزگىل ئالدىدا، ئامېرىكا جاۋابكارلىقنى ئارتىپ قويۇش قىلمىشىنى توختىتىپ، بۇ شەرتنامىنىڭ كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق سۆزلىشىشىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك، بۇ بىر چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك سالاپەت، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









