ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاسىيا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچسى»غا ئايلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-26 15:31

«ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەت، يېڭى ھەمكارلىق»-بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى باش تېمىدا مۇنداق بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈلدى، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادىكى چوڭ ئۆزگىرىش ھەم خىرىسقا تولغان، ھەم يېڭى پۇرسەتكە تولغان، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، خىرىس داۋامىدا پۇرسەت يارىتىپ، ھەمكارلىق داۋامىدا تەڭ پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىش.
رايون توقۇنۇشى، بىر تەرەپلىك جازالاش، تاموژنا بېجى توسۇقى، تېخنىكا قامىلى ... نۆۋەتتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۈچەيمەكتە. جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىش كۆرسەتكۈچىدىن ئايان بولۇشىچە، 2025-يىلى 12-ئايدا دۇنيا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىش كۆرسەتكۈچى 104 بولۇپ، داۋاملىق يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان.
بوران-چاپقۇندا ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىنى قىممەتلىك ئېنىقلىققا ئىگە قىلدى.
دۆلەت پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ئالىي تەتقىقاتچىسى پاڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر كۆپ خىل خىرىس ئاستىدا يەنىلا ئومۇمىي ئەۋرىشىملىكىنى ساقلىدى؛ جۇڭگو ئىقتىسادى ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ھىندىستان ئىقتىسادى يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلىدى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەمىنات زەنجىرىنى قايتا تەشكىللەشتە نەپكە ئېرىشتى؛ ياپونىيە بىلەن كورىيە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، يېشىل ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى.
بېيجىڭ داشۆسى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش شۆيۇەنىنىڭ دوتسېنتى تاڭ ياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەيلى تەمىنات ياكى ئېھتىياج نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئاسىيا يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان رايون، ھەجىم جەھەتتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان شارائىت بار. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، سېتىۋېلىش كۈچى تەكسە باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2025-يىلى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كۆلىمى دۇنيا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %49 ئىنى ئىگىلىگەن.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن فېڭيىڭنىڭ قارىشىچە، ئومۇمىي مىقدار ۋە يۇقىرى ئېشىش ئالاھىدىلىكى ئاستىدا، ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچىسى» ۋە «بىخەتەر لەڭگىرى» لىك رولىنى ئوينايدۇ.
«مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق» رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا «ھەمكارلىق» ئاچقۇچ. بۇ قېتىمقى بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى يىللىق يىغىنىغا قاتناشقۇچىلار «رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش» باش تېمىسىدا، رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچ چىقاردى؛ «ئورتاق ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى قوغداش: قانۇنچىللىق كۈچى» باش تېمىسىدا، ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قارالمىلىرىنىڭ قورالغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزدى.
جۇڭگو خەلقئارا سودا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى يۇڭ: «ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ئىزچىل ئاسىيا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 25 يىللىق مۇساپىدە كۆپ تەرەپلىك بولۇش روھىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى»، دېدى.
پاڭمىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى تەشەببۇس قىلىش، رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئاسىيانى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا «قاتناشقۇچى»، «ئەگەشكۈچى» بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ تەدرىجىي ھالدا «قائىدە ياراتقۇچى»، «ھەرىكەت يېتەكچىسى» گە ئايلاندۇردى. تاڭ ياۋ مۇنداق دېدى: ھازىر ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش ھەمدە ھەرىكەت كۈچى ئارقىلىق ئارزۇنى رېئال دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەسىگە ئايلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
ئاسىيانىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىغا بوئاۋ يەنە جاۋاب قايتۇردى. دۇنيانىڭ سىياسىي، سودا ساھەسىدىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئەزىز مېھمان خەينەننىڭ بوئاۋغا جەم بولۇپ، ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى، گۈللىنىش، تەرەققىيات يولى، ئاسىيانىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاسىيا يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچسى»غا ئايلاندى

«ئورتاق كەلگۈسى بەرپا قىلىش: يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى پۇرسەت، يېڭى ھەمكارلىق»-بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2026-يىللىق يىغىنىنىڭ باش تېمىسى.