جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىدا يېڭى مەنزىرە نامايان بولدى
فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 62-نۆۋەتلىك فىرانسىيە خەلقئارا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو سارىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۆزگىچە تۈسكە كىرىپ، بىر يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى نامايەن قىلدى.
گۇاڭدۇڭدىكى شۈۋېن بولوسىنىڭ 100 يىللىق تېرىقچىلىق ئاساسى، خېنەندىكى جاڭباۋشەن پىچەكگۈل مەھسۇلاتلىرى ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى، خۇنەندىكى ماياڭ ناۋات چىڭزىسى بىلەن تۇخۇم توخۇسى باقمىچىلىقى ئېكولوگىيەلىك ئايلىنىشنى ھاسىل قىلدى، گەنسۇدىكى گەنگۇ ناھىيەسى ئالمىسىنىڭ ھەر دانىسى بىر جىڭدىن ئېشىپ كەتتى. فىرانسىيەنىڭ پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن 62-نۆۋەتلىك فىرانسىيە خەلقئارا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسىدە، جۇڭگو سارىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۆزگىچە تۈسكە كىرىپ، بىر يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى نامايەن قىلدى.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، جۇڭگو دۆلەت يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە ئۆمىكى تۇنجى قېتىم بۇ كۆرگەزمىدە نامايان بولۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە ئوخشاشلا يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك چوڭ دۆلىتى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى باشتىن-ئاخىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن فرانسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك، يېمەكلىك ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-فرانسىيە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈرمەنلەر بىر پىيالە جۇڭگو چېيىنىڭ ئاۋۋال خۇش پۇرىقىنى ھېس قىلدى، ئاندىن رەڭگىنى كۆردى، ئارقىدىن تىتىپ باقتى ... كۆرگەزمە سارىيىدا، كۆرگەزمە ئورنىغا چاينى تېتىپ بېقىشقا كەلگەن نۇرغۇن فىرانسىيەلىك كۆرۈرمەنلەر جۇڭگوچە چاي تېتىش تەرتىپىگە ناھايىتى قىزىقتى.
سىچۈەن دۇجياڭيەن شەھەرلىك چاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جۇ جيايۈ مۇنداق دېدى: بۇ بىر مۇھىم پۇرسەت. جۇڭگو چېيىنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈشتە، «چاي سېتىش» بىلەنلا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى بىر يۈرۈش يۇغۇرما سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر ـ سەنئىتى، چاي ئىچىش ئۇسۇلى ۋە ئېستېتىك لوگىكىغا دائىر سىستېمىلىق ئىپادىلەشنى تارقىتىش كېرەك.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، چاڭبەيشەن تېغىنىڭ ياۋا ئادەمگىياھى «ئەلا سۈپەتلىك شەرەپلىك مەھسۇلات» نامىغا ئېرىشتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، ياۋا ئادەمگىياھ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قوغدىلىدىغان تۈرلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، يىغىش ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى، ئالاقىدار كەسىپلەردە «ئورمان ئادەمگىياھى» ئەندىزىسىگە قاراپ بۇرۇلۇش ياسىلىپ، تاغ ئورمىنىدا سۈنئىي ئۇسۇلدا تېرىلدى ھەمدە سۈنئىي ئارىلىشىش ئەڭ زور چەكتە ئازايتىلىپ، ئادەمگىياھ دالا مۇھىتىدا تەبىئىي ئۆسۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان تيەنيۈەنساۋ ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ما شياۋخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئادەمگىياھ تېرىقچىلىقىدا ئۆسۈش يىل چېكى، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى مۇھىتى ۋە سۈپىتى يادرو قىلىنغان ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى كەسىپ تەرەققىيات يولىدا قايتىدىن ماڭدى.
دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك كاتتا مەرىكىلىرىنىڭ بىرى بولغان فىرانسىيە خەلقئارا يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىسى كۆپ مەنبەلىك كۆرگەزمە ۋە چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنىڭ كەڭ بوشلۇقى ۋە چوڭقۇر يوشۇرۇن كۈچىنى ئەكس ئەتتۈردى. فىرانسىيە يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك ساھەسىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئالان رېكلېر مۇنداق دېدى: كۆرگەزمە ئاممىغا يۈزلەنگەن دۇنياۋى ئېسىل تائاملار ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى كۆرگەزمىسىگە تېخىمۇ ئوخشايدۇ، تەخمىنەن %80 مېھمان ئاددىي ئىستېمالچى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ سېزىش تەسىراتى ۋە مەدەنىيەت بايانىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشى فىرانسىيە ئاممىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەك ـ ئىچمەك چوڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ستېرېئولۇق چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ
ئالان رېكلېر ئىلگىرى فىرانسىيە ئومىس گۇرۇھىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىك ۋە يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى ساھەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ كىلىمات شارائىتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ، ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك ماتېرىيالى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىپ ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ھەمكارلىق ئارقىلىق، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق ۋە سۈپەتكە بولغان ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۇنيا بازىرىغا ئورتاق يۈزلەنگەن يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ چىقالايدۇ.
جۇڭگو سارىيىنىڭ يېنىدىكى «يېمەكلىك-دورا مەنبەداش» مەخسۇس رايونىدا، فىرانسىيە خەلقئارا يېمەكلىك ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات يۇرتى خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسى، خېنەن جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى قاتارلىق 10دىن ئارتۇق ئورۇن ۋە كارخانا بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمىگە قاتناشتى. فىرانسىيە تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقات مۇدىرى، خەلقئارا يېمەكلىك ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى ژان ئىف مۇۋاسېرون مۇنداق دېدى: دۇنيادا ساغلاملىق مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو يېمەكلىك بىلەن داۋالاش ۋە جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە سىستېمىلىق تەجرىبە توپلىدى، بۇ مۇھىم ئۆرنەك ئېلىش قىممىتىگە ئىگە. ياۋروپا، ئافرىقا، جۇڭگودىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئېچىش ساھەسىدە يوشۇرۇن كۈچى زور. نۆۋەتتە، خەلقئارا يېمەكلىك ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات يۇرتى ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پەن-تەتقىقات ھەمكارلىقى، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
خەلقئارا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، جۇڭگونىڭ پەن- تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن كارخانىلىرى ئۆمەك تەشكىللەپ ئايلانما يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق ساغلاملىقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى جابدۇقلىرى، ئەمگەك مۇھاپىزىتى ۋە ئەقلىي قوشۇمچە ئۈسكۈنىلەر قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىغان پۈتۈن زەنجىرلىك يېزا ئىگىلىكىگە دائىر ھەل قىلىش لايىھىسىنى نامايەن قىلدى.
كۆپ خىل يەر شەكلى ۋە زىرائەت مەنزىرىسىگە قارىتا لايىھىلەنگەن يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان ئوت ـ چۆپ ئورۇش ماشىنىسى، ئوت ـ چۆپ توغراش ماشىنىسى قاتارلىق ئەقلىي يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كىچىك، ئەپچىل بولۇپ، مەشغۇلات قىلىش قولاي؛ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە جابدۇقى ئارقىلىق ئېلېكتىر موتورنى دەرقەمدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ چىقارغىلى بولىدۇ، بۇ %40 تىن ئارتۇق بەدەن يۈكىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ. جۇڭگونىڭ شوپۇرسىز دورا پۈركۈش ماشىنىسىدا ئاپتوماتىك ھەيدەش بىلەن دەل جايىدا پۈركۈش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، فىرانسىيەنىڭ چامپاجنې رايونىدا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ ... كۆرگەزمە رايونىدا جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئۈسكۈنىلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ياۋروپالىق دېھقانلارنى جەلپ قىلدى.
مۇۋاسېرون مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇنى قوللىنىش ساھەسىدە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. كەلگۈسىدە، بۇ خىل تېخنىكا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىدا كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىدۇ، فىرانسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە توغرا كېلدۇ.
جۇڭگو سارىيىدا، سىچۈەن رۈنجاۋ بېلىقچىلىق چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان بېلىق تۇخۇمى قىيامى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى. غەربنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى تائاملىرى جۇڭگودا ئىمپورت مەھسۇلاتىدىن يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتقا ئايلاندى. فىرانسىيە مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چارۋا نەسلىنى يېتىشتۈرۈش ۋە سۈتچىلىك ۋەكىلى توما پاۋى مۇنداق دېدى: ئاتسىپېنسېر بېلىقى تۈر توپىنىڭ قايتا بارلىققا كېلىشى ئىلگىرى فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىرسىيەت سورت يېتىشتۈرۈش ساھەسىدە ھەمكارلاشقانلىقىدىن بولدى، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك.
جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك سورت يېتىشتۈرۈش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. 1973-يىلى ئىككى تەرەپ گۆش كالىسىنى ئېرسىيەت ئارقىلىق يېتىشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى باشلىدى. ئىككى تەرەپ يەنە ھەمكارلىشىپ شالغۇتلاشتۇرۇپ يېڭى نەسىللىك چوشقا يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا بۇ خىل قوش يۆنىلىشلىك تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
فىرانسىيە سورت يېتىشتۈرۈش شىركىتى ئەيۋو خەلقئارا شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى، جۇڭگودىكى نۇرغۇن چوڭ يېزا ئىگىلىك گۇرۇھلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. بۇ شىركەتنىڭ ئېكسپورت دىرېكتورى مارىئېل برېئېلې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ گۆش كالىسىغا بولغان ئىرسىيەت يېتىشتۈرۈش ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شارولاي، لىموزان قاتارلىق فىرانسىيەنىڭ گۆش كالىسى نەسىللىرىنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەرلىك كەسىپ زەنجىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يارىتىدۇ.
برېئېلې مۇنداق دېدى: يەرلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئازايتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئېرسىيەتنى ياخشىلاش سىجىل يېڭىلاش جەريانى، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېرسىيەت، باقمىچىلىقنى باشقۇرۇش ۋە سويۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ھالقىلاردا كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار، بۇ ئاددىي سودا بولماستىن، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا يۈزلەنگەن ھەمكارلىق.
بۇلتۇر، فىرانسىيە ئۆچكە ئېرسىيەت سورتىنى يېتىشتۈرۈش ئورگىنى كاپ گېن شىركىتى جۇڭگو شەنشى جېڭدا چەكلىك شىركىتى بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ئىف رۇئاۋ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگودا بىرلىكتە تەجرىبىخانا قۇرۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئۆلچىمى بويىچە يۈرۈشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ سۈت ئۆچكىسى تۈر توپىنى ئىرسىيەت جەھەتتىن ياخشىلاپ، سۈت مىقدارى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرىدۇ. ئىككى تەرەپ 10 يىللىق ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، فرانسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ تۈرنى يولغا قويۇشقا ئۇزاق مۇددەت قاتنىشىدۇ، بۇ ئىرسىيەت سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان چوڭقۇر تېخنىكا ھەمكارلىقى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئېكسپورت ئەندىزىسىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.
جېڭجۇدىكى «ھاشارەت زاۋۇتى» جۇڭگو ۋە چەتئەل بىئو تېخنىكا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى نامايەن قىلدى. خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياڭ سېننىڭ ئۆمىكى كۆكۈيۈننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى بىلەن ئىقتىدارغا ئىگە مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ماسلىشىش رولىغا تايىنىپ، بىيولوگىيەلىك سورت يېتىشتۈرۈشنى يادرو، قۇرۇلۇش ۋاسىتىسىنى تىرەك قىلغان تېخنىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ ئارقىلىق زىرائەت شاخ - شۇمبىلىرى، ئاشخانا ئەخلەتلىرى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئورگانىك تاشلاندۇقلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى قۇرت ئاقسىلى، قۇرت قۇم زەمبۇرۇغى ئوغۇتى، ئىقتىدارغا ئىگە ماي ئاقسىلى قاتارلىق بايلىقلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى بۇ تېخنىكىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ياڭ سېن:«ھاشارات زاۋۇتى» سىستېمىسىنى ئافرىقىدىكى كىلىماتى مۇۋاپىق، بايلىقى مول رايونلارغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ، بۇ ئاقسىلنىڭ ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە رېئال قىممەتكە ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلىنىپ سېتىشنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بار، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق بوشلۇقى ئىنتايىن كەڭ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









