قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرايلى
قەدىرلىك دوستلار، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، ۋېيتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تولام يېقىندا جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىيېتنامنىڭ ھەر ساھەسىدىن كەلگەن 200 ياش-ئۆسمۈر جۇڭگودا «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشتى.
بىر يىل بۇرۇنقى باھاردا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ بۇندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋىيېتنام ياشلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئىنقىلاب ئىزلىرىنى بويلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنىنى ئىزدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ رەڭدار كەيپىياتىنى ھېس قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
بىر يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم ۋىيېتنام ياشلىرى جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگو ياشلىرى بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنىڭ ياشلىق باھارى سەھىپىسىنى ئاچتى.
«جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدىن ھالقىپ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، ئىزچىل داۋاملىشىدۇ»، «ياشلار-كەسىپنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى»، «ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوست ئەربابلار، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇق مۇساپىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». كۆپ يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش ئەۋلادلارنىڭ جۇڭگو-ۋىيېتنام ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. جۇڭگو-ۋېيتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشتى ھەم ئۇلارغا قىزغىن ئىلھام بەردى.
2025-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە كۇنۇپكىنى بېسىپ، «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى باشلىدى. شۇ چاغدا نەق مەيداندا گۇۋاھ بولغان ۋىيېتنام خۇ جىمىڭ دۆلەتلىك سىياسىي شۆيۈەنى پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى نۈەن مىڭخۈەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە تىلغان «ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ئېقىنى جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چوڭ دەرياسىغا ئايلاندى» دېگەن سۆز مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، ۋىيېتنام-جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭ دەرياسىغا ئايلاندى.
نۈەن مىڭخۈەن مۇنداق دېدى: شۇنىسى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى، بۇ، «ئەسلىمىگە ۋارىسلىق قىلىش، غايىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان قەتئىي ئېتىقادقا ۋارىسلىق قىلىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋىيېتنام ياشلىرىنىڭ «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقاندىكى ئەڭ قىممەتلىك ھاسىلاتى شۇ بولدىكى، ئۇلار ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر ھەم قىممەتلىك تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
بۇ يىل 1-ئايدا، ۋېيتنامنىڭ خانوي شەھىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ۋۇ ۋەنرۇ گۇاڭشىدا ئۇنتۇلغۇسىز 10 كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئايرىلىدىغان چاغدا، جۇڭگولۇق دوستۇم ماڭا خاتىرە ئالبۇمى ياساپ بەردى، يەنە بىر پارچە خەت يېزىپ بەردى. بۇ سەمىمىي دوستلۇق مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، مەن بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيمەن، تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئورناتقان دوستلۇق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش كەلگۈسىنى يورۇتىدۇ.
بۇلتۇر 5-ئايدا ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ پاراخوتقا ئولتۇرۇپ لىجياڭ دەرياسىدا بىرلىكتە سەيلە قىلىپ، بىر-بىرىگە تونۇشلۇق بولغان جۇڭگو ناخشىلىرىنى ئېيتقانلىقى، ئاخىرىدا بۇنىڭ «پۈتۈن پاراخوت ئومۇمىي خورى»غا ئايلانغانلىقى گۇاڭشى داشۆسى ئاخبارات ۋە تارقىتىش شۆيۈەنىنىڭ ئاسپىرانتى شۈ مىننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، شۈ مىن مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىنلا مەدەنىيىتى ئوخشاش، بىز ياشلارنىڭ نۇرغۇن ئورتاق تېمىمىز بار، بۇنداق پائالىيەتلەر بىر-بىرىمىزنىڭ قەلبىنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرىدۇ.
گۇاڭشى داشۆسىنى پۈتكۈزگەن جۇڭگولۇق ياش جۇ دۇڭمىڭ جۇڭگوغا تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشكە كەلگەن ۋىيېتناملىق دوستلىرى بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. ئۇ بىز سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلساقلا، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇق دەرىخى بۈك-باراقسان ئۆسىدۇ دېدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قاينام-تاشقىنلىق يىللار داۋامىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان، ئۆزئارا قوللىغان ئاشۇ تارىخنى كۆپ قېتىم ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس خۇ جىمىڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، يەنئەن، گۈيلىن، چۇڭچىڭ، كۈنمىڭ قاتارلىق جايلاردا جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان، گۇاڭشىنىڭ گۈيلىندىكى نەنشىشەن دوختۇرخانىسى يارىلانغان بەش مىڭدىن ئارتۇق ۋىيېتناملىق جەڭچىنى قۇتقۇزغان، يۈسەي مەكتىپى ۋىيېتنام ئۈچۈن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەپ بەرگەن.
بىر يىلدىن بۇيان، «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقان ۋىيېتناملىق ياشلار گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، كونا تۇرالغۇ، خارابىلىك، خاتىرە سارايلىرىغا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداشلارچە» دوستلۇقىنى قايتا ئەسلىدى.
ۋىيېتنام دوستلۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى نۈەنشى مېيچۈي مۇنداق دېدى: ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى مەشئەلنى ئۆز قولى بىلەن ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ، بىزنى ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەشكە يېتەكلىدى. بۇ تۈر «قىزىل تومۇر»غا ۋارىسلىق قىلغانلىق.
ئۇ نەق مەيداندا ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى باشلىغانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى تۈرنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياشلارنىڭ جۇڭگودىكى ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىنى خاتىرىلەپ، نۇرغۇن خەۋەر يېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەسىرلىك دوستلۇق داستانىنى تېخىمۇ كۆپ ۋىيېتنام ئاممىسىغا سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى.
نۈەنشى مېيچۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: چۇڭچىڭدىكى «قىزىل خارابىلىك»تە، مەن ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئۇرۇش يىللىرىدا تاۋلىنىپ شەكىللەنگەن «يولداش ھەم قېرىنداشلارچە» دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، دوستلۇق دەرياسىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا.
گۇاڭشىنىڭ نەننىڭدىكى يۈسەي مەكتىپىنىڭ كونا سۈرەتلىرىدە، ۋېيتنامدىكى فىرانسىيە، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش كۈرىشى مەزگىلىدە ۋېيتنام ياشلىرىنىڭ جۇڭگودا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئىشلىرى بايان قىلىنغان؛ نەنشىشەن دوختۇرخانىسىنىڭ سۈرەت تېمىدا جۇڭگولۇق تېببىي خادىملارنىڭ ئەينى چاغدا قان تەقدىم قىلىپ ۋېيتنامدىكى يارىدارلارنى قۇتقۇزغانلىقىدەك مېھىر-مۇھەببەت روھى خاتىرىلەنگەن. ۋىيېتناملىق ئوقۇغۇچى نۈەن شېڭشيۇڭ مەن بۇلارنى كۆرۈپ «تارىخنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم» دېدى.
ۋىيېتنام خانوي دۆلەتلىك داشۆسى قارىمىقىدىكى چەتئەل تىللىرى داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى لى ۋېندەي مۇنداق دېدى: قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش پائالىيىتىدە تارىخنى ئەسلەپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك سېلىندى، مەن يېرىم ئاي ئىلگىرى، ساۋاقداشلىرىم بىلەن يۈننەن، خېبېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ، يولبويى ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، ۋىدىيو تارتىپ، تارىخ بىلىملىرىمنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بۈگۈنكى جۇڭگوغا بولغان تونۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم.
لى ۋېندەي مۇنداق دېدى: بىز خېبېينىڭ شيۇڭئەندە كەلگۈسىدىكى «ئاقىل شەھەر»نىڭ قىياپىتىنى كۆردۇق، جېڭدىڭ ناھىيەسىنىڭ تايۈەنجۇاڭ كەنتىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسىنى ئىگىلىدۇق، بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان ئەمەلىي ئۈلگە.
بۇلتۇر 11-ئايدا، شەنشىنىڭ يەنئەندە، تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشكە قاتناشقان 200 ۋىيېتناملىق ياش «يەنئەن! يەنئەن!» دېگەن ئويۇننى كۆردى. ۋىيېتنام «ئاۋانگارتلار گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى مېي چۈنسۇڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مول، تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر زامانىۋى تېخنىكا ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ، بىزنى «خۇددى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر سەپەرنىدا تۇرغاندەك» ھېس قىلدۇردى.
نۈەنشى مېيچۈي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنداق ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان شەھەرلەردە، «قىزىل خارابىلىكلەر» كۆڭۈل قويۇپ قوغدىلىپتۇ. زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلانغان، ئەمما ئەسلىي مەقسەت ۋە مەنبەنى ئۇنتۇمىغان جۇڭگونى تونۇش مېنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىكى ئەڭ چوڭ ھاسىلات بولدى.
«قىزىل تەتقىقات، ئۆگىنىش سەپىرى» بىر يېڭى باشلانما بولدى. لى ۋېندەي ۋېيتنامغا قايتقاندىن كېيىن، خانويدىكى خۇجىمىڭ مۇزېيىدا داۋاملىق پىدائىي ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگودا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ياش تاماشىبىنلارنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى پىلانلىدى. رۈەنشى مېيچۈي ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ھېكايىسىنى خاتىرىلەش ۋە تارقىتىشقا ئىرادە باغلىدى، ئۇ ھەر بىر ياش ئۆز ساھەسىدە خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشلامچىلاردىن بولسا بولىدۇ دېدى.
جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ ئۇلى خەلقتە، كەلگۈسى ياشلاردا. بىز قىزىل ساياھەتنى بويلاپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو-ۋىيېتنام ياشلىرىنىڭ يېڭى تونۇشقا قۇچاق ئېچىپ، يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشۇپ، خەلق دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان ئېسىل، رەڭدار سەھىپىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









