ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگونى زىچ زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-07 09:43

بۇ يىلدىن بۇيان، دۇنيا دىپلوماتىيەسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشلار كۆرۈلدى، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى زىچ ھالدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، غەربتىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەردىن يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگىچە، تاغ-دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەردىن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغىچە، پۈتۈن دۇنيادا «جۇڭگونى زىيارەت قىلىش دولقۇنى» كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى پائالىيىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار كۆرۈلىدۇ؟ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قانداق جەلپ قىلىش كۈچى بار؟
  5-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چەتئەل باشلىقلىرى تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەگەر ۋاقىت سىزىقىنى يەنىمۇ ئۇزارتساق، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇ يىل باش يازغىچە، فىرانسىيە، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق غەربتىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەردىن كورىيە، ۋېيتنام، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىگىچە، نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەنە سودا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى باشلاپ كەلدى.
گەرچە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مۇقىملىققا ئىنتىلىش، ھەمكارلىقنى كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانى يۈكسەك دەرىجىدە بىردەك بولۇپ، جۇڭگونى ئىشەنچلىك، مۇقىم ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لياۋ فەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 15- بەش يىلنىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ ئىنتايىن پۇختا باشلىنىش بولدى. دۆلىتىمىز مۇشۇنداق غايەت زور ئىقتىسادىي ھەجىمدىكى ئەھۋالدا، بىرىنچى پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە يەنىلا %5لىك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، يەنىلا يەر شارى ئىقتىسادىدىكى بىر مۇھىم «پاراۋۇز» بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ مۇقىم تەرەققىيات مۆلچەرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن جۇڭگوغا كېلىشى، «شەرققە يۈزلىنىشى»نىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى. ھازىر پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا ئەسلىگە كېلىش، ئېشىشتەك مۇھىم باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، ئەڭ چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازىرى، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.
كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى زىيارەت جەريانىدا جۇڭگونى چۈشەندى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىسى ئۈستىدە ئىزدەندى
«جۇڭگونى زىيارەت قىلىش دولقۇنى» ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشى، مەبلەغ سېلىش مۇددىئانامىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە بىر مەيدان يۈزەكى تەسىراتلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەقىقىي جۇڭگونى چۈشىنىشتەك چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشنى شەكىللەندۈردى. كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ نەق مەيداننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگونى چۈشەندى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، كىشىلەر پارچە-پۇرات ، يۈزەكى ئۇچۇرلار ئارقىلىق جۇڭگونى چۈشەندۈرۈشنىڭ «ئەمانىڭ پىلنى سىلىشى» دىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى چۈشەندى.
بۇ يىل بىرىنچى ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى ستارمېر «ئەمانىڭ پىلنى سىلىشى» دېگەن تەمسىلنى نەقىل كەلتۈرۈپ، غەرب تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر ئالاقىلىشىش ئارقىلىقلا ئاندىن جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ، دېدى.
ئىككىنچى ئايدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرىز خاڭجۇغا بېرىپ پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، باش ئىستانسىمىزنىڭ ئات يىلىدىكى چاغانلىق ئەدەبىيەت-سەنئەت كېچىلىكىدىكى ئوخشاش نۇسخىدىكى ماشىنا ئادەم ئويۇنىنى كۆردى، زىيارەت قىلغان گېرمانىيەنىڭ تەخمىنەن 30 باش كارخانىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بەس-بەستە يان تېلېفونلىرىنى كۆتۈرۈپ، كەلگۈسى تۇيغۇسىغا تولغان بۇ دەقىقىلەرنى خاتىرىلىدى.
تۆتىنچى ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېز چىڭخۇا داشۆسىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا، 16-ئەسىردە ياۋروپانىڭ «غەربنى مەركەز قىلىش نەزەرىيەسى» نۇقتىسىدىن سىزىپ چىققان بىر پارچە «بۇرمىلانغان دۇنيا خەرىتىسى»دىن باشلاپ سۆزلەپ، نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشتەك كونا تەپەككۇرنى چۆرۈپ تاشلاپ، بۈگۈنكى دۇنياغا، بۈگۈنكى جۇڭگوغا توغرا قاراشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تولام ئالايىتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرۇپ شيۇڭئەن يېڭى رايونى ۋە گۇاڭشىغا بېرىپ زىيارەت قىلىشنى تاللاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.
موزامبىك زۇڭتۇڭى چابو خۇنەن ۋە چىڭخەيگە بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى تۈزەش تەجرىبىلىرىنى ئىگىلىدى، ئۇ چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ: مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنتايىن مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە، دېدى.
بېيجىڭ چەت ئەل تىلى داشۆسى رايون ۋە يەر شارى ئىدارە قىلىش ئالىي تەتقىقاتخانىسىنىڭ پىروفېسسورى سۈي خۇڭجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بەزى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبىگە قارىتا بەزى خاتا چۈشەنچىلەر مەۋجۇت ئىدى. لېكىن جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شۇنچە مۇقىم، شۇنچە ئەتراپلىق بولغان ئەھۋالدا، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سىرىنى قايتىدىن تونۇشى ۋە چۈشىنىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى تەتقىق قىلىش جەھەتتىلا ئەمەس، بازاردىن پايدىلىنىش، بازارغا ئايلاندۇرۇش جەھەتتىمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلەن، AI ساھەسىدە، رەقەملىك ئىقتىساد ساھەسىدە جۇڭگو دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھەمكارلىق پۇرسىتى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. رايون توقۇنۇشى، تەرەققىيات مەسىلىسى قاتارلىق قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن، ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت مەسئۇلىيەتچان، ئىقتىدارلىق دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق. شۇڭا مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى، ئېچىۋېتىلىشى ۋە سىغدۇرۇشچانلىقى ئارقىلىق دۇنيانى مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.
جۇڭگو داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» بولۇپ قالدى
بۈگۈنكى دۇنيا تىنچ ئەمەس، خەلقئارا ۋەزىيەت بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن، دەۋر دولقۇنىدا، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر باشلامچىلىق بىلەن لەۋزىدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا دۇنيانىڭ «ئورمان قائىدىسى»گە قايتىپ كېتىشىگە قارشى تۇرۇپ، دۇنياغا داۋاملىق تىنچلىق كۈچى ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» دەپ قارالدى.
پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھاشىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو روشەنكى مۇقىملىقنىڭ يادرولۇق تۈگۈنىگە ئايلاندى، مەيلى ئىقتىساد، سىياسىي ياكى جەمئىيەت قاتلىمىدا بولسۇن، دۇنيانىڭ «مۇقىملىق لەڭگىرى» دېيىشكە بولىدۇ.
لياۋ فەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىختىلاپلارنى كونترول قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشى نۆۋەتتىكى خەلقئارا تەرتىپتە، نۆۋەتتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىدە جۇڭگونىڭ ئوينىغان رولىنىڭ بارغانسېرى گەۋدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇنى جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ قوغدىغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىسى ئىكەنلىكىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. كۆپچىلىك «شەرققە يۈزلىنىش»، جۇڭگوغا نەزەر سېلىشتا، تەرەققىيات كۆزلىمىسىگە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە ئېلىشىغا، ئىدارە قىلىش تەجرىبىسىگە قارايدۇ.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگونى زىچ زىيارەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى

بۇ يىلدىن بۇيان، دۇنيا دىپلوماتىيەسىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىشلار كۆرۈلدى، كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى زىچ ھالدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، غەربتىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەردىن يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگىچە، تاغ-دەريالىرى تۇتاش قوشنا دۆلەتلەردىن يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغىچە، پۈتۈن دۇنيادا «جۇڭگونى زىيارەت قىلىش دولقۇنى» كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى پائالىيىتىنىڭ زىچلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلار كۆرۈلىدۇ؟ جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قانداق جەلپ قىلىش كۈچى بار؟