جۇڭگو دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزىدۇ
قەدىرلىك دوستلار، «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، جۇڭگونىڭ قانداق قىلىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، دۇنياغا بەخت يارىتىشى ۋە ئىلھام ئېلىپ كېلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.
«ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك». شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردە جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. كەلگۈسى بەش يىلغا نەزەر سالساق، جۇڭگو داۋاملىق مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ پۇختا ھەرىكىتى ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.
ئىدىيە يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، يېشىللىق ئاساسى مۇستەھكەملەندى
مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»-جۇڭگونىڭ سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغدىشى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشىنى كۆزىتىشتىكى مۇھىم كۆزنەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جياڭسۇغا «سۈزۈك سۇ، كۆك ئاسمان» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى، ئىچكى موڭغۇلدىن «ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا ئون مىڭ چاقىرىملىق يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىش»نى تەلەپ قىلدى، چىڭخەي «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى» بولغان ئۈچ دەريا مەنبەسىنى ياخشى قوغداپ، «پاكىز سۇنىڭ شەرققە ئېقىشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا دىققەتنى كۆپ قېتىم مۇھىت ئاسراش ۋە تەرەققىيات قارالمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.
يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش يولىدا ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەش ئىلمىي ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغ بىلەن قىممەتلىك بايلىق ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، ئاچقۇچ ئادەمدە، ئاچقۇچ پىكىر يولىدا.» «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا يېشىل تەرەققىيات نىشانى ۋە يولىنى كۆپ قېتىم چوڭقۇر شەرھلىدى.
14-بەش يىل مەزگىلىگە نەزەر سالساق، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى «يېشىل نەتىجە قەغىزى» ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ: يەنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، يەر شارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى سودا بازىرى ۋە پاكىز ئېلېكتىر تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %25 تىن ئاشتى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %87 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلىتىلدى...
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، قىرغىزىستان دۇنيا سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى شېرادىل باقىتگۇلوۋ كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قىسىم قۇملۇقلار تەدرىجىي بوستانلىققا ئايلاندى، شەھەرلەردىكى تۇمان-تۈتەك زور دەرىجىدە ئازايدى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى جۇڭگودا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈردى.
«ئىككى تاغ» ئىدىيەسىنىڭ بۆشۈكى بولغان جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسىدە، بىر مەيدان باھار يامغۇرىدىن كېيىن، تاغدىكى بامبۇكزارلىق تېخىمۇ ياشىرىپ كەتتى. ئەنجى ناھىيەسى خېڭشىۋۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى چيۇ سۇڭۋېي تۈكلۈك بامبۇكزارلىقنى ياخشى پەرۋىش قىلساق، بامبۇكزارلىقتىكى ھاۋا پۇلغا ئايلىنىدۇ دېدى.
ئەنجى ناھىيەسىدە بىر مىليون مو بامبۇكزارلىق بار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكەت بويىچە تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك بامبۇكزارلىقتا كاربون يىغىپ ساقلاش سودا سۇپىسى قۇرۇلدى. ئورمانچىلارنىڭ قولىدىكى بامبۇك بايلىقى مەركەزلىك يىغىپ ساقلىنىپ، كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇلدى، كەسپىي ئاپپاراتلار كاربون يىغىش مىقدارىنى ھېسابلىغاندىن كېيىن، سۇپىدا سودىلىشىپ نەق پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئەنجى ناھىيەسىدىكى 119 مەمۇرىي كەنتنىڭ بامبۇكزارلىق مۈلكى 10 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، «يوپۇرماقنىڭ پۇلغا، ھاۋانىڭ بايلىققا ئايلىنىشى» ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ھېكايىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش كاتىپى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت پىلان مەھكىمىسىنىڭ سابىق ئىجرائىيە مۇدىرى ئېرىك سولھېيمنى مەپتۇن قىلىپ، ئۇنى كۆپ قېتىم شۇ جايغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە جەلپ قىلدى. ئۇ ماختاپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مول ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىلەر ئارقىلىق دۇنياغا «ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ھەرگىزمۇ تەڭ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەسلىكى، خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىكەنلىكى»نى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن دەستۇرى (لايىھەسى)گە قاراپ چىقىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بۇ جۇڭگودىكى «قانۇن دەستۇرى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان ئىككىنچى قانۇن بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان جۇڭگونىڭ ھەرىكەت كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
يىپەك يولى سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ئېلۋى ئازۇلاي قانۇن چىقىرىشتىكى يېڭى تەدبىر جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات يولىدىكى يەنە بىر ئابىدە بولۇپ، جۇڭگو ئىدىيەسىنىڭ داۋاملىق يېتەكلەش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى دەپ قارىدى.
يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋەت قوشۇپ، يېشىل ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى
پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش-يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يېشىل ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتە. رەئىس شى جىنپىڭ «ھەمكارلىق ئارقىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئەركىن ئوبوروت قىلىش كېرەك»، «يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەر بىر جايغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش كېرەك» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.
ئاندېس تاغ تىزمىسىدىن قىزىل دېڭىز ساھىلىغىچە، سۇ ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولتتىن يادرو ئېلېكتىرى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىگىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن تۈرلۈك يېشىل ئېنېرگىيە تۈر ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شامال ئېلېكتىرى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى شۇ جايلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە ئايلاندۇردى.
ئەزەربەيجاننىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايوندا، بىر قاتار غايەت زور ئاق رەڭلىك شامال ماشىنىلىرى تاغ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ، باھار شامىلىدا ئاستا-ئاستا ئايلىنىپ، شۇ جايدىكى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يېشىل توك يەتكۈزدى. جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان كىزى-ئابشېرون شامال ئېلېكتىر تۈرى بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ، ئەزەربەيجاندىكى يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ شامال ئېلېكتىر تۈرى بولۇپ، يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، 400 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتالايدۇ.
ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ بۇ يىل 1-ئايدا يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شامال ئېلېكتىر تۈرى ھەمكارلىقىدىن جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق توكلۇق ئاپتوبۇسىنى كىرگۈزۈپ ئىشلەپچىقىرىشقىچە، ئەزەربەيجان جۇڭگونى يېشىل تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى دەپ قاراپ كەلدى، بۇ توغرا تاللاش دېدى.
تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت ناۋرۇدا رەت-رەت كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدە رەتلىك تىزىلغان. جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان بۇ يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنىڭ توك تارقىتىش مىقدارى پۈتۈن ناۋرۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن ئارالغا يېڭىدىن ئورنىتىلغان 400 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنىرگىيەلىك يول چىرىقى ئارقا-ئارقىدىن يورۇدى. بۇ كۆرۈنۈشتىن ناۋرۇ زۇڭتۇڭى ئادىئاڭ چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ: «مەن ئىنتايىن پەخىرلەندىم» دېدى.
ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى كېنىيەدە، شەرقىي ئافرىقا چوڭ جىلغىسى جەنۇب بىلەن شىمالنى ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ. جىلغا ئاستىغا جايلاشقان مېنېنگاي يانار تاغ ئېغىزى ئەتراپىدا يەر ئىسسىقلىقى بايلىقى مول، جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان بىر يېڭى يەر ئىسسىقلىقى ئېلېكتىر ئىستانسىسى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ، كېنىيەنىڭ 2030-يىلىدىن بۇرۇن %100 پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن توك تارقىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ، زۇڭتۇڭ ۋىليام رۇتو بۇنى «تارىخىي ئابىدە» دەپ ئاتىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى دىيارىك مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا، جۇڭگو يەر شارىنىڭ پائال، ئادىل بولغان يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى باشقا دۆلەتلەرنى بايلىق بىلەن قوللىدى.
گېرمانىيە ئاقىللار ئامبىرى ئېنېرگىيە كۆزىتىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خانىس جوسېف فېل يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان دەۋر يۈزلىنىشىگە ئايلاندى، جۇڭگو ئېنىقكى بۇ مۇساپىنىڭ مۇھىم باشلامچىسى دەپ قارىدى.
دېگىنىگە ئەمەل قىلىپ، يېشىل ماكاننى بىرلىكتە قوغدىدى
«يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشتىكى مىسلىسىز قىيىنچىلىق ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت مىسلىسىز يۈكسەك ئىرادە ۋە ھەرىكەت بىلەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەش ۋە يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى.
كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەر شارى بويىچە ئەڭ سىستېمىلىق، مۇكەممەل بولغان كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارى بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ سىجىللىقى ئەڭ تېز تۆۋەنلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى شۇنداقلا دۇنيانى %70 شامال ئېلېكتىرى ئۈسكۈنىسى، %80 يورۇقلۇق ۋولت زاپچاس ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەپ، يەر شارىنىڭ شامال ئېلېكتىرى ۋە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك تارقىتىش تەننەرخىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشىغا ياردەم بەردى.
جۇڭگونىڭ دېگىنىگە ئەمەل قىلىشى ئامېرىكا جەريان تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئاندىرۇ شىۋارتىزدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەيلى پاكىز ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل ياكى يېشىل ئۇل ئەسلىھە بولسۇن، جۇڭگو يەر شارى ئېكولوگىيە ئىشلىرىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات سىياسىتىدە تەۋرىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، جۇڭگو ئۆزىنىڭ كىلىمات ۋەدىسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇردى. 2025-يىلى 4-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ كىلىمات ۋە ئادىل تىپ ئۆزگەرتىش باشلىقلار يىغىنىدا، «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى چىڭ كۆزلەش»تىن ئىبارەت جۇڭگو تەشەببۇسىنى تەكىتلىدى؛ بەش ئايدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ 2035-يىللىق دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى جاكارلاپ، يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.
2025-يىلى 10-ئايدا ماقۇللانغان «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە، «كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش»، «كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، بولۇپمۇ ناچار ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» يېشىل تەرەققىيات خەلقئارا ئىتتىپاقى 40 نەچچە دۆلەتتىكى 180 دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەمراھىنى جەلپ قىلدى؛ جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشتا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇش پائال ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈلدى؛ «خەلقئارا مانگرو ئورمىنى مەركىزى» قۇرۇلۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن مانگرو ئورمىنىنى قوغداش ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇلدى؛ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى بىرلىكتە قۇرۇلۇپ، گۈللەنمە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پاكىز ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق تۈرلەر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتىگە ئىگە قىلىندى... جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، يېشىل ھەمكارلىقنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىسى، تۆھپە قوشقۇچىسى، يېتەكچىسىگە ئايلاندى.
كېنىيە ئاقىللار ئامبىرى جەنۇب-جەنۇب سۆزلىشىشىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى سىتىفېن ئېندېگېۋا مۇنداق دېدى: جۇڭگو «يېشىل ھەمكارلىق» ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا قۇچاق ئېچىشىنى كۈچلۈك قوللىماقتا.
باشلىنىش يىلىدا يېڭى مۇساپە ئېچىلدى، جۇڭگو يېشىل تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىش داۋامىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









