ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋىدېيو ئالتاي تېغىدا ئۈچ سۈلەيسۈن بايقالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-04-15 10:49

 

 

 

 

يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي تېغىدا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان سۈلەيسۈن سۈرەتكە ئېلىندى.

كۆرۈنۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى كىچىك سۈلەيسۈن بىرى ئالدىدا، بىرى كەينىدە تاغ ئارىسىدا ماڭغان، ئارقىدىنلا بۇ سۈلەيسۈنلەرنىڭ ئاپىسى ئېكراندا پەيدا بولغان. ئۇ پات-پات بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ، ئاخىرىدا ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتكەن.

سۈلەيسۈن كۈندۈزى ئارام ئېلىپ، كېچىسى ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان، شۇنداقلا توپتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايدىغان ھايۋان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۈچ سۈلەيسۈننى بىراقلا سۈرەتكە ئېلىۋېلىش ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال.

سۈلەيسۈن دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان يىرتقۇچ ھايۋان، ئىلگىرى ئورمانلىقلاردا پەقەت سۈلەيسۈننىڭ گەندىلىرى بايقالغان، لېكىن سۈرەتكە ئېلىنغان ۋىدېيولار يوق ئىدى. بۇ قېتىم سۈرەتكە ئېلىندى.

 

سۈلەيسۈن- مۈشۈككىمۇ ھەم يولۋاسقىمۇ ئوخشايدۇ، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈپ چىققان سانلىق ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئارانلا 1500دىن ئارتۇقراق سۈلەيسۈن بار.

سۈلەيسۈننىڭ قىياپىتى مۈشۈككە ئوخشايدۇ، لېكىن تېنى مۈشۈكنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 0.9 مېتىردىن 1.3 مېتىرغىچە، ئېغىرلىقى 40 كىلوگرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. سۈلەيسۈننىڭ ئىككى قۇلىقى ئۇچلۇق بولۇپ، ئىككى قۇلىقىدا تۆت سانتېمېتىردىن بەش سانتېمېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا بىر تۇتام تۈكى بار. ئىككى مەڭزىدىكى ئۈزۇن تۈكلەر ئۇنى يولۋاسقا ئوخشىتىپ قويىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

سۈلەيسۈن «تەنھا پالۋان» بولۇپ، ھىيلىگەر ۋە ئېھتىياتچان. خەتەرگە ئۇچرىغاندا دەرھال دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ مۆكۈۋالىدۇ، بەزىدە يەردە ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئۇلار چوڭى تاغ ئۆچكىسى، كۆكمەت، ئېلىكتىن كىچىكى سۇغۇر، سېرىق چاشقان، چىل، ئۇلارغىچە ئوۋلاپ يەيدۇ. سۈلەيسۈن ھەر يىلى 2-ئايدىن 3-ئايغىچە جۈپلىشىدۇ، بوغاز بولۇپ 67 كۈندىن 74 كۈنگىچە تۇغىدۇ، تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنلا مۇستەقىل ياشىيالايدۇ.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    ۋىدېيو ئالتاي تېغىدا ئۈچ سۈلەيسۈن بايقالدى

    يېقىندا، شىنجاڭ ئالتاي تېغىدا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان سۈلەيسۈن سۈرەتكە ئېلىندى.