ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاقسۇ-كېرىيە-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلىدۇ

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-26 09:35

3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، 2021-يىللىق يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرگەندە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاقسۇ-كېرىيە-خوتەن چاتما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.

بۇ لىنىيەدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان ئايروپىلان تىپى CRJ900 بولۇپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم قاتنايدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە G54401 نۆۋەتچى ئايروپىلان 08:30دە ئاقسۇدىن ئۇچۇپ، 09:40دە كېرىيەگە يېتىپ بارىدۇ، 10:30دە كېرىيەدىن ئۇچۇپ، 11:05دە خوتەنگە يېتىپ بارىدۇ. قايتىش مۇساپىسىدە G54402 نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە كۈنلىرى ئۇچىدۇ، سائەت 21:10دە خوتەندىن ئۇچۇپ، سائەت 21:45دە كېرىيەگە يېتىپ بارىدۇ، سائەت 22:25دە كېرىيەدىن ئۇچۇپ، سائەت 23:40دە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدۇ؛ ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى سائەت 20:25دە خوتەندىن ئۇچۇپ، سائەت 21:00دە كېرىيەگە يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21:40دە كېرىيەدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:55 دە ئاقسۇغا يېتىپ بارىدۇ.

نۆۋەتتە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بېلەت سېتىلىشقا باشلىدى. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئاقسۇدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان تورىنى ئەلالاشتۇرۇپلا قالماي، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرگە تېخىمۇ قولاي ھاۋا يولى ئېچىپ، ھەرقايسى جايلار ئارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئالاقىلىشىشى، سودا ئالاقىسى، ساياھەت-ئىستىراھەت ئىشلىرىنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلىك ۋە ئەشيا ئوبوروت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جاي ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاقسۇ-كېرىيە-خوتەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېچىلىدۇ

3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ، 2021-يىللىق يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرگەندە، خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى ئاقسۇ-كېرىيە-خوتەن چاتما ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىدۇ.