ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتتى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 08:27

ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى:​

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتتى


  سېخلار ئالدىراشلىققا تولغان، ماشىنىلار گۈرۈلدىمەكتە؛ مۇنبەت تۇپراققا مەبلەغ سېلىنىپ، قۇرۇلۇشلار جىددىي ئىشلەنمەكتە... ھەربىر رايون، ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان سىيمالارنى، باشقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ قىياپىتىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  1-پەسىل پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۆنىلىش بەلگىسى، كىرىچنى تارتىپ تەق بولۇپ، جەڭگىۋارلىقنى مۇجەسسەملەيدىغان پايدىلىق پۇرسەت، چوڭ قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرىلەش، ئىشنى كۈچەپ تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچ. ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى «باھارغا قاراپ ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش» قىياپىتى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتماقتا.

  تۈرلەرگە نەزەر −

  تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچى يېتەرلىك بولدى


  باھار شامىلى ئىللىقلىق بېغىشلاپ، ئوت-چۆپلەر بىخ چىقاردى، ئۈرۈمچى - قاراماي - سانجى بۆلەك رايونىدا نۇقتىلىق تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاندى ياكى ئىش باشلاندى.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار كىيىم-كېچەك سودا مەركىزى شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوۋلەي تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ نەق مەيدانىدا، تاشقى كۆرۈنۈشى قىزىل خىش ئۇسلۇبىدىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەرقايسى بىنالارنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز، تام يۈزى، ئۆگزە شەكلى، لىفىت ئورنىتىش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ تاماملانغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ ئاليۇمىن تاختىسى ئورنىتىش قاتارلىق ئىنچىكە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز؛

  جىنفېڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مورى ناھىيەسىدىكى 800 مىڭ كىلوۋاتلىق تەجرىبە شامال ئېلېكتىر مەيدانى تۈرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىراشلىققا تولغانىدى؛ قاراماي شەھىرى مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ نەق مەيدانىدا، قۇرۇلۇش جىددىي ئىشلىنىۋاتاتتى...

  بۇ يىل باھاردا، ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونىدىكى ھەربىر نۇقتىلىق تۈر خۇددى «باھار مايسىلىرى»غا ئوخشاش قۇياش نۇرىدىن بەھر ئېلىپ تۇپراقنى يېرىپ چىقتى، ھەربىر قۇرۇلۇش نەق مەيدانلىرى خۇددى «يۈگۈرۈش يولى»غا ئوخشاش بىر-بىرى بىلەن بەيگىگە چۈشۈپ قۇرۇلۇش قىلدى.

  بىر يىل ئىلگىرى، شىنجاڭ بويىچە كەينى-كەينىدىن ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى، شەرقىي شىنجاڭ بۆلەك رايونى، شىمالىي شىنجاڭ بۆلەك رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەق مەيدان يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق موتور، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسى.

  تۇنجى پەسىل مۇقىم بولدى، تۇنجى ئىش غەلىبىلىك باشلاندى. ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۇتۇپ، چوڭ تۈرلەرنى تۇتۇپ، 2023-يىللىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ داۋاملاشما خىزمىتى ۋە 2024-يىللىق نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتتى.

  بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە جەمئىي 580 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى بېكىتتى. نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە، 10 مىليارد يۈەندىن يۇقىرى تۈردىن 10ى، 5 مىليارد يۈەندىن 10 مىليارد يۈەنگىچە بولغان تۈردىن 13ى بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  قاراماي شەھىرى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە جەمئىي 221 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى بېكىتتى. نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىچىدە، 500 مىليون يۈەندىن يۇقىرى تۈرلەردىن 70ى بار، ئومۇمىي سېلىنما 196 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، نېفىت-تەبىئىي گاز ئېچىش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يورۇقلۇق ۋولت، سۇچىلىق قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

  سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى 24 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، ئالتە نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 70 نۇقتىلىق تۈرنى بېكىتكەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 550 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولدى. تۈرلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، ئومۇمىي سېلىنما بىر قاتلىنىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  سانائەتكە نەزەر −

  «يېڭىلىق» ئارقىلىق «ئالاھىدىلىك» يۈكسەلدۈرۈلدى


  يېقىندا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزىدە، تەتقىق قىلىپ ئېچىش كوللېكتىپى شىپايى چىش مىلىكىنى چىڭىتىش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى جۇڭيى دورىلىرىنى ياخشىلاش بويىچە يېڭى دورا ئېچىشنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، بۇ دورا رادىيوئاكتىپلىق ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردە ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  «بۇ دورا ماس كېلىدىغان كېسەللىكنى داۋالاش دۆلەت ئىچىدىكى بىر بوشلۇق ھېسابلىنىدۇ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كىلىنىكىلىق سىناق قىلىش ئىجازىتىگە ئېرىشىشىمىزدىن ئۈمىد بار» دېدى شىنچىكاڭ دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش باش نازارەتچىسى ما شۈەن.

  بۇلتۇر، شىپايى چىش مىلىكىنى چىڭىتىش سۇيۇقلۇقى 280 مىليون يۈەنلىك سېتىلىش سوممىسى بىلەن بۇ شىركەتنىڭ مىللىي تېبابەت دورىلىرى بويىچە 1-چوڭ داڭلىق ماركىسىغا ئايلاندى، بۇ يىل سېتىلىش سوممىسىنىڭ 400 مىليون يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

  «تۆۋەن ئېقىندىكى زاۋۇت، كارخانىلارنىڭ دەلىللىشىچە، شىركىتىمىز سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار خەلقئارا ئۆلچەم ۋە كارخانا ئېھتىياجىغا تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىكەن، بۇ، بىزنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ بارىدىغان 1-قارارلىق تۈردىكى تۇنجى يۈرۈش قۇرۇلمىنى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشىمىزگە كۈچلۈك ئىشەنچ بېغىشلىدى» دېدى يىپۇ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ گاڭگەن.

  بۇ شىركەت 2022-يىلى قاراماي شەھىرىدە 2 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 720 مىڭ توننا بولغان مۇھىت قوغداش تىپىدىكى، يېمەكلىك بوتۇلكىسى دەرىجىسىدىكى پولىئېستېر ھەم بىيولوگىيەلىك پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلىدى. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرى، 1-قارارلىق يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 120 مىڭ توننىلىق پارچىلىنىدىغان يېڭى ماتېرىيال پولىئېستېر قۇرۇلمىسى ماتېرىيال سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھازىرغا قەدەر، 1500 توننىدىن ئارتۇق پولىئېستېر ياپراقچىسى مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىلدى. دۇ گاڭگەن مۇنداق دېدى: 120 مىڭ توننىلىق پارچىلىنىدىغان پولىمېر يېڭى ماتېرىيال قۇرۇلمىسى مەھسۇلاتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىلىق يېمەكلىك بوتۇلكىسى دەرىجىسىدىكى پولىئېستېر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدا تەركىبىدە ئېغىر مېتال بولمىغان كاتالىزاتور ھازىرقى ئەنئەنىۋى سۈرمە/تىتان سىستېمىسىدىكى كاتالىزاتورنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلدى، مەھسۇلاتلىرىمىز تېخىمۇ مۇھىت قوغدايدىغان، ساغلام بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇردى.

  ھازىر، «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى» جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى بىر چوڭ ئاچقۇچلۇق سۆز بولۇپ قالدى، بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا «زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش» مۇھىم ۋەزىپە قىلىندى. «يېڭىلىق» ئارقىلىق «ئالاھىدىلىك»نى يۈكسەلدۈرۈپ، «ئالاھىدىلىك» ئارقىلىق «يېڭىلىق»قا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۈپەت ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى توپلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سانائەت بۇيۇملىرى سۈپىتىنىڭ «قىممىتى» ۋە «يېڭىلىق تەركىبى»نى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  «2024-يىلى، بىز 100 مىليون يۈەن <ئىككى رايون> پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ قوزغاتقۇچلۇق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى، لەنشەن تۇنخې پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى، سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كۆمۈردىن سۈپەتكە، دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش، ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ گېنىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق 60 نەچچە تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، قوللىنىپ ھەم نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان زەنجىرسىمان تەسىر شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىمىز» دېدى سانجى ئوبلاستلىق پەن-تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گې ۋېيجۈەن.

  خەلق تۇرمۇشىغا نەزەر −

  مۇقىم ئېشىشقا كۈچ قوشۇلدى


  ئىقتىسادتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى قولغا كەلتۈرۈشتە خەلق تۇرمۇشى «تۇراقلاشتۇرغۇچ».

  بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادتا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»قا تۈرتكە بولۇشقا ئېلاستىكلىق ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، يەنە بىر ئۇچى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە چېتىلىدۇ.

  «مېنىڭ كەسپىم ئانچە بازارلىق كەسىپ ئەمەس، ئەسلىدە سىناپ بېقىش مەقسىتىدە كەلگەنىدىم، راستىنلا كەسپىمگە ماس كېلىدىغان بىرقانچە ئىش ئورنىنى تاپالىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن» دېدى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى ئۆتكۈزگەن «باھار شامىلى ئىش ئورنى يەتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش» چوڭ تىپتىكى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى لى ۋېنيۈ.

  بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش نەق مەيدانى ئىشلەپچىقىرىش-ياساش، ئەشيا ئوبوروتى-ئامباردا ساقلاش، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى، ئۆي-جاي مۇلازىمىتى-ئامانلىق ساقلاش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادەم ئىشلەتكۈچى 95 ئورۇننى جەلپ قىلىپ، كەڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى 2000دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  «ئىلگىرى جۇڭيى دوختۇرىغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن، دوختۇرخانا ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كۆرۈنۈشكە توغرا كېلەتتى. ھازىر ئىشىك ئالدىمىزدىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىلا جۇڭيى تېبابىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولدى، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قاراماي شەھەرلىك جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانا (شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى) تەييارلاپ ۋاكالىتەن قاينىتىپ بېرىدۇ، يەنە تېخى ئۆيگىچە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بەك قولايلىق!» يېقىندا، قاراماي شەھىرى تىيانشان يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىدە كېسەل كۆرسىتىۋاتقان سۇ خۇيمىن شەھەر داۋالاش گۇرۇھىنىڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىخچام دورىخانىسىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

  قاراماي شەھىرىدىكى شەھەر داۋالاش گۇرۇھىنىڭ جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىخچام دورىخانىسى بۇ يىل 2-ئايدا پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، شەھەرلىك جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانا (شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى)نى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ئالاقە تورى، نەرسە تورى، يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلام دوختۇرلىرىنى جۇڭيى تېبابىتى دورىسى رېتسېپىنى تېز، توغرا، بىخەتەر، ئىلمىي يېزىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

  مۇخبىرنىڭ سانجى ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-، 2-ئايدا، سانجى ئوبلاستىنىڭ %70تىن ئارتۇق ئاممىۋى مالىيە مەبلىغى خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ئىشلىتىلگەن. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 5 مىليارد 364 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 3 مىليارد 994 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.25 ئېشىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %74.5ىنى ئىگىلىگەن.

  خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولغاندا، بىر جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاندىن پۇختا تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ.

  ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ياخشى ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش... بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى-قاراماي-سانجى بۆلەك رايونى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، «خەلق تۇرمۇشى جاۋاب قەغىزى»نى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن يازماقتا.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتتى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ «باھار كۈيى»نى ياڭراتتى