كامبودژانىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى
يېقىنقى مەزگىلدە، كامبودژانىڭ تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا قارىتىلغان مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى. كامبودژا ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى 6-ئايدىن 2026-يىلىنىڭ بېشىغىچە، كامبودژانىڭ قانۇن ئىجرا تارماقلىرى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تېلېگراف ئالدامچىلىقى دېلوسىدىن 200 نەچچىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، دېلوغا چېتىشلىق تەخمىنەن 2500 ئورۇننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان؛ 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر، 36 مىڭدىن ئارتۇق يان تېلېفوننى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ھەم قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 200 دىن ئارتۇق سورۇننى قانۇن بويىچە پېچەتلىگەن. دېلوغا چېتىشلىق 8000 دىن ئارتۇق چەتئەللىكنى قوغلاپ چىقارغان، بۇنىڭدىن باشقا 210 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك بېسىم تۈپەيلىدىن ئۆزلۈكىدىن چېگرىدىن ئايرىلغان. كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇنسېن يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھەرگىزمۇ جىنايەتچىلەرنىڭ پاناھگاھى ئەمەس دەپ تەكىتلىدى.
مۇخبىر يېقىندا كامبودژانىڭ پايتەختى پىنومپىن، سىخانۇك ئۆلكىسى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، ئىلگىرى نورمالسىز كىشىلەر توپلاشقان دەپ پاش قىلىنغان نۇرغۇن بىنالارنىڭ پېچەتلىنىپ تەرتىپكە سېلىنغانلىقى، بىر قىسىم خىزمەت بىنالىرىنىڭ سىرتىغا ئىشنى توختىتىش ئۇقتۇرۇشى چاپلانغانلىقى، پىنومپىندىكى تېچو خەلقئارا ئايرودرومىدا، قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى يالاپ چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
كامبودژا بۇلتۇر 2-ئايدا تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش كومىتېتى قۇردى، باش ۋەزىر خۇنمانېت قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالدى ھەم شۇ يىلى 7-ئايدا مەملىكەت بويىچە تازىلاش بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشنى دۆلەتنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىپ، بارلىق قانۇن ئىجرا كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، تور جىنايىتىنى تازىلاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كامبودژانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى قايتا تىكلىدى.
تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى ئارقىسىدا، كامبودژادىكى كۆپ تارماق، كۆپ رايون ھەمكارلىشىپ كۈچ چىقاردى. پىنومپىن ئالدى بىلەن كەڭ كۆلەمدە تۈزەشنى قانات يايدۇردى. نەچچە ئايدىن بۇيان، قانۇن ئىجرا كۈچلىرى ياتاق بىناسى، ئادەم زىچ رايون قاتارلىق يوشۇرۇن ئۇۋىلارنى داۋاملىق تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقى ئۇۋىسى ۋە تۈرلۈك قانۇنسىز قىمار ئويناش ھەرىكەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن بىكار قىلدى. ھازىرغىچە، شەھەر بويىچە ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 40 ئورۇن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، دېلوغا چېتىشلىق 284 چەتئەللىك قولغا ئېلىندى. مۆلچەرلىنىشىچە، پىنومپىن تېلېگراف ئالدامچىلىقىنى ناھايىتى تېزلا باسقۇچلۇق تۈگىتىدىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر قاراتمىلىق زەربە بېرىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىققان. سىخانۇك ئۆلكىسى تېز سوت قىلىپ تېز ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ چۆچۈتۈش كۈچىنى ئاشۇرغان؛ كامپوڭ سىپۇ ئۆلكىسى پەردە ئارقىسىدىكى «مۇھاپىزەت كۈنلۈك»لىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قانات ئاستىغا ئېلىش قىلمىشىنى جازالىغان؛ سىئام ئۆلكىسى ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئورنىتىش ئارقىلىق، «ئومۇمىي خەلق ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش» مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلغان. بانتاي مېئانچېي ئۆلكىسى قاتارلىق چېگرا ئۆلكىلىرى مەنبەدىن باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، چېگرىدىن كىرگەن چەتئەللىكلەرنى 24 سائەت ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ، جىنايەتچىلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئالغان.
ئالدامچىلىققا چېتىشلىق چەتئەللىكلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى. 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، كامبودژا كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى چېگرىدىن قانۇنسىز كىرگەن 816 چەتئەللىك ۋە دېلوغا چېتىشلىق كىشىنى مەركەزلىك قايتۇردى. مەلۇماتقا قارىغاندا، 2025-يىلى پۈتۈن يىلدا 66 دۆلەتتىن كەلگەن بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 13 مىڭ 500 چەتئەللىك قانۇن بويىچە قوغلاپ چىقىرىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %56.83 ئاشقان، قانۇن ئىجرا سالمىقى مىسلىسىز بولغان. كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدانغان، مەجبۇرلانغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ ۋە قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىغا بىخەتەر قايتىشىغا ياردەملەشكەن.
«كىخمېر ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2025-يىلى كامبودژادىكى تېلېگراف ئالدامچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيان غايەت زور بولۇپ، مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش نىسبىتى %50 كىمۇ يەتمىگەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ روھىي ئازاپلىرىنى مۆلچەرلەش تېخىمۇ تەس ئىكەن. ئامانلىق ساقلاشتىكى كەسكىن خىرىس ئالدىدا، كامبودژا خان جەمەتى پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چۇ بېنتېڭ ھۆكۈمەتنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قاتتىق زەربە بېرىشى پاسسىپ ۋەزىيەتتە مەنبەدىن بۇرۇلۇش ياساپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى.
كامبودژا دۆلەت دەرىجىلىك تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. كامبودژا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2025-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، كامبودژا سوت مەھكىمىسى 500 دىن ئارتۇق تور جىنايىتى دېلوسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ھەم خەلقئارا ئەدلىيە ھەمكارلىقى ئارقىلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتنىڭ مەبلەغ زەنجىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. كامبودژا ھۆكۈمىتى تېخنىكىلىق ئالدامچىلىق جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش ۋە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا «تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» لايىھەسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، قانۇن چىقىرىش تەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە باشلىدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي ئېلان قىلىنغان ھامان، مۇرەككەپ ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش، رەقەم ساھەسىدىكى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم قانۇنىي قورالغا ئايلىنىدۇ دېدى.
ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا، ئالاقىدار مەمۇرىي نىزاملارمۇ تەدرىجىي تولۇقلاندى. بۇ يىل 1-ئايدا، كامبودژا «تۇرالغۇ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىككىلەمچى پەرمانى»نى ئېلان قىلىپ، قانۇن ئىجرا ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق، «بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش»تىن ئىبارەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلام ساقچى ئاپپاراتلىرىنىڭ نوپۇس زىچ رايونلارنى بىۋاسىتە ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ پەرماندا راسىت نام بىلەن تىزىملاش ۋە چەتئەللىكلەرگە قارىتا ياتاق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى ئۇۋىلارنى تەكشۈرۈشنىڭ دەللىك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 3-ئايدىن باشلاپ، ئۆي ئىگىسى ياكى ياللىغۇچى ئەگەر بەلگىلىمە بويىچە چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرمىسا، ھەر بىر ئادەمگە 1 مىليون رىئېل، يەنى تەخمىنەن 1720 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت يەنە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ۋە چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرغان. مەسىلەن: مەزكۇر دۆلەتنىڭ ستۇڭ تىرەڭ ئۆلكىسىدىكى ئالتە ساقچى ئەمەلدارى يېقىندا چېگرىدىن قانۇنسىز كىرىشكە ياردەملەشكەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنۋانى چۈشۈرۈۋېتىلگەن.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ساياھەت جەمئىيىتى كامبودژا شۆبىسىنىڭ رەئىسى تۇن سىنان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازى تېلېگراف ئالدامچىلىقى مەسىلىسىنىڭ تەسىرىدە بىر مەھەل زىيانغا ئۇچرىدى، بىر قىسىم مۇددىئالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر بۇ دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىدىن گۇمانلاندى. تۈزۈملەشكەن، دائىملاشقان يۇقىرى بېسىملىق زەربە خەلقئارا جەمئىيەتكە كامبودژانىڭ بازار تەرتىپىنى تۈزەش، قانۇنچىللىق مۇھىتىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە قۇۋۋەت قوشىدۇ.
كامبودژا يەنە خەلقئارا قانۇن ئىجرا ھەمكارلىقىغا پائال يۇغۇرۇلدى. كامبودژا ھۆكۈمىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كامبودژا جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، ئاخباراتتىن ھەمبەھىرلىنىش ۋە قانۇن جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، چېگرا ھالقىغان قانۇن ئىجرا تورىنى زىچ توقۇپ، نۆۋەتتە بىر قانچە چوڭ ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىتچىت قىلىپ، تەشكىللىك جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالىدى ھەم ئالدىنىپ قالغان چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئوڭۇشلۇق قايتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ قانۇن ئىجرا ھەمكارلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. 1-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو گۇڭئەن مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا، چېگرا ھالقىغان قىمار گۇرۇھىنىڭ كاتتىبېشى چېن جى پىنومپىندىن جۇڭگوغا يالاپ ئېلىپ كېلىندى؛ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، كامبودژا كۆچمەنلەر باش ئىدارىسى جۇڭگونىڭ كامبودژادىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 494 جۇڭگولۇقنى مەركەزلىك قايتۇردى. كامبودژانىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى سەيشىنالى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگو خەۋپسىزلىك ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمكارلىقى جەھەتتە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. كامبودژا ھەمراھ دۆلەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەمتۈرتكە بولۇپ، تور جىنايىتى گۇرۇھلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ۋە ئۇۋىلىرىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









