ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ تىزىملىكتە يۇرتىڭىز بارمىكەن؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-17 13:40

يېقىندا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاستى (شەھىرى)» دەپ نام بەردى. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسىنىڭ قارادالا بازىرى، ئۈرۈمچى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (ئۈرۈمچى رادىيو - تېلېۋىزىيە گۇرۇھى)، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جيەنكۇن چارۋىچىلىك چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ، پوسكام ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ، خوتەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاقتۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى، تۇرپان مۇزېيى قاتارلىق توققۇز ئورۇنغا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (ئورنى)» دەپ نام بەردى.

 

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى –تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى باش نىشانغا چىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە تەشۋىق–تەربىيەنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان ۋە قوغدايدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇردى.

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق توققۇز ئورۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋاستىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، «نەمۇنىلىك ئىشىك»، «نەمۇنىلىك بىنا»، «نەمۇنىلىك ئولتۇراق رايون»، «نەمۇنىلىك سىنىپ»، «نەمۇنىلىك بۆلۈم–ئىشخانا»، «نەمۇنىلىك ئىش ئورنى» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ھۈجەيرە قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاستى (ۋىلايىتى، شەھىرى)»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى؛ 59 ئورۇنغا «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (ئورنى)» دەپ نام بېرىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ تىزىملىكتە يۇرتىڭىز بارمىكەن؟

يېقىندا، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قومۇل شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى–تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئوبلاستى (شەھىرى)» دەپ نام بەردى.