ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇش خەۋەر! شىنجاڭدا يەنە 15 ئايرودروم قۇرۇلىدۇ

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-04 10:26

  

شىنجاڭدا ھازىر 22 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلدى. ئېچىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا يېڭىدىن تۆت تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يادرو، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى تىرەك قىلىنغان «ھاۋادىكى يىپەك يولى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلىنغان.

ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان تۆت يېڭى ئايرودروم پۈتۈپ ئىشلىتىلگەن، يەنە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا قاراشلىق تۆت ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلغان.

ھەممە ئادەم بىلىدىغان قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى كېرىيە ناھىيەسى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئەھۋالى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلانغان.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كېرىيە خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى ئېچىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، «شۇ جايدىكى پۇقرالار ئەمدى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ھازىر ئىشىك ئالدىدىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، بىر سائەت 55 مىنۇتتا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.»

دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاتناشنىڭ قولايلىق بولۇشى باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا 15 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ ئومۇمىي سانى 37 گە يەتكۈزۈلىدۇ.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇش خەۋەر! شىنجاڭدا يەنە 15 ئايرودروم قۇرۇلىدۇ

شىنجاڭدا ھازىر 22 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلدى. ئېچىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق