ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت باش كارخانىلىرى بەس-بەستە شىنجاڭغا كېلىپ كېلىشىم ئىمزالىدى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 08:24

  18-مارت، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى 2024-يىللىق ماركېتىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەمراھىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ساياھەت بايلىقى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى ھەم كەسپىي ھەمكارلىق، سودا ھەمكارلىقى، ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كېلىشىم ئىمزالىدى، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ساياھەت باش كەسپىي ئۆمەكلىرى كېلىشىم ئىمزالاش سېپىگە قوشۇلدى.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پېيى كونترول قىلىنىدىغان بالا شىركىتى بولۇپ، ئاساسلىقى مەنزىرە رايونى كەسپىگە مەبلەغ سېلىش، يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش، قۇرۇش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كەسىپ ھالىتى ساياھەت كەسپىدىكى «يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت-مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت بارلىق مۇھىم ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قاناس، نارات، بۇيلۇقتىن ئىبارەت دۆلەت 5A دەرىجىلىك ئۈچ مەنزىرە رايونى، كارىز خەلق ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، قۇمتاغ قۇملۇقىدىن ئىبارەت دۆلەت 4A دەرىجىلىك ئىككى مەنزىرە رايونىدا يادرولۇق كەسىپ ھالىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى بار ھەم قارىمىقىدا تولۇق سالاھىيەتكە ئىگە خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى − داشىبۇ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بار.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ما يۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل شىركىتىمىز داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى، يۇلتۇزلۇق مېھمانسارايلار بىلەن ھەمكارلىشىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى يارىتىشنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، توردا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بازار ماركېتىڭى ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت-ئويۇن قويۇش، خاسلىققا ئىگە ساياھەت سۈرىتى تارتىش، سودىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش، تۈرگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت ئىچىدىكى باش كەسپىي كوللېكتىپلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شىركەتنىڭ مەھسۇلات كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىدۇ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  ماركېتىڭ يىغىنىغا بېيجىڭ يۈەنلۇڭ ياتۇ مەدەنىيەت تارقىتىش پاي چەكلىك شىركىتى، يۈشاڭ خېمېي مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، بوجۆيوۋ (شيامېن) مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن ساياھەت باش كارخانىلىرى بەس-بەستە قاتناشتى ھەم كېلىشىم ئىمزالىدى. «بۇ يىل بىز شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، چوڭ IP مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە يېڭى تاراتقۇ ماركېتىڭى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.» بېيجىڭ يۈەنلۇڭ ياتۇ مەدەنىيەت تارقىتىش پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى تاراتقۇ تىجارىتى باش لىدىرى لىن چىڭلىن مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ مەدەنىيەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ھاسىلىي بۇيۇملارنى لايىھەلەشنى ھەم شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، باشقا جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچىنى جەلپ قىلىشنى پىلانلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىزىق نۇقتا پائالىيەتلىرى ۋە مەھسۇلات ماركېتىڭى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىمىز.

  شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىر تۈركۈم ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك، كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشنى چۆرىدەپ، «ساياھەتچىلىك كەسىپ ھالىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ھازىر بار بولغان مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئىستېمال كەسىپ ھالىتى، ئىستېمال كۆرۈنۈشىنى بېيىتىپ، «مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش پىلانى»نى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىلاردا بىر تۈركۈم تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۆزى ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى تەمىنات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەسپىي ئاپپاراتلار، تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم «مەدەنىيەت+» «تەنتەربىيە+» «ساياھەت+» كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى يۇغۇرۇلغان تۈر ۋە مەھسۇلاتلارنى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قۇملۇق شادلىق بايرىمى، باش تېمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئۆتكۈزىدۇ. جامبۇلاق، نارات، بۇيلۇق، قۇمتاغ قۇملۇقى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چۆكۈش شەكلىدىكى ئويۇن قويۇش، خاسلىققا ئىگە ساياھەت سۈرىتى تارتىش، مەۋھۇم رېئاللىق ئويۇنى قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئەندىزىلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

  2023-يىلى، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۈلۈك كۆلىمى 22 مىليارد يۈەنگە، ساپ مۈلكى 11 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %145، %180 ئاشتى. مەيديەن تەتقىقات ئورنى 2024-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغان مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھى داڭلىق ماركىلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى رەت تەرتىپىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە شۇ ساھەدىكى 100 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەت باش كارخانىلىرى بەس-بەستە شىنجاڭغا كېلىپ كېلىشىم ئىمزالىدى

18-مارت، شىنجاڭ مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات پاي چەكلىك شىركىتى 2024-يىللىق ماركېتىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى 100دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھەمراھىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ،