ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا «پەن-تېخنىكىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ رەسىملىرى» كەڭ يېيىلدى

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 08:17

  باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى. ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ بىرىنچى سېپىدە دېھقانلار تىرىشىپ ئىشلىدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇنبەت دالىلاردا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى ئۇسۇللار ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى، ھەرقايسى جايلار يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىغا كۈچ قوشۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. «پەن-تېخنىكىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ رەسىملىرى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تەدرىجىي كەڭ يېيىلدى.

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ھەممە يەر «پەن-تېخنىكا تۈسى»گە تولدى 

  23-مارت، باھار شامىلى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتتى، قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قوشئاۋات بازىرى سەمەن كەنتىدىكى 1000 مولۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك قىزىلچا تېرىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىسى چېن جيەنشېڭ بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان تۆت شوپۇرسىز قىزىلچا تېرىش ماشىنىسىنىڭ ئېتىزدا مەشغۇلات قىلىشىغا دىققەت قىلىپ تۇراتتى.

  «بۇ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى ئۇرۇق سېلىش، يوپۇق يېپىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش، كۆمۈش قاتارلىق بىر قاتار مەشغۇلاتلارنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ، ئېتىز قىرلىرى تۈز، ئارىلىقى تەكشى بولىدۇ» دېدى چېن جيەنشېڭ.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەر تېرىغاندا كۈچنى تېجىگىلى بولىدۇ. تىزگىنەكلىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، سولياۋ يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش... بارغانسېرى كۆپ «پەن-تېخنىكا تۈسى»گە ئىگە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىش ئورنىغا چىقىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بەردى.

  ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكئاغاش يېزىسى قارا تاقىر كەنتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى شوپۇرى جاڭ خېڭجۈن بۇلتۇر بۇغداي ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى سېتىۋالغانىدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ يېقىندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىۋاتاتتى.

  «يېڭى ماشىنىنىڭ باھاسى قىممەت بولسىمۇ، ئۈنۈمى يۇقىرى، بولۇپمۇ بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغاچقا بىز تېخىمۇ خاتىرجەم» دېدى جاڭ خېڭجۈن.

  بۇ يىل، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدە 320 مىڭ مودىن ئارتۇق كۈزگى بۇغداي تېرىلدى. ھازىر، كۈزگى بۇغدايلار ئارقا -ئارقىدىن قايتا كۆكلەپ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى. بۇ ناھىيەنىڭ ئايباغ بازىرى ئۈستۈنكى قۇمباش كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى سولياۋ يوپۇقنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سولياۋ يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى قوللىنىلىپ كۈزگى بۇغداينىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاشۇرۇلۇپ نەملىكى ساقلانغاندىن كېيىن، بۇغداينىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 600 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولدى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇغداي تېرىش ئاكتىپلىقى يەنىمۇ ئېشىپ، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى مۇقىملاشتى.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رەقەملىشىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى.

  «بۇ يىل، قەشقەر ۋىلايىتى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈپ، بىر تۈركۈم يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماشىنا-سايمانلارنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىپ، ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتىنى %87تىن ئاشۇرىدۇ» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جياڭ چۇڭخەي.

  يەر تېرىش، ئېتىز پەرۋىشىدىكى ياخشى ياردەمچى

  ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا، «يۇقىرى پەن-تېخنىكا» «ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش» يەر تېرىش، ئېتىز پەرۋىشىدىكى ياخشى ياردەمچى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

  ماناس ناھىيەسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يېڭى تېخنىكىلارنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، تېرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، ماناس ناھىيەسىدىكى 15 مىڭ مو يەردە يازغى بۇغداي تېرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى، 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تېرىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەندى.

  21-مارت، ماناس ناھىيەسىنىڭ ليۇخۇدى بازىرى ياڭجياداۋ كەنتىدىكى يازغى بۇغداي تېرىش بازىسىدا، بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان زور ئات كۈچىگە ئىگە ئىككى تىراكتور يېڭىچە ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى سۆرەپ ئېتىزدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.

  «بۇ يەر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، ھەممىسىدە سۇغىرىش-ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ماشىنىلار تېرىش ئۈنۈمى ۋە تېرىش ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ماشىنىلاشقان پەرۋىش، يىغىشقا ئاساس سالدى» دېدى ياڭجياداۋ كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسىدىن خوۋ ۋېنشۇاڭ. نۆۋەتتە، بۇ جاي بۇغداي تېرىشنى %100 ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئادەم كۈچى ۋە تېرىقچىلىق تەننەرخىنى تېجىشىگە ياردەم قىلىپلا قالماي، يەنە بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئىلگىرىكى 200-300 كىلوگىرامدىن ھازىرقى 500 كىلوگىرام ئەتراپىغا ئاشۇردى.

  كۇچا شەھىرى بېيىشباغ يېزىسىنىڭ بوستان 2-كەنتىدە، شىنجاڭ شىنچياۋ ئاقىل سۇ ئىشلىرى پاي چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان ئاقىل يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش يىراق مۇساپىلىك مەشغۇلات سۇپىسى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۈزگى بۇغداينى دەل جايىدا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، ھەمدە سۇ مىقدارىنى دەل جايىدا كونترول قىلىپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئىلگىرىكىدىن %30، ئوغۇتلاش مىقدارىنى %20تىن كۆپرەك تېجەپ قالدى.

  كىچىك تىپتىكى مېتېئورولوگىيە پونكىتى، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ئاپتوماتىك كۆزىتىپ ئۆلچەش پونكىتى، ھاشارات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىسى... غۇلجا ناھىيەسى ئونيار بازىرىنىڭ بۇلۇكەي كەنتىدىكى خېجياۋاڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئۈسكۈنىلەر ئېتىزنىڭ نەملىك دەرىجىسى، كۈن نۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى، تۇپراقنىڭ نەملىكى قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپلا قالماي، يەنە ئېتىزدىكى مايسا ئەھۋالى، ھاشارات ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كومپيۇتېر ئارقىلىق زىرائەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈش جەريانىنى نازارەت قىلىش - پەرۋىش قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «كوپىراتىپىمىز ھاۋالىلىك باشقۇرۇۋاتقان 5000 مودىن ئارتۇق يەرنىڭ ھەممىسىدە ئاساسىي جەھەتتىن ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىلگىرى نەچچە ئادەم پەرۋىش قىلىدىغان ئېتىزلارنى بىر ئادەم پەرۋىش قىلىدىغان بولدى، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى شىنجاڭ خېۋاڭ يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەمىنلەش زەنجىرى مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ليۇ جۈنجيې.

  يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى تېزلىتىلدى

  ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە كىشىلەر ئېتىزلاردا ئالدىراش بولۇپلا قالماي يەنە سېخلاردىمۇ ئالدىراش بولدى.

  بۇ يىل، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان يېڭىسار ناھىيەسى چىڭيۈەن سولياۋچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 5 مىليون يۈەنلىكتىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلدى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە توختىماي مەشغۇلات قىلىندى. سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئېڭىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى.

  «بۇ يىلقى مەھسۇلاتىمىزغا يېڭى تېخنىكا ئىشلىتىلدى، سۇ تېجەش ئۈنۈمى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ دىرېكتورى لى خەيلۇڭ.

  تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا كېۋەز تېرىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.

  «ھازىر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىرىدا رىقابەت كەسكىن، مەھسۇلات كۆپ، تۈرمۇ كۆپ، بىز جەزمەن مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىمىز» دېدى شىنجاڭ جىنتيەنچېڭ ماشىنا - جابدۇق چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى جاڭ يىڭ.

  بۇ يىل، شىركەت كېۋەز بىلەن ئارپىبەدىياننى كىرىشتۈرۈپ تېرىيدىغان يېڭى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ھەمدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەشغۇلات سىستېمىسى سەپلەنگەن خاسىڭنى تۈجۈپىلەپ تېرىش ماشىنىسىنى بازارغا سالدى.

  «نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان باشلامچى كارخانىلار مەيلى مەھسۇلات سۈپىتى ياكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى جەھەتتە بولسۇن، بازاردا ئالدىنقى قاتارىدا ماڭماقتا.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ شۆنۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، كىچىك تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەسىلەن، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى قاتارلىقلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى، شۇنداقتىمۇ ئۈنۈمىنى يەنە ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان پاختا يىغىش ماشىنىسى «چولپان مەھسۇلات» بولۇپ، شىركەت ئۈچۈن بازار ئېچىپ بەردى. 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىركەت كۆپ خىل زىرائەتلەرنىڭ ئېتىز پەرۋىشى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان دورا چېچىش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشتى، نۆۋەتتە، توختىماي زاكاز قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  «بۇ يىل، شىركىتىمىز مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرۇپ، تىرىشىپ تېخنىكىلارنى يېڭىلاپ، بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ» دېدى شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ماركېتىڭ پىلانلاش مەسئۇلى بەي جىنيەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا «پەن-تېخنىكىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ رەسىملىرى» كەڭ يېيىلدى

باھار دولقۇنى مەۋج ئۇرۇپ، بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا-ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى.