ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 09:01

  25-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 2024-يىللىق 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ ۋە قاراپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. 

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2023-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. 2024-يىلى، كۈندىلىك نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئاغرىق نۇقتا، قىزىق نۇقتا، خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلار، نۇقتىلىق كارخانىلار قاتارلىقلارغا چىڭ قادىلىپ خەۋپ-خەتەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، نىشانلىق تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى ئارقىلىق ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇش، مەكتەپلەردە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش، ياشانغانلار ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى جەھەتتىكى ساختا تەشۋىقات ۋە ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك. 

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەنبەدىن قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ مۇھىت بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، قوغداش قاتارلىق ھالقىلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەش كېرەك. جەرياننى قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتىن ئوبوروت، ئىستېمالغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى كارخانىلار تىزىملىكىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىكى قاراڭغۇ رايون، ئۆلۈك بۇلۇڭلارنى ئازايتىش كېرەك. مەسىلە ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بايقاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق مەھسۇلات، كارخانا، ساھەلەرنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان، ئىشلىتىش چەكلەنگەن دېھقانچىلىق دورىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلىتىشنى تۈزەش، دېھقانچىلىق دورىلىرى، ھايۋانات دورىلىرى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشنى تىزگىنلەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «ئالاقە تورى+نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە بىرلىشىپ جازالاپ ئاگاھلاندۇرۇش، ئىناۋەت يېتەكچىلىكىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەر ناھىيە بەرپا قىلىشنى سىجىل يولغا قويۇپ، «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى تەشۋىقات ھەپتىلىكى» قاتارلىق باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاشلىق، ياغ، يېشىل ئورگانىك مېۋە-چېۋە، كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا (ئۆي قۇشلىرى) مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپ توپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى چوڭقۇر رەتلەپ، يەرلىك خاس يېمەكلىك كەسپىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆلچەمنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنى «شىنجاڭ سۈپىتى» ئېتىراپنامىسىنى ئىلتىماس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ داڭلىق، ئەلا، خاس، يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىنى قوللاش كېرەك. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا كارخانىلارنىڭ خەۋپ - خەتەر ئىناۋەت دەرىجىسى بويىچە پەرقلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى «بىرىنچى قول رەھبەر قۇرۇلۇشى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھۆددىگە ئېلىش، كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈندىلىك تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ تەكلىپنامە، بىر خەت» تۈزۈمىنى ياخشى قوللىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

25-مارت چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 2024-يىللىق 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى.