ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، ئىشلەپچىقىرىش تۇتۇلدى، سۈرئەت تېزلىتىلدى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-20 16:17

بىپايان دالىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تۆمۈر ساپان بىلەن يەر ئاغدۇرماقتا؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، تۈرلۈك ماشىنىلار تېز سۈرئەتتە ئايلانماقتا؛ قۇرۇلۇش ئورنىدا، قوزۇق قېقىش ماشىنىلىرى تەرەققىيات ئاساسىنى سالماقتا... جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى كەڭ تۇپراقتا، ھەممىلا جايدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، تېز ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش مەنزىرىسى نامايان بولدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن 1-پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»قا ئاتلاندى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت يەتكۈزۈش

  1-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 2024-يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلار توردا ۋە تور سىرتىدا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل ئۆتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

  «خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا ئىشىكىمىز ئالدىدا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم، ئىش ئورنى بىرقەدەر كۆپ ئىكەن، مەنمۇ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالىدىم.» 12-مارت، قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «باھار شامىلى ھەرىكىتى ھەم كارخانىلاردا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، خىزمەت ئىزدىگۈچى ئالىيە رىشات خىزمەت تاپقاندىن كېيىن، كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدكە تولدى.

  خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، 21 كارخانا نۇقتا تەسىس قىلىپ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى داۋالاش، پۇل مۇئامىلە، مېھمانساراي، يېمەك-ئىچمەك، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار 480دىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. نەق مەيداندا يەنە سىياسەت جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش - مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمگەك قانۇنىدىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق مەخسۇس رايونلار تەسىس قىلىنىپ، تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىش، سىياسەتلەرنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يار - يۆلەك بولۇش، ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش قەرز پۇلى بېجىرىش قاتارلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەندى.

11-مارت، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاياغلىشىشى بىلەنلا، شىنجاڭ بىلەن گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭدا بىر مەيدان مۇھىم يىغىن − مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنى ئاچتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش سىگنالى قويۇپ بېرىلدى.

  شۇ كۈنى، «ئاياللار سالاپىتىنى نامايان قىلىش، ئاياللار كۈچىنى ئۇرغۇتۇش» تېمىسىدىكى باھار شامىلى ئىش ئورنى يەتكۈزۈش ئاياللار مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرى جىنخۇا يېڭى كەنتى − فاڭسۇ. ھويلا باغ - ئورمان مەدەنىيەت كەسپى باش تېما كەنتىدە باشلاندى. نەق مەيداندا، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 13 كارخانا تەرجىمان، مەشغۇلات ئىشچىسى، بوغالتىر، كاتىپ، مۇلازىمەتچى، ماتېرىيال خادىمى، تازىلىق ئىشچىسى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئىش تۈرلىرىدىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  «2023-يىلىدىن باشلاپ، شىركىتىمىز توققۇز مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، بۇ قېتىم ئاياللارغا قارىتىلغان مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىشتا، جەمئىي 80 ئىش ئورنى ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى، ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئايال خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى، دەسلەپكى قەدەمدە 100 كىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدۇق» دېدى ئاقسۇ جىرۇن يېزا-كەنت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ مەنيۈەن.

  بۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ. 13-مارت، 2024-يىللىق «باھار شامىلى ھەرىكىتى» ھەم خوتەن ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىنىڭ ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەمكارلىقى بويىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنى خوتەن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن كارخانىلار نېفىتلىك، مۇلازىمەتچىلىك، ئادەتتىكى ئىشچىلىق قاتارلىقلار بويىچە 600دىن ئارتۇق ئەلا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، نەق مەيداندا 139 كىشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.

  تۈر قۇرۇلۇشىدا سۈرئەت تېزلىتىلدى

  ھازىر، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى تەۋەسىدىكى يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ، قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتاتتى. «نۆۋەتتە، توسمىنىڭ ئوڭ - سول قىرغىقىدىكى توسما گەۋدىسى ھەم دەريا قىنىدىكى تاش-داشقاللارنى تازىلاۋاتىمىز، 140 مىڭ كۇب مېتىر تاش - داشقالنى مۇشۇ ئايدا تازىلاپ بولۇشنى مۆلچەرلىدۇق» دېدى بۇ قۇرۇلۇش 1-بۆلەك تۈر بۆلۈمى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ ۋېي.

  يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تولۇقلاشنى ئاساس قىلغان، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن، توك چىقىرىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش تىپىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش. تۈردە قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سۈرئەتنى تېزلەتتى.

  شىنجاڭ گېجوۋبا يۇرۇڭقاش سۇچىلىق تۈگۈنى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۈي ئەنجې مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، باھار بايرىمى مەزگىلىدە قۇرۇلۇش داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى، ھازىر نورمال قۇرۇلۇش سىجىللىقى ئەسلىگە كەلدى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قۇرۇلۇشقا 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، قاتناش قۇرۇلۇشى ھەم سۇ قويۇپ بېرىش ئىنشائاتى، توسما گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنىڭ %50ى تاماملاندى. بۇ يىل، 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا توسمىغا تاش-توپا تىندۇرۇش ھەم زاۋۇت ئۆيى ئۇل ئازگىلىنى قېزىش پىلانلاندى.

  شىنجاڭ چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئوخشاشلا ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى. «نۆۋەتتە، قۇرۇلۇش مەيدانىغا تەخمىنەن قۇرۇلۇش قىلغۇچىدىن 1000ى، ماشىنا - ئۈسكۈنىدىن 300 دانە\يۈرۈش كىردى، ھەرقايسى قۇرۇلۇش مەشغۇلات دائىرىسىنىڭ ھەممىسىدە ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلدى.» شىنجاڭ گېجوۋبا چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى مىڭدې مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، توسمىغا 200 مېتىردىن ئارتۇق تاش-توپا تىندۇرۇلۇپ، لايىھەدىكى مىقدارنىڭ %90ى تاماملاندى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئىش ئورنىنى ئاشۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرى، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدا چىڭ تۇتۇلۇپ ئىشلەنمەكتە.

  7-مارت، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى تۇنجى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ياسىمىچىلىق تۈرى − 0.5GWh باتارېيە ھەم ئېنېرگىيە ساقلاش ئىشكاپى PACK ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالاندى. بۇ تۈرنى خۇنەن چېنچۇ ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تەجرىبىخانىسى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرى يىلىغا 0.5GWh ئاليۇمىن قاپلىق لىتىي ئېلېكتىرونلۇق ئېنېرگىيە ساقلاش باتارېيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھەم يىلىغا 0.5GWh ئاليۇمىن قاپلىق لىتىي ئېلېكتىرونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر PACK ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۈر كۆزلىمە ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا يەتكەندىن كېيىن، ئىشقا ئاشۇرۇلغان مەھسۇلات قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 175 مىليون يۈەن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدا كۈچ يېتەرلىك بولدى

  ھەممە شەيئىلەر جانلاندى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئالدىراشچىلىقى باشلاندى. جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىدىكى كەڭ يېزا-كەنتلەرنى ئارىلىغاندا، سۇ قويۇپ بېرىپ سۇغىرىش، ئېتىز قىرلىرىنى ياساش، چاتاپ قوشۇمچە ئوغۇتلاش، مايسا كۆچۈرۈپ تىكىش قاتارلىق بىر قاتار ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئاستا - ئاستا نامايان بولىدۇ.

  پەيزاۋات ناھىيەسى غولتوغراق بازىرى ئوتتۇرا قوشكۆل كەنتىدىكى 1000 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك قوش يوپۇقلۇق پەيزاۋات قوغۇنى تېرىقچىلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار تەرتىپلىك ھالدا تېرىقچىلىق مەشغۇلاتى قىلىۋاتاتتى. «ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلاردا، يەر ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، سولياۋ يوپۇق يېپىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.» بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئېلى تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئوتتۇرا قوشكۆل كەنتى 2600 مو يەرگە پەيزاۋات قوغۇنى تېرىشنى پىلانلىدۇق، نۆۋەتتە 1900 مو يەرگە تېرىپ بولدۇق.

  14-مارت، يوپۇغا ناھىيەسى يەكشەنبە بازار بازىرى چۈرۈچ كەنتىدە، تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىكى جاڭ يەنبىن ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەۋاتقان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئارپىبەدىيان تېرىۋاتاتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يوپۇغا ناھىيەسى ئارپىبەدىيان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئارپىبەدىيان تېرىلغۇ كۆلىمىنى يىلمۇيىل كېڭەيتتى. بۇ يىل 1-ئايدا، شىنجاڭ زىرە (ئارپىبەدىيان) كەسىپ تېخنىكا تەتقىقات ئورنى يوپۇغا ناھىيەسىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، ئارپىبەدىيان كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  بۇلتۇر، جاڭ يەنبىن ئاكا-ئۇكا 600 مودىن ئارتۇق يەرگە ئارپىبەدىيان تېرىغانىدى، مو بېشى پايدىسى 1900 يۈەن ئەتراپىدا بولدى، ئۇنىڭغا يەنە كىرىشتۈرۈپ تېرىغان كېۋەزنى قوشقاندا، كىرىمى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن %30كە يېقىن ئاشتى. «بۇ يىل بىز بىر قىسىم يەرنى ئوبوروت قىلىپ، 1000 مو يەرگە ئارپىبەدىيان تېرىدۇق، باھار بايرىمىدىن كېيىن باستۇرۇپ سۇغىرىش، يەر ئاغدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئۇقۇشۇشقا باشلىدۇق. بۇ يىل كىرىمىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى جاڭ يەنبىن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشتا، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سولياۋ يوپۇق مۇھىم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيا مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. 

  11-مارت، ئونسۇ ناھىيەسىگە جايلاشقان ئاقسۇ خېشىن سولياۋ خىمىيە سانائىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، 11 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن يۈرۈشۈۋاتاتتى، سولياۋ يوپۇق ياساش ماشىنىسىدا پۈۋلىنىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان يۆگەم - يۆگەم ئەلا سۈپەتلىك سولياۋ يوپۇقلار ئۈزۈلدۈرۈلمەي ئىشلەپچىقىرىلدى؛ مەھسۇلات ساقلاش رايونىدا، يولغا سېلىنىش ئالدىدا تۇرغان يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ھەر خىل تىپتىكى سولياۋ يوپۇقلار رەتلىك تىزىپ قويۇلغانىدى.

  «نۆۋەتتە، شىركىتىمىز ھەر كۈنى 45 توننا يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سولياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقىرىپ، ئاساسلىقى ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ھەم بىڭتۇەن 1-شىسىنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدانلىرىنى تەمىنلەۋاتىمىز. بۇ يىل، شىركىتىمىزنىڭ زاكاز مىقدارى 8000 توننىغا يەتتى، نۆۋەتتە 4000 توننىدىن ئارتۇق ئىشلەپچىقاردۇق، 3000 توننىدىن ئارتۇق مالنى يولغا سالدۇق» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ يۇڭ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، ئىشلەپچىقىرىش تۇتۇلدى، سۈرئەت تېزلىتىلدى

بىپايان دالىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تۆمۈر ساپان بىلەن يەر ئاغدۇرماقتا؛ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، تۈرلۈك ماشىنىلار تېز سۈرئەتتە ئايلانماقتا؛ قۇرۇلۇش ئورنىدا،