جۇڭگو داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيانى ئەڭ قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلدى
خەلقئارادىكى تاراتقۇلار «دۇنيادا داۋالغۇش بولۇۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلدى» دېگەن تېمىدا جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنى چۈشەندۈرۈپ: جۇڭگو مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن كۆزنىكى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسىنى يارىتىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى.
نۆۋەتتە، يۈز يىللىق ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېزلىشىپ، ئۆزگىرىش بىلەن مالىمانچىلىق ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئۇرۇش بىلەن توقۇنۇش بىسىقمايۋاتىدۇ. ئىنسانلار جەمئىيىتى نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟ دۇنيا يۆنىلىشنىڭ يېتەكچىلىكىگە، ئىشەنچنىڭ ئاتا قىلىنىشىغا، كۈچنىڭ جۇغلىنىشىغا موھتاج، چوڭ دۆلەتلەر بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ پوزىتسىيەسىنى تەنتەنىلىك قىلىپ مۇنداق دەپ جاكارلىدى: «بۈگۈنكى دۇنيا كۆپ خىل خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، چوڭ دۆلەتلەر باشلامچىلىق بىلەن باراۋەرلىككە، قانۇنچىللىققا، ھەمكارلىققا، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. جۇڭگو ساداسى تەنتەنىلىك سادا بولۇپ، بۇ دەل داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيا ئارزۇ قىلغان مۇقىملىق ساداسى.
دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۆلچىگۈچى. يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو باشلىقلار دىپلوماتىيەسى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. باش باھار كۈنى، جۇڭگو ـ رۇسىيە باشلىقلىرى ۋىدىيولۇق ئۇچراشتى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا باشلىقلىرى تېلېفونلاشتى، بۇ جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى نامايان قىلدى؛ رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ۋە كۆرۈشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەم يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بار بولۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە ھەمكارلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىدى؛ جاۋاب خەت يېزىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق خەلقئارادىكى دوستلار بىلەن سەمىمىي ھەمتۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ بىر قاتار مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكەتلىرى تېزلىشىۋاتقان دۇنيادىكى يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشى، تەقدىرداش بولۇشى كېرەك، دېگەن جۇڭگو ئىدىيەسىنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ يەنە دۆلەت ئىچىدە ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق زور ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە بىر نەچچە قېتىم مۇھىم زىيارەتكە چىقىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ قوماندانلىق قىلغان جۇڭگو دىپلوماتىيەسى داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيانى ئەڭ قىممەتلىك مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلىپ، دۇنيادىكى قالايمىقانچىلىق داۋامىدا ئىنتايىن مۇھىم مۇستەھكەم مۇقىملاشتۇرغۇچىغا ئايلاندى.
تىنچلىقنى قوغداشتا جۇڭگو بۇرچنى ئۈستىگە ئالدى. جۇڭگو يامىراۋاتقان كىرىزىس ئالدىدا، باشتىن - ئاخىر تىنچلىق ۋە ھەققانىيەت تەرەپتە تۇردى. ئىران ۋەزىيىتى نۆۋەتتە خەلقئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو بەش ئاساسىي پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلققە خاتىرجەملىك، دۇنياغا تىنچلىق ئاتا قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بىر تەرەپلىمە زومىگەرلىك قىلىپ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى دەپسەن قىلىشقا قارىتا، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، دۇنيانىڭ «ئورمان دەۋرى» گە قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى قەتئىي تەشەببۇس قىلدى.
ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جۇڭگو باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى. ئايرىم دۆلەتلەر تاموژنا بېجى قورغىنى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ھەپلىشىپ، ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇردى ۋە ئۈزدى، بۇ ئوتقا ئۆزىنى ئېتىپ ئوت ئۆچۈرگەنگە ئوخشاش ئىش بولۇپ، ئاخىرىدا ئۆز بېشىغا چىقىدۇ. جۇڭگو سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى، دۇنيا ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىنى قەتئىي قوغدايدۇ. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى دۇچ كەلگەن تەتۈر ئېقىمغا قارىتا، جۇڭگو تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە تېخىمۇ ئادىل، ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇمي مەنپەئەتدار بولغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىدى.
جۇڭگو ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى. دۇنيادا خىرىس ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇۋاتقان، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇۋاتقان، كۆپ تەرەپچىلىك كەسكىن زەربىگە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ھازىرقى خەلقئارا سىستېما ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو باش بولۇپ تەشەببۇس قىلغان« دۇنياۋى ئىدارە قىلىش دوستلۇق گۇرۇپپىسى»بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئورگىنى ۋە جەنۋەدىكى باش ئورگىنىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر بەس- بەستە قاتناشتى. ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى، خەلقئارا قانۇنچىللىق، كۆپ تەرەپچىلىك، ئادەمنى ئاساس قىلىش، ھەرىكەت يۆنىلىشى قاتارلىق بۇ ئىدىيەلەر تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇستەھكەم ھەرىكەتكە ئايلانماقتا.
چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆزىگە يارىشا سالاپىتى بولىدۇ، بۇ دەل جاھاننىڭ مەنپەئەتنى كۆزلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىدىغان «بەخت يولى» نى تېز كېڭەيىتتى؛ خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى، ئىستېمال كۆرگەزمىسى قاتارلىق ھەمكارلىق سۇپىلىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «دۇنيا زاۋۇتى» بولۇشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، «دۇنيا بازىرى»بولۇش پۇرسىتىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇردى؛ پات ئارىدا ئافرىقا مەھسۇلاتلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، تاموژنا بېجىنى «كىمەيتىش ئۇسۇلى» ئارقىلىق، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ...... جۇڭگو «15 - بەش يىل» غا قەدەم قويغاندىن كېيىن، داۋاملىق مەۋقەنى جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى گىرەلەشتۈرۈشكە قارىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقىدۇ.
ئۆزگىرىش بىلەن مالىمانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، ئۈمىد بىلەن خىرىس تەڭ مەۋجۇت. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، ھەققانىيەت كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە بولغان ئىشەنچى كامىل، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك نىشاندىن قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئارزۇسىنى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ دەۋر سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









