ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدىكى ياش نامراتلىقتىن قۇتۇلغۇچىلار خاتىرىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-12 15:54

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى ئېلىمىزدىكى مەركەزلىك تۇتاشما  نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەس بولۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ بىر قاتار نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى نۇرغۇن ياشلار ياكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ياكى  ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ياكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق  نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولغان چىرايلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىنى سىزىپ چىقتى.
5-ئايدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى پايانسىز كەتكەن ئېتىزلىقتا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىكى 22 ياشلىق يىگىت تۇرۇپ مەمەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئېتىزىدىكى سەبدە گۈلىنى ئوتىماقتا ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر سەبدە گۈل تېرىپ 8000 يۈەن  كىرىم قىلدىم.  تېرىقچىلىق قىلغاندا قىيىن مەسىلىگە   يولۇقساق مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىدۇ. زىرائەتلەر پىشقاندىن كېيىن بىز بىۋاسىتە كوپىراتىپقا سېتىپ بېرىمىز، سېتىش مەسىلىسىدىن غەم قىلمايمىز

2014-يىلى تۇرۇپ مەمەتتۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەر نامرات ئائىلە دەپ قارالدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، سەبدە گۈلىنىڭ بازاردىكى سېتىش باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئالدىنقى ئىككى يىلدا، ئۇ شۇ جايدىكى سەبدە گۈل پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى چېنگۇاڭ شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىدى، كارخانا گۈل ئۇرۇقى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆزى تېرىپ، ئۆزى ئۈزدى، زىرائەت پىشقاندىن كېيىن، كارخانا ھەر كىلوگىرامىنى بىر يۈەن بەش پۇڭدىن بىر تۇتاش سېتىۋالدى. ئۇ سەبدە گۈل تېرىشتىن باشقا يەنە كوپىراتىپقا بېرىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىدى، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مۇقىم كىرىم قىلدى.

بۇ يىل يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەبدە گۈل تېرىش كۆلىمى 130 مىڭ موغا يېتىپ، شۇ جايدىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق تۈۋرۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرۇپ مەمەتتۇرسۇنغا ئوخشاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن نامرات ئائىلىلەر يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا ماڭدى.

پەرھات ئابلاجان شىنجاڭ قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنىڭ مال ساتقۇچىسى. مۇخبىر زىيارەت قىلغاندا، ئۇ كومپيۇتېر ئالدىدا خېرىدارلارنىڭ زاكاز تالونىنى رەتلەۋاتاتتى، ئىشقا چۈشكىلى بىر سائەت بولۇپلا ئېلېكتىرونلۇق سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

كارخانىنىڭ سېتىش ماھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن  بۇ يىل 1-ئايدىلا ئۇنىڭ سېتىش سوممىسى 600 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇ نامرات ئائىلە ئىدى، بىر ئائىلىدىكى بەش جان پەقەت باقمىچىلىققىلا تايىنىپ جان باقاتتى، كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى.

پەرھات ئابلاجان 2018-يىلى شىنجاڭ يېنىك سانائەت شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا سېتىش خادىمى بولۇپ، 1-ئايدىلا 2500 يۈەن مائاش ئالغان ئىدى. ئۇ چاقچاق قىلىپ، بۇ مەن تاپقان تۇنجى «كۆپ پۇل»،دېدى.

بۈگۈنكى كۈندە خىزمەتكە چىققىنىغا ئۇزۇن بولمىسىمۇ پەرھات ئابلاجان كوللېكتىپنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئايلىق مائاشى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. بۇلتۇر ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، يەنە كارخانا پايچىكى بولۇپ قالدى.

ئۇ بۇ يىل مېنىڭ سېتىش نىشانىم 50 مىليون يۈەن ھەمدە كارخانىنىڭ سېتىش چېمپىيونى بولۇش، دېدى. پەرھات ئابلاجاننىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ يۇقىرى بولماقتا.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدىكى ياش نامراتلىقتىن قۇتۇلغۇچىلار خاتىرىسى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى ئېلىمىزدىكى مەركەزلىك تۇتاشما نامرات رايونلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەس بولۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى.