جۇڭگو «يېشىل ھېسابات دەپتىرى»نىڭ دۇنيا ئېكولوگىيەسىگە بولغان پايدىسى
«15-بەش يىللىق پىلان»نىڭ باشلىنىشى بىلەن، جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق مېڭىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى كىلىمات خىرىسىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل يەر شارى ماكانىنى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىدۇ.
جۇڭگو «15-بەش يىللىق پىلان» غا قەدەم قويۇشى بىلەن، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى قانداق يول بىلەن داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ؟ يەر شارىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا قانداق يېڭى تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش يېڭى پىلانىغا يۈكسەك دېققەت قىلدى، جۇڭگونىڭ ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش قەتئىي ئىرادىسىنى يەنىمۇ كۆردى.
جۇڭگونىڭ«يېشىل ھېسابات دەپتىرى»نى ۋاراقلىغاندا، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار بىر چوڭ دۆلەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن قالتىس مۇساپىسىنى بىر ـ بىرلەپ كۆرگىلى بولىدۇ. 2025-يىلى، جۇڭگونىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىش مىقدارى %5 تۆۋەنلىدى؛ ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %89.3 گە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى؛ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدا يېشىل توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %40 كە يېقىنلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان تېرىلمە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. 2012-يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو جەمئىي 1 مىليارد 100 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان ئەھيا قىلىپ، يەر شارى ئۈچۈن يېشىللىق كۆلىمىنىڭ %25 كۆپىيىشىگە تۆھپە قوشۇپ، يەر شارى بويىچە يېشىللىقنى ئەڭ كۆپ، ئەڭ تېز كۆپەيتكەن دۆلەتكە ئايلاندى. ئايرىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات سىياسىتى «تاش قوراللار دەۋرى» گە قايتىش دەپ قارىلىۋاتقان خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو بارغانسېرى يەر شارىنىڭ يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ئۈمىد نۇرىغا ئايلاندى.
«يېشىللىق ئاساسى» بارغانسېرى پۇختىلاندى، بۇنىڭدا ئىستراتېگىيەلىك پىلاندىكى يىراقنى كۆرەرلىك ۋە ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشتىكى چىدامچانلىققا تايىنىلدى. «13-بەش يىللىق پىلان»دا، ئىجادىي، ماس، يېشىل ، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «14-بەش يىللىق پىلان»دا، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپىدە «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش»نى «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا كىرگۈزۈپ، «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش» مەخسۇس باب قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدە، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ 5 كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كوربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، مۇھىت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ 18 قۇرۇلۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ... پىلاننىڭ ئىزچىللىقى ئارقىلىق، سىياسەت ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى. «15ـ بەش يىل»نىڭ باشلىنىشى بىلەن، جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىللىق ئاساسىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرىدۇ.
قوغداش بىلەن تەرەققىياتقا قانداق تەڭ ئېتىبار بېرىش بىر دۇنياۋى تېما. خەلقنى يېشىل تەرەققىيات داۋامىدا ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغاندىلا، تىپ ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو يېشىل تەرەققىياتتا ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسابات، ئومۇمىي ھېسابات، ئۇنىۋېرسال ھېسابات قىلىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ياخشى بولۇشى خەلقنىڭ زور بەخت ـ سائادىتى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. جېجياڭ ئۆلكىسى يۈسۈن كەنتىنىڭ كان تاقالغاندىن كېيىن ئېكولوگىيەلىك ساياھىتى ئاۋاتلىشىشتىن، چۇڭچىڭنىڭ فېڭدۇدىكى چاڭجياڭ كەنتىدە بېلىق تۇتۇش مەنئىي قىلىنىپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگىچە؛ جياڭسۇنىڭ جياڭيىندىكى چاڭجياڭ كەنتىدە كەسىپلەرنىڭ «بۇلغىنىش تىپى» دىن «يېشىل تىپ» قا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىشىدىن، گۇيجۇنىڭ تىكەنلىك نەشپۈتنى قۇملىشىشنى تۈزەشتىكى قوشۇمچە مەھسۇلات دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى «ئالتۇن مېۋە» گە ئايلاندۇرۇشقىچە ...... يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشتە «ئىنچىكە ھېسابات قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامما زۇمرەت سۇ، كۆك ئاسماندا تەرەققىيات پايدىسىدىن ھەمبەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت، جۇڭگو ئەمەلىيىتى يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە مۇھىم ئىلھام بەردى. ياۋروپا «ھازىرقى زامان دىپلوماتىيەسى»نىڭ ئالاقىدار ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئەمەل قىلىپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى مۇھىتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ يۇغۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈلگە كۆرسىتىش ئەندىزىسىگە ئىگە قىلدى.
جۇڭگونىڭ «يېشىل ھېسابات دەپتىرى» دە دۇنيانىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئوخشاشلا خاتىرىلەنگەن. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مەھسۇلاتلار بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى %70 شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىسى، %80 يورۇقلۇق ۋولت زاپچاس ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئايرىم-ئايرىم %60 ۋە %80 تۆۋەنلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يەر شارىنىڭ يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشىدىكى ھالقىلىق پەيتتە، جۇڭگو ئالاقىدار ساھەلەردىكى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، 2030-يىللىق دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى ھەمدە 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن يېشىل ئېنېرگىيە تۈر ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئىنگ ئاندېرسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ تېرىلمە ئېنېرگىيە تەرەققىياتى يەر شارى كىلىمات ھەرىكىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى، كەسىپ ئىقتىدارى بىلەن سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان نەتىجىلىرى «دۇنيانىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆزگەرتىدۇ».
گۈل-گىياھلار ياشىرىپ، باھاردىن ئۈمىد ھىدى تارقالدى. خۇش ناۋا باھاردا، جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات يېڭى كارتىنىسى ئېچىلدى. «15-بەش يىل» نىڭ باشلىنىش بىلەن، جۇڭگو ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يەر شارى كىلىمات خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، يېشىل يەر شارى ماكانىنى ياخشى قوغداپ، تېخىمۇ پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









