ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مىسىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كامال: «مىسىر ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئاساسقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-03 10:10

مىسىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد كامال يېقىندا قاھىرەدە جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپلا قالماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
كامال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مىسىر بىلەن جۇڭگو قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە سۆزلىشىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. مىسىر-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، بۇ مۇناسىۋەت ئورتاق مەنپەئەت، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلارغا بولغان چوڭقۇر تونۇش ھەمدە تەرەققىيات ۋە مۇقىملىققا ئورتاق ئىنتىلىش ئارزۇسى ئاساسىغا قۇرۇلغان.
جۇڭگو بىلەن مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى تەرەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سانائەتلىشىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. كامال مۇنداق دېدى: مىسىر بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بولمىسا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپ ئاكتىپ، ساغلام خەلقئارا مۇناسىۋەتنى قوغداشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئېلىپ، دۇنياغا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايدۇ.
كامال مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا باشتىن ئاخىر قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى مىسىر دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى دەپ قارايدۇ. «ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتى بىرلا جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: مىسىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپى رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىم، «بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدىن چەتنىگەن ھەرقانداق قىلمىش ئاسىيا ھەتتا دۇنياغا داۋالغۇش ئېلىپ كېلىدۇ»، دەپ قارايدۇ.
كامال ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، دېڭىز قاتنىشى ۋە سودا ئەركىنلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادىي مەسىلىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پائال ياراشتۇرغان، «جۇڭگو ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلىنالايدۇ».
كامال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە بارغان، ھەر قېتىم جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھېس قىلدىم، بۇ ئىلگىرىلەشلەر جۇڭگو خەلقىگە ھەقىقىي بەخت يارىتىۋاتىدۇ. «يېقىندىكى بىر قېتىملىق جۇڭگودىكى زىيارىتىمدە، مەن جۇڭگو پەن-تېخنىكىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىدا كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆردۈم، شۇنداقلا جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرى قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتلەرنى كۆردۈم.
كامال جۇڭگونىڭ يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا قانات يايدۇرغان مول نەتىجىلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى. كامال مۇنداق دېدى: جۇڭگو مىسىرنىڭ تەرەققىيات، سېلىنما ۋە بىلىم يۆتكەش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. مىسىر بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرى ئۇل ئەسلىھە، ياسىمىچىلىق ۋە مائارىپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ھەمكارلىق مىسىر خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى.
كامال مۇنداق دېدى: مىسىر بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە تەۋە، شۇڭا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن خىرىسقا، بولۇپمۇ ئىقتىساد ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ساھەسىدىكى خىرىسقا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ مىسىر بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم، «بۇ مۇھىت ئاسراش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى تەشەببۇسلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە كۆپ تەرەپچىلىك، ئورتاق كەلگۈسى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان يېڭى دۇنيانى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىش ئارزۇسىغا پايدىلىق».
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مىسىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كامال: «مىسىر ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئاساسقا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە»

مىسىر كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد كامال يېقىندا قاھىرەدە جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: مىسىر بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، بۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپلا قالماي، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، دېدى.