ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى ئىككى ئايدا چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %614.03 ئاشتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 15:08

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش قاتارلىق كۆپ خىل پايدىلىق سىياسەتلەرنىڭ گىرەلىشىشىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچى 66 مىڭ 448 ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %614.03 ئاشقان.

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1-، 2-ئايدا، ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى جەمئىي 721 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %521.55 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. چېگرادىن كىرىش سەۋەبىدىن قارىغاندا، سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىك يولۇچىلارنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولغاندىن سىرت، جۇڭگوغا ساياھەتكە كەلگەن چەت ئەللىك يولۇچىلار سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولغان. 13-مارتقىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا چېگرادىن كىرگەن چەت ئەللىك يولۇچىلارنىڭ سانى 18 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگوغا سودا ۋە ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %42 ۋە %26 بولغان.

راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، بېرىش-كېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى نەق مەيداندا چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچىلارنى سىياسەت تەشۋىقاتى، تاموژنىدىن ئۆتۈشكە يېتەكلەش، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن مەسلىھەت بېرىش، چۈشەندۈرۈش، چېگرادىن كىرىش كارتىسىنى تولدۇرۇشقا يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، چەت ئەللىك يولۇچىلارنىڭ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق چېگرادىن كىرىش-چىقىش سىياسىتىدىكى تەلەپلەرنى تېخىمۇ تېز چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نەق مەيدانىدا جەدۋەل تولدۇرۇش، تەكشۈرۈشنى كۈتۈش ۋە تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «بىر بەلباغ، بىر يول» مەخسۇس يولى تەسىس قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق تۈرلىرى بويىچە خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلان، خادىملارنىڭ تاموژنىدىن تېز سۈرئەتتە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى پورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يىپەك يولى ئاۋىياتسىيە پورتى پورت مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش جىددىي لايىھەسى ۋە ئالاھىدە يولۇچىلارنى تاموژنىدىن قولاي ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن قولاي ئۆتكۈزۈشتە «قەتئىي كېچىكتۈرمەسلىك»، ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشتە «قەتئىي ساقلاتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى ئىككى ئايدا چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %614.03 ئاشتى

ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 1 ـ، 2 ـ ئايدا، ئۈرۈمچى چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى جەمئىي 721 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇپ،