ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ كۈندىلىك ئۇن مەھسۇلاتى بەش مىڭ توننىغا يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-03-02 16:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاشلىق، مايلىقدان پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، بازار تەمىناتىنىڭ ئۆكسۈپ قالماسلىقى، ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 115 نۇقتىلىق ئاشلىق، مايلىقدان كارخانىسىنىڭ ئىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلگەن، كۈندىلىك ئۇن مەھسۇلاتى بەش مىڭ توننىدىن كۆپرەككە، يېمەكلىك ئۆسۈملۈك مېيىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلاتى 600 توننىدىن كۆپرەككە مۇقىملاشقان، يەرلىكتىكى ئاشلىق، مايلىقدان بازارلىرىنىڭ نۆۋەتتە تەمىناتى نورمال، باھاسى مۇقىم، تارتىلمىغان ئاشلىق زاپىسى يېتەرلىك، تەييار ئاشلىق، مايلىقدان تەمىناتى تولۇق ئىكەن.

ھازىرغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلار زاپاس ئاشلىقنى نۆۋەتلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بازارغا جەمئىي 189 مىڭ 600 توننا بۇغداي سېلىپ، ھەر قايسى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنىڭ تارتىلمىغان ئاشلىق ئېھتىياجىنى قاندۇردى ھەم ئاشلىق، مايلىقداننى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەشيالىرىنى توشۇش يېشىل يولىغا كىرگۈزۈپ، ئاشلىق بىلەن كارخانىلارنى تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، 30 ئاشلىق، مايلىقدان كارخانىسىنىڭ جىددىي قەرز پۇلدىن 436 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有