\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تاشقورغان ئايرودرومى تۈرى تەستىقلاندى

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-15 10:49
 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقات دوكلاتى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇشقا قوشۇلدى.
تاشقورغان ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق قوللاش تۈرى. بۇ تۈردە شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت سىستېمىسى ۋە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ جايلىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ تاشقى قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاپ، جىددىي قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
بۇ تۈرگە تەخمىنەن 1 مىليارد 630 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى 160 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 400 توننا بولۇش نىشانى بويىچە لايىھەلەنگەن، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجە كۆرسەتكۈچى 4C. ئاساسلىق قۇرۇلۇش مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئۇزۇنلۇقى 3800 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر كېلىدىغان 1-تۈردىكى ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى سىستېما بەرپا قىلىش؛ 3000 كىۋادىرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى ۋە تۆت ئايروپىلان ئورنى بار بېكەت سۇپىسى قۇرۇش؛ بىر مۇنار سۇپىسى ۋە 800 كىۋادىرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى باشقۇرۇش بىناسى سېلىش؛ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، ماي ۋە توك بىلەن تەمىنلەش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇش.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有