ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2019-يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت، تەبىئىي گاز ئۇدا بەش يىل «قوش ئېشىپ كېتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-08 10:08

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2019-يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت 12 مىليون 470 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز ئىككى مىليارد 930 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2018-يىلىدىكىدىن بىر مىليون توننا ساپ ئاشتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى كۆلىمى تۇنجى قېتىم ئۈچ مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ساپ ئېشىش نىسبىتى جۇڭگودىكى نېفىتلىك-تەبىئىي گازلىقلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشى ئۇدا بەش يىل «قوش ئېشىپ كېتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈچ مىليون 100مىڭ توننىغا، يېڭى قۇدۇقتىن ئېلىنغان نېفىت 500 مىڭ توننىغا يەتتى. تەبىئىي گازنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن گاز ئېلىش ئىقتىدارى كۈنىگە ئۈچ مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2019-يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت، تەبىئىي گاز ئۇدا بەش يىل «قوش ئېشىپ كېتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى

2019-يىلى شىنجاڭ نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت 12 مىليون 470 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز ئىككى مىليارد 930 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2018-يىلىدىكىدىن بىر مىليون توننا ساپ ئاشتى،