\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ زەرەپشان دەرياسى چامسال سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۇنجى گېنېراتورلار

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-15 10:45

 
 
شىنجاڭ زەرەپشان دەرياسى چامسال سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى.
يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق پاكىز ئېنېرگىيە تۈرىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ زەرەپشان دەرياسى چامسال سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى، بۇ قۇرۇلۇش 2017-يىلى 3-ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىغان بولۇپ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئورۇنلار ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، نەم توپىدا قۇرۇلۇش قىلىشتەك مۇرەككەپ گېئولوگىيەلىك شارائىتنى يېڭىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يەڭدى، ھازىر ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چامسال سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېراتور سىغىمچانلىقى MW203 بولۇپ، كۆپ يىلدىن بۇيانقى يىللىق ئوتتۇرىچە توك چىقىرىش مىقدارى kW/h620 مىليون، يىللىق ئىشلىتىلىش ۋاقتى 3054 سائەت ئىكەن، قۇرۇلۇشقا 1 مىليارد 953 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، ھەر يىلى شۇ جاينى 800 ۋاقىتلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئۈنۈملۈك ياردەم بەرگەن، ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېلېكتىر تورىنى توك بىلەن تەمىنلىگەن.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有