ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قانۇنسىز ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇشتا، فىرانسىيە يەنە نېمە ئىش قىلىىشى كېرەك؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-21 16:17

قەدىرلىك دوستلار، فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى يېقىندا فىرانسىيەنىڭ قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
بۇ لايىھە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ لايىھە قانداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ تەدبىقلىنىش دائىرىسى قايسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇنىڭ ماقۇللىنىشى ئۇزۇن مەزگىل فىرانسىيەدە ئېقىپ يۈرگەن ھەر قايسى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي قايتۇرۇش يولىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟
لايىھەنىڭ ماھىيىتى قانداق
ئاممىۋى پىكىر بۇ لايىھەنىڭ ماقۇللىنىشى ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قارىدى.
فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى 170 ئاۋازنىڭ قوللىشى، قارشى ئاۋازنىڭ چىقماسلىقىدەك نەتىجە بىلەن بۇ لايىھەنى ماقۇللىدى شۇنداقلا كۆپ تۈرلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللاپ، لايىھەنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنىڭ 1815-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، فىرانسىيە ئوغرىلاش، تالان-تاراج قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار بىلەن ئېرىشكەن چەتئەل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
خەلق پارلامېنتى ماقۇللىغاندىن كېيىن، لايىھەنىڭ نۇسخىسى ھەققىدە يەنىلا پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتا ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنىپ، قانۇن تۇرغۇزۇش تەرتىپىنى تاماملاش ئارقىلىق ئاخىرىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
بۇ لايىھەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك مەزمۇنى-قانۇنسىز ئېرىشكەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش. فىرانسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كاتېرىن پېگارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «كەلگۈسىدىكى قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئېنىق رامكا بىلەن تەمىنلەش ھەم ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت.
فىرانسىيەنىڭ ھازىرقى قانۇنىغا ئاساسەن، «ئاممىۋى ساھەگە كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ»، ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتە بىر-بىرلەپ قانۇن چىقىرىپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، تەرتىپى بىر قەدەر مۇرەككەپ. ئەڭ يېڭى لايىھەدە بىر يۈرۈش تۈزۈم خاراكتېرلىك مېخانىزم ئورنىتىلىدۇ: يەنى قايتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋالدا، ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاممىۋى ساھەدىن «يۆتكەپ»، قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ۋاقتى كەلگەندە قايتۇرۇش ئىشى يەنە مەمۇرىي تەرتىپ ئارقىلىق تەستىقلانسا بولىدۇ، بىرمۇ-بىر قانۇن چىقىرىش ھاجەتسىز.
بىراق كونكىرىت مەشغۇلات قاتلىمىدا، لايىھەدە يەنە قايتۇرۇش شەرتى ۋە تەرتىپى تەسىس قىلىندى. مەسىلەن: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ «قانۇنسىز تاپاۋەت»كە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا، تولۇق دەلىل-ئىسپات ياكى «كەسكىن، توغرا ھەم بىردەك ئالامەت» بىلەن ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ؛ مەلۇم بىر دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغاندا، فىرانسىيە بىلەن بىرلەشمە ئىلىم-پەن كومىتېتى قۇرۇپ، قايتۇرۇپ بېرىش شەرتى قاتارلىقلارنى ھازىرلىغان-ھازىرلىمىغانلىقىنى ئورتاق باھالاشقا توغرا كېلىدۇ.
«قانۇن چىقىرىپ قايتۇرۇپ بېرىش» ئەمدىلا باشلاندى
بۇ لايىھە بۇ يىل 1-ئايدا ئالدى بىلەن فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى، يېقىندا يەنە خەلق پارلامېنتىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. قانۇن چىقىرىش قەدىمى قارىماققا تېزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.
2017-يىلى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بۇركىنافاسودا زىيارەتتە بولغاندا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قانۇن تۈزۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، فىرانسىيە گەرچە ئالاھىدە قانۇن ئېلان قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بېنىن، كوتىدىۋا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش قانۇن رامكىسىغا ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ئۇزۇنغىچە ئىلگىرى سۈرۈلمىدى.
يېقىندا خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇنازىرىسىدە، پېگار بۇ ھەقتە قانۇن چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تالان-تاراج قىلىنغان دەپ قارىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ھەم فىرانسىيەدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئايرىم دېلولارنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىنىشىغا ئەگىشىپ، بىر يۈرۈش «تۇتاش» ھەم «ئومۇمىيلىققا ئىگە» ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، يېڭى قانۇن چىقىرىشمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى.
بەزى قاراشلاردا فىرانسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكە تارىخىنى ئويلاشقاندا، بۇ ھەقتە قانۇن چىقىرىشتا ئالدى بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇشى مۇمكىن دەپ ھېسابلاندى. بىراق، تەھلىلدە، نۆۋەتتە ماقۇللانغان لايىھە نۇسخىسىنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ۋاقتىنچە ئالاھىدە دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەنمىدى، بۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئافرىقىدىن باشقا دۆلەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى دەپ كۆرسىتىلدى.
فىرانسىيە پارلامېنتنىڭ ئەزاسى ژېرېمى پاترىيى لايد 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلق پارلامېنتىدا سۆز قىلغاندا، فىرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋىكتور ھيوگونىڭ مەشھۇر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «كۈنلەرنىڭ بىرىدە فىرانسىيەنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ، جۇڭگودىن بۇلاپ كەتكەن بايلىقلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. پاترىيى لايد مۇنداق دەپ قارىدى: قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەلۇم بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىغا، مەلۇم بىر دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە «قايتۇرۇپ بېرىش» پىرىنسىپىنى رەسمىي قانۇن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشكىمۇ باغلىق.
يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن
خەلق پارلامېنتى ماقۇللىغاندىن كېيىن، لايىھە نۇسخىسى ھەققىدە يەنىلا پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتا ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تەھلىلدە، بۇ لايىھەنىڭ خەلق پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشى كەلگۈسىدىكى قانۇن چىقىرىش تەرتىپى ۋە كېيىنكى يولغا قويۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ ھېسابلاندى.
خەلق پارلامېنتى قاراپ چىقىش جەريانىدا بۇ لايىھەگە نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. بەلگىلىمە بويىچە، لايىھە نۇسخىسى پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتا ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن باراۋەر ئارىلاشما كومىتېتنىڭ كېڭىشىپ تەڭشىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ، بىردەكلىككە كەلگەن قانۇن لايىھەسى نۇسخىسى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاندىن كېيىنكى تەرتىپ بويىچە قانۇن چىقىرىشنى تاماملاشقا سۇنۇلىدۇ.
بىراق، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نۆۋەتتە لايىھە نۇسخىسىغا قارىتا يەنىلا ئىختىلاپى مەۋجۇت بولۇپ، كېيىنكى قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لايىھە مەزمۇنىنى چۆرىدەپ، بەزى پارتىيەلەر قانۇن چىقىرىشنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلغان، يەنە بەزىلەر تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇشنىڭ تەدبىقلىنىش ئوبيېكتىنى فىرانسىيە بىلەن «مۇناسىۋىتى دوستانە» دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بەزىلەر، لايىھە كېيىن يەنە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.
قانۇن چىقىرىش تەرتىپى تاماملانغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇش ئىستىقبالىغا نىسبەتەن، تاشقى ساھەدە ھەم ئۈمىد كۈتۈش ھەم ئەندىشە قىلىش پوزىتسىيەسى ساقلاندى.
فىرانسىيەنىڭ سەنئەت تارىخشۇناسى بېنېدىكت ساۋا خەلق پارلامېنتىنىڭ ئالاقىدار لايىھەنى ماقۇللىشى بىر خىل «ھەقىقىي ئىلگىرىلەش» دەپ قارىدى. لېكىن يەنە بەزى ئاممىۋى پىكىر ئەڭ ئاخىرىدا قانۇن چىقارغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ چوقۇم ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ھازىر بار بولغان لايىھە نۇسخىسىغا ئاساسەن، كەلگۈسىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش يەنىلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش، تەكشۈرۈش تەرتىپى قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردىكى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارىدى.
فىرانسىيەلىك تارىخشۇناس فىرانسوۋاس ۋېلرېس «بۇ بىر مۇھىم قانۇن ھۆججىتى، لېكىن ئۇ ئاخىرقى نۇقتا دەپ قارالماستىن، بەلكى زۆرۈر خىزمەتنىڭ باشلىنىشى» دەپ باھا بەردى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قانۇنسىز ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇشتا، فىرانسىيە يەنە نېمە ئىش قىلىىشى كېرەك؟

فىرانسىيە خەلق پارلامېنتى يېقىندا فىرانسىيەنىڭ قانۇنسىز ئۇسۇل بىلەن ئېرىشكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قايتۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.