ئاق ساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدىكى جىنايەت گۇماندارى ئامانلىق ساقلاشتىكى نۇقسانلارغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، دېدى
ئاق ساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدە ئوققا تۇتۇش دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار كەسپىي زاتلار تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قوشما شىتات ئالاھىدە خادىملىرى جىنايەت گۇماندارى كوللې ئاللىننى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن جىنايەت گۇماندارى كوللې ئاللىننىڭ يىغىن مەيدانى ئەتراپىغا كىرەلىشى ھەمدە ئوق چىقىرىشىنىڭ ئۆزىلا ئامانلىق ساقلاشتا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا زۇڭتۇڭ قاتناشقان پائالىيەتتە، خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى بىخەتەرلىك ئېھتىيات دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، ئاق ساراي مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ۋاشىنگتوندىكى خىلتون مېھمانسارىيىدا ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى ئېلان قىلغان نازارەت قىلىش سىن كۆرۈنىشىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا قوراللىق بىر ئەر مېھمانخانىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن تېز سۈرئەتتە بۆسۈپ ئۆتكەن، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئوق چىقىرىپ قوغلىغان، ئىككى تەرەپ ئېتىششقان. بۇ ئەر زىياپەت زالىنىڭ سىرتىدىكى كارىدوردا بويسۇندۇرۇلغان، ساقچىلار چاچما ئوقلۇق مىلتىق، بىر تاپانچا ۋە نۇرغۇن تىغلىق قورالنى قولغا چۈشۈرگەن. ئاللېن ۋەقە يۈز بېرىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاپ، مېھمانخانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىنى «ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ» دەپ مەسخىرە قىلغان. مەن كۆپ خىل قوراللارنى ئېلىپ كىردىم، لېكىن ئۇ يەردە ھېچكىم مېنى تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن دەپ قارىمىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئامانلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى سىرتقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر ۋە شۇ كۈنى يېتىپ كەلگەن خادىملارغا قارىتىلغان، چۈنكى ئېنىقكى ھېچكىم ئەگەر بىرەرسى بىر كۈن بۇرۇن بۇ يەرگە كىرىۋالسا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە قاتناشقان ئامېرىكا ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە خادىمى دون مىخالېكنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر بەردى: ۋاشىنگتون خىلتون مېھمانسارىيىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى چوڭ، ئامانلىق ساقلاش ئىشلىرى ئىزچىل خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى قايتىپ بېرىپ ئۇ يەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى قايتىدىن تەكشۈرىدۇ، چۈنكى بۇ قېتىمقى ۋەقە سىرتقا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشى مۇمكىن.
ئىلگىرى ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى ئۈچۈن ئالتە يىل خىزمەت قىلغان بىل گايچ مۇنداق دېدى: خەۋىپسىزلىك تارماقلىرى بۇنىڭدىن كېيىن سىرتقى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، مېتال تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى سىرتقا يۆتكەش.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەچلىك زىياپەت سائەت 20دە باشلانغان، مېھمانساراي شۇ كۈنى سائەت 14 تىن باشلاپ سىرتقا تاقالغان. مېھمانسارايغا كىرەلەيدىغانلار پەقەت مېھمانسارايدىكى مېھمانلار، كەچلىك زىياپەتكە كىرىش تەكلىپنامىسى بارلار، كەچلىك زىياپەتنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈتۈۋېلىش يىغىنى تەكلىپنامىسى بارلار بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، ئاللېننىڭ گەرچە تەكلىپنامىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ پائالىيەتتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مېھمانخانىغا كىرىپ، ئەڭ ئاساسىي تەكشۈرۈش ھالقىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەن.
گايچ بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش يوچۇقىدىن باشقا يەنە ئالاھىدە جىددىي ئەھۋال ئىدارىسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك دەپ قارىدى. ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنى قوغداپ چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئەمەلدارلار ئىدارىسى بىلەن دىپلوماتىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلار ئۈستىگە ئالدى، بۇ ئوخشاش بولمىغان مۇھىم كىشىلەرنى قوغداشقا مەسئۇل گۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا زىددىيەت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
رېيتېر ئاگېنتلىقى نەق مەيداندىكى ۋىدېيو ۋە ئاۋازنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، گەرچە ترامپ ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوق ئاۋازىدىن كېيىن 30 نەچچە سېكۇنتتىلا ئاساسلىق مېھمان سۇپىسىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى كىچىك روبېرت كېننىدىنىڭ يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىشىغا ئاز دېگەندىمۇ 100 سېكۇنت ۋاقىت كەتكەنلىكىنى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇبىئو ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېسنىڭ تەخمىنەن 150 سېكۇنت ۋاقىتتا ئاندىن چېكىنگەنلىكىنى بايقىغان.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









