دولىن: گېرمانىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق
گېرمانىيە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يوشۇرۇن چېمپىيون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ۋالتېر دولىن يېقىندا جۇڭگو مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك ھەم يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە، گېرمانىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.
«يوشۇرۇن چېمپىيون» مەلۇم ئىنچىكە ئايرىلغان ساھە ياكى كەسىپتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر گېرمانىيەنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى 500چە باشلامچى كارخانىسىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار. دولىن گېرمانىيەدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ جۇڭگونىڭ سىياسىتى ۋە بازار مۇھىتىغا بولغان چۈشەنچىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گېرمانىيە كارخانىلىرىنى جۇڭگوغا بېرىپ جۇڭگو-گېرمانىيە (ياۋروپا) يوشۇرۇن چېمپىيون مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا پائال يېتەكلىدى. بۇ يىل 5-ئايدا گېرمانىيە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يوشۇرۇن چېمپىيون ئىلمىي جەمئىيىتى بېيجىڭدا 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو-گېرمانىيە (ياۋروپا) يوشۇرۇن چېمپىيون مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتى، دولىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلدى.
دولىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدى، جۇڭگو كارخانىلىرى جۇڭگو-گېرمانىيە (ياۋروپا)يوشۇرۇن چېمپىيون مۇنبىرىگە بەس-بەستە قاتنىشىپ، گېرمانىيەنىڭ «يوشۇرۇن چېمپىيون» كارخانىلىرى قاتارلىق ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بەردى. بۇ يىل مۇنبەرنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ چوڭ، قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ساھەلىرى تېخىمۇ مول بولدى. دولىن مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا گېرمانىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى، كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگوغا كېلىپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان گېرمانىيەنىڭ يوشۇرۇن چېمپىيون كارخانىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى. گېرمانىيە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يوشۇرۇن چېمپىيون ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، گېرمانىيەنىڭ ئاز دېگەندە بەش كارخانىسى جياڭسۇنىڭ ياڭجۇدا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇردى.
بۇ يىل جۇڭگونىڭ 15-بەش يىلىنىڭ باشلىنىش يىلى. دولىن مۇنداق دەپ قارىدى: 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پروگراممىسى گېرمانىيە - جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەن 1996-يىلى، يەنى 30 يىل ئىلگىرى جۇڭگونى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان. دولىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلدى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچەيدى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى بارغانسېرى ئۆستۈرۈپ، گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگە كارخانىلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلدى. گېرمانىيە-جۇڭگو كارخانىلىرى بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنى مۇھىم بىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇردى.
دولىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل 2-ئايدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرىزنىڭ جۇڭگودىكى رەسمىي زىيارىتى مول نەتىجىلىك بولدى، بۇ گېرمانىيە، ياۋروپا ۋە جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەت كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاپ، گېرمانىيە كارخانا ساھەسىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى. نۆۋەتتە، گېرمانىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل، تېببىي دورا، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك، بۇ كەسىپلەر غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، مۇھىملىقى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە.
دولىن: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىكى ئاچقۇچ ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈشتىن ساقلانغانلىقىدا. ئالاقىدار سەپسەتىلەر پۈتۈنلەي قۇرۇق گەپ، ھەر قانداق ئادەم دۇنيادىكى كۆلىمى غايەت زور ھەم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ، رايون سىياسىي داۋالغۇشى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكىلەر جۇڭگوغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، دېدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









